”بوزەكنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار“

ۋاقتى: 2012-06-14 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 891 قېتىم / 7 دانە باھا يوللانغان باھا

   

     بۇ سۆزنى كىچىگىمىزدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغانمىز. بۇنىڭدىن بوزەكنى بوزەك قىلمىسا ئۇ دۇنيالىقتا سوراققا تارتىلىدۇ، شۇڭا بوزەك قىلىش كېرەك دېگەن مەنا چىقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماس كەلگەندەك تۇيۇلىدۇ، ھايۋانات دۇنياسى پروگراممىسىدا كۈچلۈك ھايۋانلارنىڭ ئاجىز ھايۋانلارنى قانداق بوزەك قىلغانلىقى ھەتتا قانداق يوقاتقانلىقىنى كۆرگەنمەن. گەرچە، كۆرۈنۈش ۋە نەتىجە ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، شۇ نەرسە ئېنىقكى بۇ بىر ئاچچىق رېئاللىق. ئەگەر كۈچلۈك ھايۋان شۇ ئاجىز ھايۋاننى ئۆزىنىڭ ئۇزىقى قىلمىسا، يەيدىغان نەرسە يوق ئۆلۈپ كېتىشى مۈمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كۈچلۈك ھايۋاننىڭ ئاجىز ھايۋاننى بوزەك قىلىشى ھەق بولىدۇ، چۈنكى ئاتالمىش كۈچلۈكمۇ ياشىشى كېرەك. بىراق، شۈكرىكىم ئادەمنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىشى ئەسلى يارىتىلىشىدىنلا بېكىتىلگەن بولماستىن،بۇ ھەركىمنىڭ ئۆز قولىدا بولىدۇ. «ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنى. روھ سەمىمىي ۋە مۇكەممەل ئادەمنى يارىتىدۇ. يورۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق ۋە تەقدىرگە روھ قوماندانلىق قىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق بەختسىزلىكى بالدۇرمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس دەل ۋاقتىدا كېلىدۇ. چۈنكى قىلمىشىمىز خەيرلىك  بولسا پەرىشتىگە، رەزىللىك بولسا ئىبلىسقا يولۇقىمىز»(بېئاۋمونت، فېلېچ «ياۋاشلارنىڭ تەقدىرى»دىن).

    بۇ ھەقتە تەبىئەت بىزگە بوۋاقلار، ئۆسمۈرلەر ھەتتا ھايۋاناتنىڭ قىياپەتلىرى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق ئاجايىپ بىشارەتلەرنى بەردى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاشۇ بېجىرىم ۋە سەبىي قەلبىدە  بۆلگۈنچى ئاسىي روھ، ھېس تۇيغۇغا ئىشەنمەسلىك پوزېتسىيىسى قاتارلىقلارغا ئورۇن يوق. ئۇلارنىڭ نۇقتىئىينەزىرى تېخى كۆندۈرۈلمىگەن.

    بۇ يەردە بوزەك قىلىش، قىلىنىش دېگەن مەسىلە تۇغۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنسان روھىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، ھەر قانداق ئىنسان ئۆز قىلمىشىغا جاۋاب بېرىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، رېئال دۇنيادا بۇنداق ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. خېلى يىللار ئىلگىرى يۇرتقا قايتقىنىمدا، ناھىيە بازىرىدىن يىراق بىر تاغلىق رايۇندىكى ئاتا- بوۋىمىزدىن قالغان زېمىنىمىز بار خىلۋەت كەنتكە ساياھەتكە باردۇق(ئۇ يەردە تۇققانلىرىمىز بار ئىدى).يول ئۈستىدە كۈن تەگمەس دېگەن يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. بۇ بىر قاقاس تاغنىڭ ئارىلىقىدىكى ساي ئېقىن بولۇپ، غەرب تەرەپتىكى تاغنىڭ باغرىدا بۈك باراقسان باغ-ئورمان سوزۇلغان بولۇپ، ئادەمگە ھەيرانلىق ئارىلاشقان بىر خىل ھوزۇر بېغىشلايتتى. لېكىن، قىزىق يېرى ئېقىننىڭ باش تەرىپىدىكى باغ-ئورمان ئانچە ئاينىماي، ئاياغ تەرىپىدىكىسى تازا ئاينىغان ھەم كۆلىمىمۇ چوڭ ئىدى. كېچىكتىن ئۆتكىچە ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ، شۇ ئاياغ تەرەپتىكى باغ ئگىىسىنىڭ ياردىمى بىلەن كېچىكتىنمۇ ئۆتۈۋالدۇق. كېيىن ئۇ كىشىنىڭ چىڭ تۇتۇۋېلىشى بىلەن بېغىدا مېھمان بولدۇق. پاراڭ جەريانىدا مەن: “ سىزنىڭ بېغىڭىز چوڭ ھەم ياخشى بولاققا كىرىپتۇ، سۇنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ئاۋۇلارنىڭ بېغى تازا ئاينىماپتۇ، بىرە سەۋەب بارمۇ قانداق؟“ دەپ سورىدىم. ئۇ كىشى: ”ئۇكام دەپ كەلسەم گەپ تولا، مېنىڭ 8 بالام بار، ئەينى چاغدا مۇشۇ قاقاسقا چىقىپ باغ قىلايلى دېسەم، خوتۇنۇم ۋە 8 بالامنىڭ ھەممىسى بىر بولۇپ:< كالۋا بولۇپ قاپسەن، ھالىمىز بىر ئوبدان تۇرسا، بۇ جاڭگالدا نىمە بار، چىقساڭ ئۆزەڭ چىق> دېدى.  بۇ يەرگە «سۇ بېشى»(شۇ جايدىكى يەر نامى)غا ماڭغاندا كۆزەم چۈشكەن ئىدى. قارىسام ئاۋۇلارنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئۇزۇن كەتكەن بوش سايلىق بار ئىكەن، سۇ تەييار تۇرسا، ئەجىر قىلسام چوقۇم بىر ئىش قىلىمەنغۇ دېگەن ئوي بىلەن ئۆزەم يالغۇز چىقىپ ئىشلەپ، ئازراق يەرنى باغ قىلدىم، تېزلا ئەي بولدى. بۇنى كۆرۈپ بالىلىرىم چىقىپ باغنى بۆلۈپ بېرىشنى دېۋىدى، بوش ساينى كۆرسىتىپ:<باغ لازىم بولسا ئەنە يەر ئۆزەڭ قىل، ھېچقايسىڭغا بىر غېرىچ يەرنىمۇ بەرمەيمەن دېدىم>. كېيىن بالىلىرىممۇ چىقىپ، ئەمگەك قىلىپ يېڭىدىن يەر ئېچىپ باغ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنچىلىك ھالغا كەلدى. ئاۋۇلارغا كەلسەك، ھەممىسى ھورۇن خەق، ئەمگەكنى ھاشارغا ئىشلىگەندەك قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدۇ، كۆچەتنى تىكىپ قويۇپ ئەجىر قىلمىسا مېۋە بەرمەيدۇ. ئەتىدىن كەچكىچە قۇرۇق پاراڭ سوقاپ ئولتۇرىدۇ. مۇنداق دېسەم تېخىمۇ چۈشىنىسىز ئۇلارنى. ئەگەر بېشىدىن دوپپىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئىتتىك ئېلىۋالماي، شامال دوپپامنى قاياققا ئۇچۇرۇپ كېتەر دەپ غەم يەپ ئولتۇرىدىغان خەق“ دېدى. ئاخىرىدا يەنە: ”ئۇلار تېخى مېنى: <بالىلىرىم جىق دەپ بىزنى بوزەك قىلدى> دەيدىكەن. شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟ مەن چىقماستا ئۇلار بۇ يەرنى باغ قىلىپتىكەن، مەن ئۇلاردىن كېيىن چىقتىم. ئاچسام خۇدانىڭ يېرىنى ئاچتىم، قويسام خۇدانىڭ سۈيىنى قويدۇم. سۇ باشلىغاندا شۇلارنىڭ يېرىدىن ئۆتكۈزۈپ ئەپكەلگىنىم راست. لېكىن باغ قىلدىم، كۆكەرتتىم، ئۆزەممۇ پايدىغا ئېرىشتىم، تاغنى بوستان قىلىپ ساۋاپلىق ئىش قىلدىم. ئاڭلىسام ھۆكۈمەت تېخى بۇنداق ئىشقا ياردەم پۇلى بېرەرمىش. ئەگەر مۇشۇ ئىش بوزەك قىلىشقا كىرسە، داۋاملىق بوزەك قىلىۋېرىمەن“ دېدى.

    بۇ كىشىنىڭ كېيىنكى گەپلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زادىلا كاللامدىن چىقمىدى. بىراۋ سەندىن قولاڭدىكى ناننى تارتىۋالسا، سەن ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ تارتىپئالالماي، ئۇنىڭدىن يەنە قايتۇرۇپ بېرىشنى كۈتسەڭ، بۇ ئەخمىقانىلىق بولىدۇ.ئۇنداقتا سېنىڭ  بوزەك بولۇشۇڭ ھەق بولىدۇ. دېمەكچى بولغىنىمىز ھەرگىزمۇ بىراۋنىڭ بىراۋنى بوزەك قىلىشى يوللۇق دېگەننى تەرغىب قىلىش ئەمەس. بەلكى، ھەر بىر كىشىگە ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى قوغدىشىنىڭ،ئۆزىنىڭمۇ ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى، رېئاللىقتا، نۇرغۇن ئىشلارنى قانۇن-تۈزۈمگە، باشقۇرۇشقا ۋە سىياسەتكە تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە نۇرغۇن ئەقىل پاراسەت ۋە ئەخلاق دىيانەتكە تايىنىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولىدۇ، ”ھەر كىم ئۆز غېمىنى يېمىسە يەر يۇتىدۇ“ دەيدىغان گەپ بار. دېمەك، ئادەم ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ئادەمدەك ياشاش شارائىتىنى يارىتىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ”بىر تۈپ ئەنجۈرنىڭ خىزمىتى ئەنجۈر دەرىخى بولۇشتىن ئىبارەت، ئىتنىڭ خىزمىتى ئىت بولۇشتىن ئىبارەت، ھەسەل ھەرىسىنىڭ خىزمىتى ھەسەل ھەرىسى بولۇشتىن ئىبارەت، ئادەمنىڭ خىزمىتى ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت“(ئاۋرېليۇنىڭ سۆزى). “ ئادەم پەرىشتىمۇ ئەمەس، ئۆي ھايۋىنىمۇ ئەمەس. پىكىر قىلىش- ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئىززىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ھالبۇكى، بەخىتسىزلىكنىڭ مەنبەسى ئەسلى پەرىشتە سۈپەتكە تېگىشلىك ئادەمنىڭ پىكىر قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆي ھايۋىنى بولۇپ ئىپادىلىنىپ قالغانلىقىدا“(پاسكالنىڭ سۆزى).

    بوزەك—ئىككى جەھەتتىن يەنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بولۇشى مۈمكىن. ئادەم بولۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جىسمانىي بوزەك بولۇشقا قارىغاندا، روھىي بوزەك بولۇشنىڭ دەرىجىسى چوڭراق بولۇشى مۈمكىن. ئەگەر بىرەرسى ئەمگەك قىلىپ ئۆزەڭنى بېقىش شارائىتىڭ بار ئەھۋالدا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قاپسەن دەپ ئۆزى ۋە بالىلىرى كىيمىگەن كىيىملىرىنى ياكى پۇل بەرسە، ئىشىنىمەنكى، غورۇرى بار ئادەمگە نىسبەتەن بۇ بىر ھاقارەت(بوزەك) ھېسابلىنىدۇ.

    مىڭ ئەپسۇس!!!ئاچچىق رېئاللىق شۇكى، نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆزى خالاپ ئۆزىنى بوزەك قىلدۇرماقتا.«دىباۋ»(تۆۋەن كاپالەت پۇلى) ئەسلى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ياكى ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم ئادەملەرنىڭ ئالىدىغان <سەدىقە>سى ئىدى. لېكىن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز مۇشۇنچىلىك پۇلنى ۋە نەپسىنى دەپ، روھىنى دەپسەندە قىلماقتا. بۇنىڭغا نىمە دېگۈلۈك؟! بۇنداق ئىشلار مىسال كەلتۈرسەك يەنە جىق ئۇچرايدۇ.

    شۈكرى! يېقىندا بىر نامرات دېھقاننىڭ «دىباۋ» تارقاتقىلى كىرگەنلەرنى ئۆيىدىن قوغلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئەسلىدە بولغاندا نورمال ئىش بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، نىمە ئۈچۈنكى، بۇنى ئاڭلاپ خۇددىي چوڭ بىر ئىش بولغاندەك ھاياجانلاندىم. دېمەك، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كاللىسى تېخى ساق ئىكەن، ”پىكىر قىلىدىكەن“. پىكىر قىلىش ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي زۆرۈرى شەرتتۇر. زۆرۈرى شەرت ھازىرلانمىسا، خەق ئەمەس، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بەزەك قىلىمىز. بۇنداق <بوزەك>نى ھېچكىمدىن كۆرگىلى بولمايدۇ.

7نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. لوپنۇرى
    2012/08/20 02:04:11

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
    http://www.lopnuri.com/?p=2324

    • بابۇرشاھ
      2012/08/20 18:09:10

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام قېرىنداشلار! روزى ھېيتلىق سالامىڭلارغا ۋە بىزنى ياد ئەتكىنىڭلارغا مىڭ مەرتىبە رەھمەت! يېقىندىن بۇيان ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بلوگنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرالمىغىنىمىز ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمىز، پات ئارىدا يېڭى يازمىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەيمىز!
      بلوگقا قەدەم قويغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز! ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇمۇشىغا بەخت تىلەيمىز!!!

  2. سەھرالىق
    2012/08/19 12:37:56

    ئايەم مۇبارەك ! سەھرالىق پەتىگە كەلدى!

  3. پەخرىم
    2012/08/08 19:40:55

    ياخشى تېمىكەن بىراق ھازىرقى ياشلىرىمىز ھەي كىتابخانىغا كىرسەم 10 ئادەم دىبد دىگن يەرگە كىرسەم 100 ئادەم پەرىق بەك چوڭ

  4. ئۇيغۇر بىلوگ
    2012/08/08 14:42:11

    ما يازمىنىڭ ماۋزوسىنى بۇۇرن تۇلا ئاڭلايتىم

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېقىندا ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىدە بىلوگگىرلار پائالىيەت ، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىكەن ھەمدە بىلوگ توغرىسىدا ھەرقانداق مەسلىھەت سورىسڭىز ياكى ئۆز بىلىمىڭىزنى يولىسڭىز بۇلۇدىكەن ئۇنداقتا سىزمۇ دەرھال ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىگە كىرىڭ http://bbs.uyblog.cn

  5. چايان
    2012/06/20 21:52:46

    مىنىڭ كۆڭلۇمدىكى گەپبوپتۇ بۇ‹‹دىباۋ››دىگەن بوينىمىزغا ‹‹بۇيۇنتۇرۇق››پۇتىمىزغا ‹‹ئۈشكەل›› بۇنى تۇنۇپ يىتىشىمىز كىرەك ئىدى :evil:

  6. ئەلگە نەپ
    2012/06/20 11:29:24

    ما يازمىنى ئوقۇپ ئەجەپ كۈلگۈم كەپ قالدى ياخشى يوللاپسىز بارىكاللا

    ۋاقىت بولسا بىز تەرەپكىمۇ ئۆتەرسىز :grin:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif