”شاھىنشاھ“نىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىتى

ۋاقتى: 2012-01-01 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 590 قېتىم / 1 دانە باھا يوللانغان باھا


    زىمىستان قىش باغرىنى يېرىپ، ئاجايىپ سەلتەنەتى بىلەن زېمىن شاھىنشاھى يېڭى يىلنىڭ دەرۋازىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئاچماقچى بولۇپ ئەرىشتىن چۈشتى. ئۇ ئىنسانلارغا يېڭى يىلدىن بىشارەت بەردى ھەمدە ”يىل بېشى،ئىشنىڭ بېشى“دىدى- ياڭراق ئاۋازدا.

    بىراق، بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ سەل تەئەجۈپلەندى. ئاڭلىماي قالغان بولسا دەپ ”يېڭى يىل كەلدى“دىگەن خەتنى يوغان قىلىپ كۆرسەتتى. بۇ ئىنسانلار غەپلەتتە ئۇخلاۋاتامدۇ قانداق؟ ئۇ بۇ خاسىيەتلىك كېچىدە روھىي قاتلاملارغىچە قايتا كۈزىتىپ بېقىشنى زۆرۈر تاپتى.
    ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ چۈشكۈن ھالەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەنە بەزمىخانىلاردىكى چىرىكلىشىۋاتقان بەندىلەر،ئىسراچىلىقلار؛يېقىن دوست ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى ئالدامچىلىق،مېھرى-مۇھاببەتكە يات قىلىقلار؛ ئېلىم-بېرىمدىكى ھايانكەشلىك ۋە ئالدامچىلىقلار؛ كوچا-كويلاردىكى يالىڭاچ بەدەن ئادىمىي شايتانلار؛ رېستۇرانلاردىكى دوۋزاقنىڭ ئېلانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەغمە ناۋالار…زىمىن شاھىنشاھى يەنە داۋاملىق بۇ مەنزىرىنى كۈزىتىشنى بۇ تۇپراققا قىلىنغان ھاقارەت دەپ ئويلىدى . بۇ ئادەملەرنىڭ مەينەتچىلىكلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان زېمىنغا ئىچى ئاغرىدى. ئازراق ئاپەت بېرىپ بۇ ئىنسانلارنى سەگىتىپ، قىلمىشلىرىدىن ھامىنى ھىساپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىمۇ ئويلىدى.
    زىمىن شاھىنشاھى مۇرەككەپ روھىي زىددىيەت ئىچىدە بىر ئۆينىڭ دەرىزىسى ئىچىدىن مۇنداق مەنزىرىنى كۆردى. بىر ئەر باللىرىنىڭ كارۋىتىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى. ئوماق بالىلارنىڭ بېرى دادىسىغا يۆلىنىپ ئۇيقۇغا كەتكەن،يەنە بىرى بىغۇبار كۆزلىرىنى دادىسىدىن ئۈزمەي خىيالىدا كىتاپتىكى ۋەقەلىككە كىرىپ كەتكەن ئىدى، نېرىدىكى ئۆيدە باللارنىڭ ئاپىسى قېينى ئانىسىنىڭ تەرىتىنى مىھرىبانلىق بىلەن تازىلاۋاتاتتى ….
    شاشىنشاھ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلدى، ۋە بۇ ئۆيگە نۇرغۇن پەرىشتىلەرنى قالدۇرۇپ،ئۆزى يەنە بىر زالنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
    ئۇ بۇ زالنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئوماق سەبىي باللار توپىغا قوشىلىۋالغان ئىدى. بىر ئۇستاز پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىلىنى ئىلىم ھىكمەتلىرى بىلەن يۇرۇتماقتا ئىدى. قانداق ئادەم بولۇش يوللىرىنى،قانداق ياشاشنى،بۇ تۇپراقنى گۈللەندۈرۈش يوللىرىنى ئۆگىتىۋاتاتتى. زىمىن شاھىنشاھى بارا-بارا بۇ يۇرتنى،بۇ ئادەملەر توپىنى ياقتۇرۇپ قېلىشقا باشلىدى.
    ئەسلى باشتا بۇ يۇرتقا ئاپەت ياغدۇرۇپ ، ئادەملەر توپىدىن ھىساپ ئالماقچى بولغان بولسىمۇ ئەمدىلىكتە ئۇ نىيىتىدىن يانغان ئىدى. بۇنداق ئىلىم –ھىكمەتلىك ئۇستازلار مەۋجۇت ئەلدە يەنىلا ئۈمۈت بارلىقىنى كۆرگەن ئىدى.
    شاھىنشاھ ئەرىشكە كۆتۈرىلگەچ ئىلىم- ھىكمەت بۇلاقلىرى ئەتراپىغا نۇرغۇن پەرىشتىلەرنى چۈشۈردى. بۇ يۇرتقا يەنىلا خوشاللىقنى ،بەرىكەت، مول ھۇسۇلنى، ئۈمۈدلەرنى يېڭى يىللىق سوۋغا قىلدى، يېڭى يىل ئاسمىنى شۇنچە سۇزۇك ھەم پارلاق ئىدى!

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. بىلسەبىر
    2012/01/16 17:16:05

    بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن ياخشىلارنىڭ دۇئاسى ياخشىلىقلىرى بىلەن مۇشۇنداق تۇرىۋاتىدۇ.ناھايتى ياخشى يازمىكەن

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif