ئۇيغۇرچە يېڭى ئاتالغۇلارنى بىلەمسىز؟

ۋاقتى: 2012-04-09 / تۈرى: ئاتالغۇ مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 1,816 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى ئاتالغۇ پەيدا بولىۋاتىدۇ. 2010-يىلىنى مىسالغا ئالساق، توردىكى مەلۇماتقا قارىغاندا:

شۇ يىلىدىكى خەنزۇ تىلىدىكى يېڭى ئاتالغۇ جەمى 396 بولۇپ،

ئەگەر بۇ ئاتالغۇلارنى ساھالەر بويىچە ئايرىساق:

تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىكى 117 بولۇپ %30 نى ئىگىلىگەن؛

ئېقىم مەسىلىلىرىگە  مۇناسىۋەتلىكى  86 بولۇپ %22 نى ئىگىلىگەن؛

ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىكى  65 بولۇپ %16 نى ئىگىلىگەن؛

مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىكى  48 بولۇپ %12 نى ئىگىلىگەن؛

پەن-تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىكى  35 بولۇپ %9 نى ئىگىلىگەن؛

مائارىپقا مۇناسىۋەتلىكى  28 بولۇپ %7 نى ئىگىلىگەن؛

مۇھىت ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىكى  15 بولۇپ %4 نى ئىگىلىگەن؛

تەنتەربىيىگە مۇناسىۋەتلىكى  2 بولۇپ %0.5 نى ئىگىلىگەن.

دېمەك يېڭى ئاتالغۇ ھەممە ساھەلەردە دېگۈدەك بار، ئەمدىكى مەسىلە مۇشۇ يېڭىدىن چىقىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى ۋاقتىدا چىقىۋاتامدۇ يوق؟ چىقسا كىم تەرىپىدىن چىقىۋاتىدۇ؟ مۇشۇ قىزىقىشىم بىلەن توردىن ئاقتۇرسام ئاتالغۇغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم.

بىرىنچى ئۇچۇر:  ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2011-يىلى فېۋرالدا تارقاتقان، «2010-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تىكى بىر قىسىم ئاتالغۇ، پاي چېكى، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ھاۋا ترانسپورتىغا دائىر بىر قىسىم ئاتالغۇ ، شۇنىڭدەك كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرغانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى(مەنبە: http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2011-03/29/content_134361.htm)؛

ئىككىنچى ئۇچۇر: ئالىم ئەھەد ئەپەندىنىڭ بلوگىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئائىت ئاتالغۇلار ھەققىدىكى يازمىلىرى(مەنبە: http://www.alimahat.com)

ئۈچىنچى ئۇچۇر: تەڭرىتاغ مۇنبىرى ئۇچۇر كۆزنىكىدىكى ئاتالغۇلار جەملەنمىسى، بۇنىڭدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىدىكى  ئاتالغۇلار  بېرىلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى مۇشۇ يەردىن تېپىشقا بولىدىكەن. (http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/node_981.htm)

تۆتىنچى ئۇچۇر: قۇرداش مۇنبىرىدىكى كەسپلەر بويىچە ئايرىپ بېرىلگەن ئاتالغۇلار جەملەنمىسى(http://www.kurdax.com/bbs/read.php?tid=2243 ). مۇنبەردىكى  ساقىشچى نامىدىكى تورداش ئاتالغۇلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق  توپلاپتۇ، ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

        بەلكىم يەنە باشقىلىرىمۇ بولىشى مۈمكىن. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، گەرچە بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ ئىشلار قىلىنغان بولسىمۇ،  لېكىن يېڭىدىن چىقىۋاتقان ئاتالغۇلارغا يېتىشەلمەيۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. مەسىلەن، كومپوتېرنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇشى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان خوشاللىنارلىق بىر ئىش، لېكىن ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، پىكىر ئېلىش ۋە بۇ خىزمەتنى تەشكىللەش قاتارلىق خىزمەتلەر ئالىم ئەھەد ئەپەندىگە ئوخشاش پىداكار ياشلىرىمىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشىگە قالغان. بۇنداق چاغدا تىل يېزىق كومىتىتىدىكىلەر نەگە كەتتى؟ بۇنداق چوڭ ئىشتا شۇلار باشلامچى بولىشى كېرەك ئىدى. بەلكىم ئۇلاردىنمۇ ئاغرىنغىلى بولمىسا كېرەك، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئاتالغۇلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇش نۆۋەتتە ئىتايىن مۇھىم بولغان تەخىرسىز خىزمەتتۇر. كۆپچىلىكىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى، ئەقىل كۆرسىتىپ توردا بىر ئاتالغۇ مۇنبىرى تەشكىللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنى يەنىلا تىل-يېزىق كومىتېتى باش بولۇپ قىلغىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارايمىز.

        توردا يەنە 2011-يىللىق مائارىپ ساھەسىدىكى يېڭى سۆزلەردىن 39 سۆز-ئاتالغۇ بېرىلگەن بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك كىشىگە يېڭىلىق تۇيۇلىدىكەن. مۇشۇ بىرنەچچە ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى تېپىش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈشكە توغرا كەلدى. مەسىلەن، يېقىندىن بۇيان 云计算 دېگەن سۆزنى ئۇچراتقان، لېكىن 云学习، 云课堂 دېگەن سۆزنى تۇنجى ئۇچرىتىشىمىز بولدى. ئەمدى لۇغەتتىن تاپالمايدىغان سۆز-ئاتالغۇ جىق ئۇچرايدىغان ئۇخشايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، تۆۋەندە، ئۆزىمىز توردا ئۇچراتقان بىر قەدەر يېڭى دەپ قارىغان خەنزۇچە يېڭى سۆز ۋە ئاتالغۇلارنىڭ تىزىملىكىنى ۋە ئۇيغۇرچە يەشمىسىنى بەردۇق(خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا ئاز-ئازدىن بۆلۈپ بەرمەكچى). يېڭى سۆزلەر تېخى قېلىپلاشمىغان سۆز بولغاچقا، بەلكىم چۈشەنچىمىز مۇۋاپىق بولمىغان بولىشى مۈمكىن،  كۆپچىلىكنىڭ ئوخشاشمىغان پىكرى بولسا قارشى ئالىمىز.

2011-يىللىق مائارىپ ساھەسىدىكى يېڭى سۆزلەر

  1.  蹭课哥    蹭课族     蹭课猫

  سەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېزې شەھىرى جۈەنچېڭ ناھىيىسى جياجۇاڭ كەنتىدىن بېيجىڭگە ئىشلەمچى بولۇپ بارغان جيا زوشېڭ ئىسىملىك 27 ياشلىق بىر كىشى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىدا قوغداش خادىمى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، دەرس ئاڭلاش ھوقۇقى بولمىغان شارائىتتا ، دەرسخانىغا ”قېلىنلىق قىلىپ“ كىرىپ ئاڭلاپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بىراقلا داڭدار شەخس بولۇپ قالغان، تورداشلار ئۇنىڭغا 蹭课哥 دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن  ستۇدېنتلار ئارىسىدا، ئەسلى شۇ دەرسنى ئاڭلاش ھوقۇقى ياكى سالاھىيىتى بولماي تۇرۇپ ، ئۆز بىلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن باشقا كەسپتىكى دەرسلەرنىمۇ سىرتتىن كىرىپ ئاڭلاش شەكلى بىلەن ئۆگەنگۈچىلەرنى 蹭课哥  ياكى  蹭课族 دەپ ئاتايدىغان بولغان، ھەتتا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا  ئىككى مۈشۈكمۇ دائىم درەسخانىغا كىرىپ دەرس ئاڭلايدىغان ئىش يۈز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن  ئۇ مۈشۈككىمۇ  蹭课猫  دەپ ئات قويغان.

بۇ سۆزلەردىن 蹭 نىڭ سۈركىلىش، چاپلىشىپ قېلىش،يۇقتۇرۇۋېلىش، سۆرەلمىلىك قاتارلىق مەنىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن يۇقۇرىدىكىدەك مەنا چىقمايدىكەن. يەنە ئاقتۇرساق ، يەرلىك شىۋەدە مەلۇم بىر ئىشتا ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيمۇ پايدىغا ئېرىشىشنى ئىپادىلەيدىكەن. بەلكىم يۇقۇرىدا كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ مەنا بولسا كېرەك. تىلىمىزدا چاقىرمىغان يەرگە باشقىلارغا قوشۇلۇپ بېرىپ مېھمان بولغانلانى «داستىخان چىۋىنى» دەيدۇ، خەنزۇچىدىمۇ بۇنداقلارنى 曾吃،曾喝  دەيدىكەن. ئۇنداقتا يۇقۇرىدىكى سۆزنى، «دەرس چىۋىنلىرى» دېسە قوپال بوپ قالارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەنىسى دەل شۇ، بىراق شۇنداق ئوقۇغانلارغا سوغاق سۇ سەپكەنلىك بولامدۇ- قانداق؟ يەنە مۇۋاپىق ئاتالغۇ بولسا تورداشلار تەكلىپ بەرسە …

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. گىك
    2012/05/31 01:02:58

    ماۋۇ بىلوگىنى ياقتۇرۇپ قالدىم …ئاتالغۇ توغرىسىدا كۆپلەپ يازغايسىز …

    ئۇزتاج بىلوگى ئۇلىنىش تەلەپ قىلىدۇ http://www.uztaj.com
    مەنمۇ قوشىۋەتتىم

  2. بابۇرشاھ
    2012/04/09 16:15:56

    بولسا كۆپرەك تەكلىپ پىكىر بەرسەڭلار!!!

  3. تورباجىن
    2012/04/09 13:36:28

    تىل -يېزىقىمىزنىڭ تېخىمۇ بىيىپ،قۇدىرەت تىپىشى ئۈچۈن ھەممىمىز تېرىشايلى.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif