سىتېۋ.جوبس(Steve Jobs) «بۇزۇق ئالما» مۇ؟
بۈگۈن تاراتقۇلاردىن سىتېۋ.جوبس ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تەسادىپىلىق ھېس قىلساممۇ، لېكىن ئۇنچە ھەيرانمۇ قالمىدىم. بۇرناكۇن ئامېرىكا قوشما شىتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) سىتېۋ.جوبس ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا يەنە بىر قېتىم چوڭ غۇل-غۇلا قوزغىدى. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا سىتېۋ.جوبسنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ شەخسى تۇرمۇشى ۋە خىزمەت جەريانىدىكى پۈتۈن پائالىيىتى ھەتتا ياشلىق دەۋرىدىكى ئىشلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، سىتېۋ.جوبسنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە گۇمانىي پوزىتسىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان(خەۋەرگە قىزىققۇچىلار تاراتقۇلاردىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ). مېنى ئويلاندۇرغىنى ئەگەر ھەممە ئادەمنى خۇددى سىتېۋ.جوبسنى تەكشۈرگەندەك پۈتۈن خۇسۇسىي تۇرمۇشىنى تەكشۇرسە ھېچقانداق كەمكۈتىسىز پەرىشتە سۈپەت ئادەمدىن قانچىلىك چىقار؟ ئۇنىڭ ئادىمىيلىك جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىنى ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ 4 ئايدىن ئاشقاندا سازايى قىلىشنىڭ زۆرۈرۈيىتى زادى قانچىلىك؟ ئۇنىڭ شۇ دوكلاتتا دېيىلگەن «بولمىغۇر» ئىشلىرى بار دېگەندىمۇ بۇ بۇنچىۋالا كۆپتۈرۈۋەتكۈدەك ئىش ئەمەس . دۇنيادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلاردا سىتېۋ.جوبسقا «بۇزۇق ئالما»، «نىيىتى دۇرۇس ئەمەس»، «مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان قارا نىيەت»، ..دېگەندەك ئاتاقلارنى ئارتقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ئىشقا باھاسى بىرقەدەر سوغۇققان بولغان. توغرا، كىشىلەر مۇشۇنداق داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق، بۇ ياشلارنىڭ ئاق – قارىنى پەرق ئېتىشىگە، ھەق-ناھەققە توغرا باھا بېرىش ئادىتىنى يېتلدۈرۈشكە پايدىسى بار دېگەندىمۇ، مېنىڭچە تۈنۈگۈن ماختاپ ئاسمانغا چىقىرىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ بۈگۈن 180 گرادۇس ئۆرۈلۈپلا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئۇسۇلى تازا مۇۋاپىق ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىم ، سىتېۋ.جوبس بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىمىزدىكى بىر ئۇلۇق شەخس، داڭلىق شەخسلەرنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرىنى ئىلمىي چۈشەندۈرسەك بولىدۇ. ئۇنتۇپ قالمايلى، ئىنسانلار ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ پۇشتىبىز! شۇ ئەجدادىمىز گۇنا ئۆتكۈزۈپ قويۇپ جەننەتتىن قوغلانغان! لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەرقانداق «قىلىقلىرى»نى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەقىللىق كۆرۈرمەن نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىپ بولدىغۇ دەيمەن!
2012/02/14 17:59:29
سىتېۋ.جوبس نى ھەرنىمە دېيىشى مۈمكىن. تاراتقۇلاردا دېيىشىچە ئەينى ۋاقىتتا قېرى بۇشنىڭ ئىچكى كابېنتىغا كىرگۈزمەكچى بولۇپ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا تەكشۈرۈپ بېقىشنى ھاۋالە قىپتىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەكشۈرگەن ئىكەن.لېكىن قېرى بۇشمۇ سودا ئىشلىرىدا مەسلىھەتچى قىلىپ ئىشلەتكەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە شەخسى ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشتا مېنىڭچە باشقا مەقسەت بولسا كېرەك.
2012/02/13 18:56:14
بۇ دۇنيادا نوخسانسىز كىشى بولماس.
2012/02/14 16:45:10
شۇنداق، توغرا دەيسىز! گەپ شۇ نۇقسانغا قانداق قاراشتا.