نىقاپلىق مەكتەپ مۇدىرى

ۋاقتى: 2011-12-23 / تۈرى: باغۋەنلەر مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 806 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

   

 بىز يازلىق تەتىللىك كانىكول مەزگىلىدە ئائىلە بويىچە يۇرتىمىزغا باردۇق. يۇرتىمىزدىكى ئۇرۇق تۇققان دوست ئاغىنىلەر بىلەن كۈندە دىگۈدەك بىرگە ئىدۇق. ئەسلىدىكى باغ مەھەللىلەر بۇزۇپ تاشلىنىپ يول ياكى ئېتىزلارغا، ئېتىز قىرلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئۆيلەر سېلىنغان بولۇپ شەخسەن مەن تازا كۆنەلمەيۋاتاتتىم. كىچىك ۋاقتىمىزدىكى نان ئېقىتىپ يەيدىغان، سۇزۇك سۇلار شىلدىرلاپ ئاقىدىغان ئېرىقلارنى ئىزدەيتتىم.بۇنداق بولۇشى شۇ جايدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى ئىكەن.

بىزنىڭ تولۇقسىزدىكى بىر ساۋاقدىشىمىز بىر كۈنى مېنى كەپتۇ دەپ ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداشلىرىمىزنى يىغىپ بىر چاي قىلدى. بۇ ساۋاقدىشىمىز ھازىر شۇ يېزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ مەكتەپ مۇدىرىكەن. سورۇنىمىز ئاساسەن بالىلىقىمىزدىكى شوخلۇقلىرىمىز، شۇ چاغلاردىكى قىزىق ئىشلار، مۇئەللىملەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشلاردەك كۇلكىلىك ئىشلارنى ئەسلەپ سۆزلەشلەر بىلەن داۋام قىلىۋاتاتتى. سورۇن ئارىلىقىدا قوش تىل ئوقۇتۇشى توغرۇلۇق گەپ چىقىپ :

-مەكتەپ مۇدىرى دوستىمىز مۇنداق دىدى:

-ئانا تىل دىگەننى بىر يەرگە قېچىپ كەتمىگەندىكى ئالدىرىماي ئۆگىنىۋالىدۇ__دەپ بەك ئېسىلىۋالمايمەن. خەنزۇچىدا گالۋاڭلىرىنى پىنسىيەگە چىقىرىپ بولدۇم، سەل بىرنىمە ئۆگىنەلەيدىغانلىرىنى ئۈرۈمچىگە قوش تىل بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتسەك قانداق بولدى دىمەمسىلەر ؟__ ھەممىمىز قىزىقىپ ئۇنىڭ ئاغزىگا قارىدۇق .

-ئىزا تارتماي نەچچىنچى دەرىجە ئاپتۇ دىمەيسىلەر ؟

ئارىمىزدىن ناچچىسى تاقىتى تاق بولۇشۇپ سورىدى: ۋاي نەچچىنچى دەرىجە ؟ دېمەمسەن ؟

مەكتەپ مۇدىرى ساۋاقدىشىمىز ئۆكىنىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى :

-بىرىنچى دەرىجىغۇ ئالالمىسۇن بوپتۇ دەيلى ……2-3-دەرىجىمۇ ئالاممامدۇ دەيمەن، 8-دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىپ ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشەرگىچە…..

سورۇن بىردىنلا  جىمىپ كەتتى….ماڭا بۇ ئىشلار خۇددى چۈشۈمدىكىدەك بىلىنىۋاتاتتى. يېنىمدىكى ساۋاقدىشىمنىڭ نوقۇشى، ئەتراپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىردىنلا قاتتىق كۈلكىسى بىلەن بۇ چۈشۈم ئەمەس، بەلكى كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئالدىمدىكى بۇ مەكتەپ مۇدىرى ساۋاقدىشىم ماڭا خۇددى غەربكە ساياھەت تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئەرىشتىكى ئىشىك باقار توخۇ، مۈشۈك، چايانلارنىڭ زىمىنگە چۈشۈپ ئادەم سىياقىغا كىرىۋېلىپ سۇلتان بولۇۋالغىنىغا ئوخشاش، مائارىپ سېپىمىزدىمۇ سۆزى باشقا،ھەركىتى باشقا ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسى مەنپەئەتى ۋە يۇقۇرىغا يامىشىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان، سەبىي بالىلارنىڭ ئالتۇن ۋاقتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇنبەردىكى جاپالىق ئەجرى بىلەن ھىساپلاشماي ، ساختا يېڭىلىق يارىتىش كۆرىنىشى ياساپ خوشامەتچىلىك، پوچىلىق، نوچىلىقتا يىتىشكەن ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە روھىنى ئەسلا چۈشەنمەيدىغان، ساپا نىقاۋى تاقىۋېلىپ ئىش ئەھلى بولماي تۇرۇپ ئىش ئىگىسى بولىۋالغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بىرسى دەل مۇشۇ ساۋاقدىشىمدەك بىلىنىپ كەتتى.مەن بۇ سورۇندا شاراپ ئىچمەي ئولتۇرۇپمۇ ، ئاللا بۇرۇن مەس بوپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم .

2011-يىلى 22-دىكابىر ئۈرۈمچى

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. بىلسەبىر
    2012/01/16 17:23:19

    ھەي،،بەزى يېشى چوڭراق لېكىن قابىل ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسلۇغىنى قاندۇرالىغۇدەك ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئاشۇ ئەش ئەسكى دىن دەرىجە ئالالمايۋاتقاندا ئەمدى ئىم ئەسكى چىقىپتۇ دەيدۇ…………………………………………. :mrgreen:

    • بابۇرشاھ
      2012/01/17 00:29:50

      تارىختىن بۇيانقى داڭلىق شەخسلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئاز دېگەندىمۇ بىر ئىككى خىل تىلنى بىلگەن. ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىنىڭ بىر تىلنى ئارتۇق بىلىشى بىزنىڭچە بۇ ياخشى ئىش. كۆز ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا تىل ئۆتكىلى تەس كېلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويۇۋەتسەك بولمايدۇ، قىيىنكەن دەپ ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ، ئىشنىڭ قىيىنلىقى بىزنىڭ ئۆگەنمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. سىز دېگەندەك بۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناشتا Hsk دىن mhk غا ئۆتتى. بۇنداق تەلەپنىڭ چىقىشى خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ تەلىۋىگە تېزراق ماسلىشىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif