بابۇر ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

ۋاقتى: 2012-05-07 / تۈرى: تارىختىن سۆز / كۆرۈلۈشى: 1,451 قېتىم / 1 دانە باھا يوللانغان باھا

    بلوگىمىزنىڭ «تارىختىن سۆز» سەھىپىسىدىكى «زەھىرىددىن مۇھەممەھ بابۇرنىڭ نەسەبى»  ناملىق يازمىمىزدا بابۇرنىڭ نەسەبى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان ئىدۇق، ھەم «بلوگ ھەققىدە» سەھىپىسىدە نىمە ئۈچۈن بلوگقا ”بابۇرشاھ“ دەپ نام قويۇلغانلىقىنى قىسقىچە ئىزاھلىغانمۇ ئىدۇق.

    ئەمدى بۇ يازمىمىزدا بابۇر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى مېۋىسىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

1.بابۇرنىڭ نەسەبى ۋە تۇغۇلۇشى

    ئىلگىرىكى يازمىمىزدا دېگەندەك، بابۇر ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئاتىسى ئۆمەر شەيخ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا. ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈردۇر. بابۇر ئانا تەرەپتىن يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر ”تارىخى رەشىدى“نىڭ يازغۇچىسى مىرزا ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە بولىدۇ، چۈنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان، مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خۇبنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇسخاننىڭ بالىلىرى ئىدى. يۇنۇسخان ئۇۋەيسخاننىڭ ئوغلى، ئۇۋەيسخان شىرئەلى ئوغلاننىڭ ئوغلى، شىرئەلى ئوغلان خىزىر خوجاخاننىڭ ئوغلى، خىزىر خوجاخان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى ئىدى.

    ئەمدى تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن ئاقساق تېمۇرنىڭ نەسەبىنى سۈرۈشتىرىدىغان بولساق ھەر ئىككىلىسى چىڭگىزخانغا ياكى چىڭگىزخاننىڭ ئەجدادىغا تۇتىشىدۇ.

    تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبى مۇنداق: تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسان بۇغاخاننىڭ ئوغلى، ئىسان بۇغاخان داۋاچىخاننىڭ ئوغلى، داۋاچىخان بەراقخاننىڭ ئوغلى، بەراقخان قاراسۇبۇخاننىڭ ئوغلى، قاراسۇبۇخان مامقانخاننىڭ ئوغلى، مامقانخان چاغاتايخاننىڭ ئوغلى، چاغاتايخان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلىدۇر. چىڭگىزخاننىڭ نەسەبىنى يازمىدۇق، قىززىققۇچىلار «تارىخى رەشىدى» قاتارلىق تارىخى كىتاپلاردىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

    ئەمىر تېمۇرنىڭ نەسەبى مۇنداق: ئەمىر تېمۇر ئەمىر تاراغاينىڭ ئوغلى، ئەمىر تاراغاي ئەمىر توكەلنىڭ ئوغلى، ئەمىر توكەل ئەمىر ئىلىنگىز نۇيان باھادىرنىڭ ئوغلى، ئەمىر ئىلىنگىز نۇيان باھادىر ئەمىر ئىچىل باھادىرنىڭ ئوغلى، ئەمىر ئىچىل باھادىر ئەمىر قاراچار نۇيان باھادىرنىڭ ئوغلى، ئەمىر قاراچار نۇيان باھادىر ئەمىر سۇغۇنچىن باھادىرنىڭ ئوغلى، ئەمىر سۇغۇنچىن باھادىر ئەمىر ئىرۇمچىن بارلاس باھادىرنىڭ ئوغلى، ئەمىر ئىرۇمچىن بارلاس باھادىر قاچۇلى باھادىرنىڭ ئوغلى، قاچۇلى باھادىر تۇمبىنەيخان (دومنايخانمۇ دىيىلىدۇ)نىڭ ئوغلى.

    دېمەك , بابۇر تارىختىكى ئىككى مەشھۇر شەخس ئاقساق تېمۇر بىلەن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئەۋلادىدۇر، تېخىمۇ ئۇزارتساق ئەجدادى چىڭگىزخانغا تۇتىشىدۇ. يەنى ئەمىر تۆمۈرنىڭ سەككىزىنچى دادىسى قاچۇلى باھادىر بىلەن چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى دادىسى قابۇلخان(چىڭگىزخاننىڭ دادىسى يېسۇگەيخان، يېسۇگەيخاننىڭ دادىسى بەرتانخان، بەرتانخاننىڭ دادىسى  قابۇلخان)لار  تۇمبىنەيخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، بىر تۇغقان ھېسابلىنىدۇ.

    بابۇر ھىجىرىيە 888-يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئالتىسىدە(مىلادىيە 1483-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى) فەرغانىدىكى ئەندىجاندا تۇغۇلدى. ئۇ تۇغۇلغاندا ئانا تەرەپ بوۋىسى يۇنۇسخان ئالايىتەن  ئىلىدىن فەرغانىگە كېلىپ مۇبارەكلىگەن، ھەم دادىسى ئۆمەر شەيخ مىرزا ۋە بوۋىسى يۇنۇسخان ئايرىم-ئايرىم توي مەرىكە(ئۇ چاغدا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چېچىنى ئالدۇرىدىغان چاغدا توي قىلىپ بېرەتتى) ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بابۇرنىڭ ئىسمىنى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئۆلىماسى بولغان  مەۋلانە مۇنىر مەرغىنانى( بۇ كىشى ئۇلۇغبەگ مىرزىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ئىدى) قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسمىنى زەھىرىددىن مۇھەممەد دەپ قويغان. ئۇ چاغدىكى موڭغۇللار(كىتاپلاردا موغۇل دەپ ئاتىلىدۇ) ئاللىقاچان مۇسۇلمانلاشقان ھەم تۈركلەشكەن بولسىمۇ، تىلى تازا راۋان بولمىغاچقا(بۇ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ كۆزقارىشى) بۇ ئىسىمنى دېيىشكە تازا تىلى كەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بابۇر دەپ لەقەم قويغان(بابۇر شىر دېگەن مەنىدە) بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن يارلىق-نىشانلارغا «زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر» دەپ يازغان بولغاچقا، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن بابۇر پادىشاھ ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان.

2.بابۇرنىڭ تەخت تۇتىشى ۋە ئۇرۇشلىرى

    ھېجىرىيە 899-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 4-كۈنى(مىلادىيە 1494-يىلى 6-ئاينىڭ 8—كۈنى) بابۇرنىڭ دادىسى ئۆمەر شەيخ مىرزا 39 يېشىدا ئۆزىنىڭ كەپتەرخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېخى 12 ياشقىمۇ توشمىغان بابۇر دادىسىنىڭ ئورنىدا پادىشالىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئولتۇرغىنى فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ تەختى بولۇپ، ئەجدادىدىن قالغان چوڭ تەخت سەمەرقەنت تەختى ھېسابلىناتتى. سەمەرقەنت تەختىدە قائىدە بويىچە ئادەتتە تەخت ۋارىسىنىڭ چوڭى(چوڭ ئوغلى) ئولتۇراتتى. بۇ چاغدا سەمەرقەنت تەختىدە بابۇرنىڭ ئاتىىسىنىڭ ئاكىسى يەنى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد مىرزا ئولتۇراتتى. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئۆزىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى ئۈچ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد مىرزا، سۇلتان مەھمۇد مىرزا ۋە ئۆمەر شەيخ مىرزىغا بۆلۈپ بەرگەن ئىدى.

    ئاشۇنداق بۆلۈپ باشقۇرۇش سەۋەبىدىن، تېمۇرىيلەر نەسلىدىن بولغان مىرزىلار ھەممىسى ئۆز ئالدىغا پادىشاھ بولىۋېلىپ، ئۆز-ئارا تەخت تالىشىپ ئۇرۇشۇپ، تۇغقانلار ئارىسىدا بىرلىك قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان خانلارمۇ زېمىن كېڭەيتىش نىيىتىدە بولىۋاتاتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۆزبېك خانى شەيبانىخان كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان ھەم كۆزىنى ئاشۇ خانلارنىڭ ۋە مىرزىلارنىڭ قولىدىكى زېمىنغا تىكىپ چاڭ سېلىۋاتقان دەۋر ئىدى. يېڭىدىن تەختكە چىققان بابۇر شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ھەم مۆرىۋەتى زىيادە بولغاچقا، فەرغانە تەختىنى ساقلاپ قېلىش ۋە سەمەرقەنت تەختىنى مەركەز قىلغان ئەجداد تەختىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بابۇرنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ”ئۆزبېك ۋە شەيبانىخاندەك يات بىر خەلق ۋە كونا دۈشمەندىن تېمۇربەگ ئەۋلادىنىڭ ئىلكىدىكى بارلىق ۋىلايەتلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن“، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلايدۇ. ئۇ تەختكە چىققان مىلادىيە 1494-يىلىدىن تاكى ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ كابۇلغا قايتىپ كەلگەن 1513-يىلىغىچە بولغان 19 يىل ئارىلىقتا،  نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىدۇ، مۇشۇ جەرياندا غەلىبىنىڭ پەيزىنىمۇ سۈرىدۇ، مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنىمۇ تېتىيدۇ. ئۈچ قېتىم سەمەرقەنتنى ئېلىپ، ئۈچىلا قېتىم ئۆزىنىڭ تېخى گۆدەك ۋە تەجرىبىسىزلىكى ھەم تۇغقانلىرىنىڭ بىر بولۇپ ئۇيۇشالمىغانلىقى سەۋەبىدىن يەنە شەيبانىخان باشلىق ئۆزبېكلەرگە تارتقۇزۇپ قويىدۇ، ئاخىرىدا ماۋەرائۇننەھىردە تۇرالماي كابۇلغا چېكىنىدۇ (كابۇلنى دەسلەپتە 1503-1504-يىللىرى  ئىگەللىگەن ئىدى).

    تېمۇرىيلەرنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بابۇر كابۇلدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، نۇرغۇن تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن كېڭىشىش ئارقىلىق ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىنىدۇ ۋە 1519-يىلىدىن باشلاپ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ يۈرۈشلىرىدىكى ئەڭ مۇھىمى 1526-يىلىدىكى 5-قېتىملىق ھىندىستان يۈرۈشى بولۇپ، بۇ قېتىم بابۇر سىند دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەنىپەت دېگەن جايدا 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن، سۇلتان ئىبراھىم لۇدىنىڭ 100مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ئەگرە ۋە دېھلىنى ئىشغال قىلىدۇ. ھەمدە ئۆز نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ، ھىندىستاندا تاكى مىلادىيە 1761-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن «ھىندىستان موغۇل ئىمپىرىيىسى»(بابۇرىيلار سۇلالىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. 1529-يىلىغىچە يەنە بىرنەچچە قېتىملىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشلارنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتكۈل ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چوڭ رول ئوينايدۇ.

3.بابۇرنىڭ ئۆلۈمى

    «بابۇرنامە»دە 1529-يىلى 7-سىنتەبىر كۈنى دىن پىشىۋاسى شەيخ مۇھەممەد غەۋسىنىڭ بابۇرنىڭ ئەگرەدىكى ھۇزۇرىغا كەلگەنلىكى ئېيتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋەقەلىك توختايدۇ. بابۇرنىڭ كېيىنكى 15 ئايلىق ئەھۋالىنى ئۇنىڭ قىزى گۈلبەدەن يازغان «ھۇمايۇننامە»دىن بىلىشكە بولىدۇ. «ھۇمايۇننامە»گە ئاساسلانغاندا، 1530-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا بابۇر لاھۇردا بولۇپ، قايتىشىدا دېھلىنىڭ ئەتراپىدا شىكار باھانىسى بىلەن ئىككى ئاي تۇرۇپ قالىدۇ. ئاۋغۇستتا ئەگرەگە قايتىپ كەلگەندە، تەخت ۋارىسى ھۇمايۇننىڭ سەمبىھەلدە ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. ئۇ ھۇمايۇننى دەريا ئارقىلىق ئەگرەگە ئەكەلدۈرۈپ پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالىتىدۇ. داۋالاشنىڭ تازا كار قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يېقىنلىرىنىڭ «كوھى نۇر» ناملىق ئالماسنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىش ھەققىدىكى مەسلىھەتىنى رەت قىلىپ، «ھۇمايۇننىڭ ئورنىغا مېنىڭ جېنىمنى ئال» دەپ چىن كۆڭلىدىن خۇداغا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئۇ ھۇمايۇن ياتقان تەختىراۋاننى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ:«مەنكى بابۇر جىسمى جانىمنى ھۇمايۇنغا بەخشەندە قىلدىم» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. «ھۇمايۇننامە»دە يېزىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ ھۇمايۇننىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلاپ، بابۇرنىڭ مېجەزى بۇزىلىدۇ. بابۇر شۇ ياتقىنىچە ئىككى ئاي ئورنىدىن تۇرالمايدۇ ۋە 1530-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 48 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. دەسلەپ جەسىدى ئەگرەگە دەپنە قىلىنىدۇ، كېيىن بابۇرنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن كابۇلغا كۆچۈرۈلۈپ، دەريا بويىدىكى ئانچە چوڭ بولمىغان بىر گۈزەل باغنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىنىدۇ.

(يۇقۇرىقى مەزمۇنلار  «بابۇرنامە» ، «تارىخىي رەشىدىي» ۋە  «تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق كىتاپلاردىن ئېلىندى).

4.بابۇرنىڭ شەخسىي سۈپەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى

    بابۇر يۇقۇرىدا دېگىنىمىزدەك شىر دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق كىشى ئىدى. ئۇنى ئۇيغۇر(تۈرك) تارىخىمىزدىكى قەلەمدىمۇ ئەلەمدىمۇ يېتىشكەن،  بۈيۈك مۇتەپپەككۈر شائىر ، تارىخچى، ھەربىي قوماندان ھەم دۆلەت ئەربابى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ھىندىستان بابۇرىيلار سەلتەنەتىنىڭ ئاساسچىسى.

1)     ئالدى بىلەن ئۇ قەددى- قامىتى كېلىشكەن، كۈچتۈڭگۈر ، يۈرەكلىك  ۋە چاققان بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. ئۇ قىيىنچىلىقلارغا پىسەنت قىلمايتتى، ئۆز ئارزۇسىغا يەتمىگۈچە بولدى قىلمايتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئەگرە قەلئەسىنىڭ ئۈستىدە بەستلىك ئىككى ئادەمنى قولتۇقلىۋېلىپ يۇگۈرۈپ مەشق قىلار ئىكەن. شۇڭا ئۇ جەڭدە ئالدى بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ دۈشمەننىڭ باھادىرلىرىنى ئۆزى بىۋاستە يەڭگەن بولغاچقا،  نۇرغۇن جەڭلەردە ئاز ئەسكىرى كۈچ بىلەن جىق ئەسكىرى كۈچنى يېڭىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. ئوۋچىلىققىمۇ ناھايىتى ماھىر ئىدى، ئوقيا ئېتىشتىمۇ تەڭداشسىز ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇرۇشتا سەپ تۈزۈش، ھەر خىل جەڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىش، ئۇرۇش تاكتىكىسى قاتارلىقلاردىمۇ ناھايىتى پىشقان قوماندان بولۇپ يېتىشكەن. دېمەك، بابۇرنى ئەلەمدە شۇ زامان كىشىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بابۇر كاتتا سەركەردە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنى يەنە يىراقنى كۆرەر ستىراتىگىچى دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇ گەرچە ئاتا تەختى بولغان تېمۇرىيلار سەلتەنەتىدىن ۋاز كەچكۈسى بولمىسىمۇ، ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق نەزمە تۇقۇيدۇ:

تەقدىر يۈكى باشىمغا بالالىق بولدى.
ھەر نىمەكى ئەيلەدىم خاتالىق بولدى.
ئۆز يۇرتنى قويۇپ ھىند سارى يۈزلەندىم،
يارەب نىتەيىن، بۇ نە يۈز قارالىق بولدى.

     بابۇر يەنە سۇ ئۈزۈشكىمۇ ئاجايىپ ماھىر بولۇپ، بۈيۈك گانگى دەرياسىدىن باشقا، يولدا ئۇچرىغانلىكى دەريانىڭ ھەممىسىدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن.

2)       ئۇنى ئىمانى كامىل مۇسۇلمان ھەم ئىلىمدە يېتىشكەن ئالىم كىشى دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن پەزىلەتلىرى ۋە ئىش-ئىزلىرى ئۇنىڭ ئادىمىيلىكتە تەڭداشسىز شەخس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئىنتايىن كەڭ قورساق، مەرت ھەم مەردانە كىشى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ۋە قول ئاستىدىكىلەرگىلا خەير-ئېھسان كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە ئۆزىگە دۈشمەنلىك قىلغان كىشىلەرگە ۋە جەڭدە قولىغا چۈشكەن دۈشمەنلىرىگىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلا قىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ھېمەيىسىگە ئېرىشكەن. مەيلى «بابۇرنامە» دە بولسۇن ياكى «تارىخى رەشىدىي» دە بولسۇن، بابۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە نەقەدەر ياخشىلىق قىلغانلىقلىرى ناھايىتى تەپسىلى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ھەقتە «باھادىرنامە» دە تېخىمۇ ئوبرازلىق ھېكايىلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا بابۇر پىشقان پىسخولوگ بولۇپ، ئۇ شۇ دەۋردىكى شەخسلەرگە ناھايىتى توغرا باھا بېرەلىگەن، ھەتتا ئۆز ئاتىسىغىمۇ ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا باھا بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە نەسەبى، چىراي تۇرقى قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ كېلىپ، ئەخلاق ۋە يۈرۈش تۇرۇشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: “ ھەنەفىي مەزھىپىگە كىرگەن پاكىز ئېتىقادلىق كىشى ئىدى. بەش نامازنى تەرك قىلمايتتى. ئۆمرىي قازالىرىنى تاماملىغانىدى. كۆپ ۋاقىتلاردا قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى. ….ئوقنى قەدىر ئەھۋال ئاتاتتى. مۇشتۇمى قاتتىق ئىدى، يىگىتلىرىدىن ئۇنىڭ مۇشتى بىلەن يىقىلمىغىنى يوق ئىدى……بۇرۇنلاردا بەك ئىچەتتى، كېيىن ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم ئولتۇرۇش قىلىدىغان بولدى. خۇش سۆھبەت ئادەم ئىدى. مۆرىتى كەلگەندە گۈزەل شېئىرلارنى ئوقۇيتتى. كېيىنچە، مەجۈنگە بەك بېرىلىپ كەتكەنىدى….يىتىم مېجەز بولغىنى بىلەن ئويۇن تاماشاسىمۇ كۆپ ئىدى. ھەمىشە نەرد(قاتار) ئوينايتتى، بەزىدە قىمارمۇ ئوينايتتى“(”بابۇرنامە“ 10-13-بەتلەر) دەپ ئاتىسىنىڭ ئارتۇقچىلىك ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئەينەن يازىدۇ.

    يەنە بىر تەرەپتىن، بەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن بەزىدە ئۆزىمۇ بەزى ئىشلاردىن ساقلىنالمىغان. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئۆزىنىڭ بەندىچىلىكتىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى، ئوي خىيالىنى يۇشۇرماي ئەينەن تەسۋىرلىگەن. بۇ ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. مەسىلەن، بابۇر سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ شەيبانىخانغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كابۇلدىن ھىراتقا كېلىدۇ. شۇ ئارىدا تۇققانلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە مېھمان بولىدۇ. شۇ مېھماندارچىلىقنىڭ بىرسىنى ئۇ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: ”مۇزەففەر مىرزىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغىنىمىز ئۈچۈن، مۇزەففەر مىرزا مېنى ئۆزىدىن يۇقۇرى ئولتۇرغۇزدى. ساقىيلار ئىشرەت جاملىرىنى تولدۇرۇپ، سورۇندىكىلەرگە تۇتۇشقا باشلىدى. سورۇندىكىلەرمۇ بۇ ساپ شارابلارنى خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشاش سۈمۈرۈشكە باشلىدى. ئولتۇرۇش قىزىدى، شارابلار باشقا چىقتى. كىشىلەر ماڭىمۇ ئىچۈرۈپ، مېنىمۇ بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈش خىيالىدا بولدى. مەن بۇ چاققىچە مەست بولغۇدەك شاراب ئىچىپ باقمىغانىدىم. مەستلىك، كەيپلىك ھالىتىنى زادىلا بىلمەيتتىم. لېكىن شاراب ئىچىشكە مەيلىم بار ئىدى، بۇ ۋادىنى كېزىپ بېقىشنى كۆڭلۈم خالايتتى. كىچىكىمدە شارابقا مەيلىم يوق ئىدى، كەيپلىك ھالىتىنى بىلمەيتتىم، ئاتام بەزىدە شارابقا تەكلىپ قىلسىمۇ، ئۆزرە ئېيتىپ ئىچمەيتتىم. ئاتامدىن كېيىن خوجا قازىنىڭ مۇبارەك تەسىرىدە زاھىد ۋە تەقۋا ئىدىم. شاراب ئىچىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، شۈبھىلىك تائاملاردىنمۇ ساقلىناتتىم. كېيىن يىگىتلىك ھەۋىسى ۋە نەپس تەقەززاسى بىلەن شارابقا مەيلىم تارتتى، لېكىن تەكلىپ قىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى، بەلكى شارابقا مەيلىم بارلىقىنى بىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى. قىلىپ باقمىغان مۇنداق ئىشنى ئۆزلۈكىمدىن قىلىشىم مۈشكۈل ئىدى. مەن:<شۇنچە تەكلىپ بولىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۈتۈن ئەيش-ئىشرەت ئەسۋابى مۇكەممەل ۋە تەييار تۇرغان، ھەممە تەكەللۇپ ۋە راھەت ۋاستىلىرى تەل بولغان ھېراتتەك كاتتا شەھەرگە كېلىپتىمىز، ئەمدى ئىچمىسەم قاچان ئىچىمەن> دەپ ئويلىدىم-دە، ئىچمەكچى بولدۇم ۋە بۇ ۋادىنى كېزىش قارارىغا كەلدىم. لېكىن يەنە: <بەدىئۇززامان مىرزا ئاغا بولىدۇ، ئۇنىڭ قولىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىچمەي(ئالدىنقى كۈنى شۇنداق بولغان)، ئىنىسىنىڭ قولىدىن ۋە ئىنىسىنىڭ ئۆيىدە ئىچسەم نىمىدەپ قالار> دەپ ئويلىدىم-دە، بۇ ئەندىشەمنى ئېيتتىم. ئۇلارمۇ ماقۇل بولۇپ، ئاكا-ئۇكا ئىككى مىرزا بىر يەردە بولغاندا ، ھەر ئىككى مىرزىنىڭ تەكلىۋى بويىچە ئىچمەكچى بولدۇم“(”بابۇرنامە“ 356-358-بەتلەر). ئەمەلىيەتتە ئەتىسى بابۇرنىڭ قول ئاستىدىكى بەگلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئاكا-ئۇكا مىرزىلارغا قاتتىق گەپ قىلىپ، بابۇرنى شارابقا تەكلىپ قىلىشنى چەكلەيدۇ ھەم ئىچۈرمەيدۇ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىمىز، بابۇرنىڭ سەمىمىيلىكى بىزنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ بىر ئىخلاسمەن دىنىي مۇرىت بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئۆزىدە شاراب ئىچىش ھەۋىسى پەيدا بولۇش جەريانىدىكى ئىچكى دۇنياسىنى بىزگە يۇشۇرماي ئەينەن تەسۋىرلەيدۇ.

    ئۇ يەنە مۆرىتى كەلگەندە، دۈشمەنلىرىنى ماختايدۇ، دوستلىرىنى ۋە تۇققانلىرىنى رەھىمسىز پاش قىلىپ قامچىلايدۇ.مەسىلەن، 1506-يىلى بابۇر سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىشىپ، شەيبانىخاننى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كابۇلدىن خوراسانغا كەتكەن پۇرسەتتە،ئانا تەرەپ بوۋىسىې يۇنۇسخاننىڭ كىچىك خوتۇنى شاھ بېگىم(بابۇرنىڭ كىچىك مومىسى بولىدۇ) كالتا پەملىك قىلىپ، بابۇرنى ئەمدى كابۇلغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، نەۋرىسى مىرزاخاننى تەختكە چىقىرىدۇ. كېيىن بابۇر قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشلارنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن، كۆڭلىدىكى نارازىلىقىنى يۇشۇرماي يېزىپ، ئۇلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى قامچىلايدۇ (ئەمما ھېچقايسى تۇققانلىرىغا يامانلىق قىلمايدۇ) .كىتاپتا يەنە شەيبانىخانغا باشتىن ئاخىر ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان ھەم كۆپ جايلاردا كەمسىتىپ ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.

     بابۇر كىچىك پېئىل، كەمتەر، ئاق كۆڭۈل بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە خەلققە ھەر ۋاقىت ياخشى مۇئامىلە قىلغان.ئۇلارنى ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن جايىدا ئىشلەتكەن. ئەمما ئەڭ جاپالىق ۋاقىتلاردىمۇ غورۇرىنى يوقاتمىغان، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قەتئىي قوغدىغان. مەسىلەن: بابۇر ھەممە نىمىسىدىن ئايرىلىپ خوراسانغا سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى مۇزەففەر مىرزا بىلەن بەدىئۇززامان مىرزىنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇ ئىككىسى ئۇنى كىچىك كۆرۈپ ھەم شۇ چاغدا تەخت ھوقۇقى يوق دەپ قاراپ، قىلىشقا تېگىشلىك سالام ھۆرمەتنى بەجا كەلتۈرمىگەندە، ئۇ  مىرزىلارنىڭ بەگلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: ”يېشىم كىچىك بولسىمۇ ئورنۇم يۇقۇرى، ئاتا تەختى بولغان سەمەرقەنت تەختىنى ئىككى قېتىم جەڭ بىلەن ئېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ خانىدان ئۈچۈن يات دۈشمەنگە قارشى كىم مەنچىلىك جەڭ قىپتۇ، ماڭا تېگىشلىك تازىمنىڭ بېجىرىلمەسلىكى مۇۋاپىق ئەمەس“.(«بابۇرنامە»352-353-بەتلەر) ئۇنىڭ بۇ سۆزى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككى مىرزا ئېتىراپ قىلىپ، چىن دىلىدىن تەزىم قىلىدىغان بولىدۇ.

    نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلارنى بېشىدىن كۆچۈرۈپ تۇرمۇش ۋە ھاياتقا بولغان كۆرقارىشىدا زور يۈكسىلىش بولغان بابۇر، كېيىن ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىدىغان تامغا بېجى سېلىقىنى يوق قىلىش ۋە ھاراق چەكلەش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. پەرماندا مۇنداق مەزمۇنلار بار: ”ئىنسانلىق تەقەززاسى، پادىشاھلار رەسىم قائىدىسى، پادىشاھلىق لاۋازىمى، پادىشاھدىن تارتىپ سىپاھىيلارغىچە بولغان مەنسەپ ئېگىلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ياشلىق مەزگىلىدە بەزى گۇناھلار سادىر قىلىناتتى ۋە ئاز-تولا ھاۋايى ھەۋەسلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. بىرقانچە ۋاقىتتىن كېيىن ھەسرەت-نادامەت كۈنلىرى كەلگەندە، بۇ گۇناھلىق ئىشلار بىر-بىرىدىن تەرك قىلىناتتى ۋە چىن توۋا ئارقىلىق بۇ ئىشلارغا قايتىش ئىشىكى يېپىلاتتى….بۇ ئارزۇ بۇ ئەمىنىيەت تەلتۆكۈس ئاخىرىغا يەتكىنىدىن كېيىن، ئالەم بويسۇنۇشى لازىم بولغان پەرمان ئىجرا شەرىپىگە ئېرىشتىكى، تەۋەيىمىزدىكى مەملىكەتتە ھېچبىر كىشى شاراب ئىچىشكە ئۇرۇنمىسۇن، ئۇنى ھاسىل قىلىشقا تىرىشمىسۇن، شارابنى ئىشلىمىسۇن، ساتمىسۇن ۋە ئالمىسۇن، ئۆيدە ساقلىمىسۇن، بىر تەرەپكە ئېلىپ بارمىسۇن ۋە ئېلىپ كەلمىسۇن“.(”بابۇرنامە“ 595-598-بەتلەر)

3)         ئەلۋەتتە، بابۇرنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى  كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «بابۇرنامە» دەپ ئاتالغان تارىخى ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقى. بۇ ئەسەرگە ھەتتا ھىندىستان يېڭى دېھلى مىللىي مۇزىيىنىڭ مۇتەسەددىسى گ.ن.پانت باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: “ بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ قىممىتى جەھەتتىن ئەۋلىيا ئاۋكوستىنو ۋە روسسونىڭ كەشپىياتلىرى، گىببون ۋە نيۇتوننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرالايدۇ. مەزكۈر كىتاپ پۈتكۈل ھاياتى داۋامىدا كۆپلىگەن يۈكسىلىشلەر ۋە چۈشكۈنلۈكلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر شەخسنىڭ ئىبرەتلىك تارىخىدۇر. ئۇنىڭدىكى يۈكسىلىشلەر قانچىكى يۇقىرى بولسا، چۈشكۈنلۈكلەرمۇ شۇنچىلىك چوڭقۇردۇر.“ دېمىسىمۇ «بابۇرنامە»نى ئوقۇغىنىمىزدا ئاپتۇرنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرىلىقى، ئەقىل پاراسىتى ۋە بىلىمىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىغا گۇۋاھ بولماي قالمايمىز. «بابۇرنامە» تۈرك تىلى(ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى) بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنى دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇ كىتاپنى ئوقۇغانچە ئۇنىڭدىكى مەزمۇننىڭ موللىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىسىز، كىشىگە بېرىدىغان ئىستىتىك زوقنىڭ كۆپلىگىنى بايقايسىز، ئوقۇغانچە ئوقۇغىڭىز كېلىدۇ.

     بۇ ئەسەردىن باشقا بابۇرنىڭ يەنە نۇرغۇن پاساھەتلىك شېئىرلىرى بولۇپ كىشىگە ئاجايىپ ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرىنىڭ سانى 400 دىن ئارتۇق بولۇپ،  119 غەزەل، 231 رۇبائىي ۋە تۇيۇق ھەم نۇرغۇن قىتئە، مەسنەۋىيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بابۇر رۇبائىي ژانىرىنى ئۇيغۇر(تۈرك) ئەدەبىياتىدا دۇنياغا ئېلىپ چىققان شائىرلارنىڭ بىرسىدۇر.

     ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچە، بابۇر ھەققىدە ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 500 دىن ئارتۇق كىتاپ ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىنغان.

    ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇنداق بىرنەچچە مەسىلە بار: ھەرقانداق كىشى ئۆزى ياشىغان دەۋردىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغان بولغاچقا، بابۇرمۇ ئىدىيە ۋە قىلمىش جەھەتتىن شۇ جاھان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىلىسىگە ئۇچرىغان. ئۇ نۇرغۇن ئۇرۇش جەريانىدا بىگۇنا كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئاشۇ ئىشلىرىنى توغرا دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە پراففېسسور خېۋىر تۆمۈر ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: ”بابۇر يېتىلگەن ئەدىب ۋە بىلىمى مول ئالىم بولۇش بىلەن بىللە، چىڭگىزخان ۋە ئاقساق تۆمۈر ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان فېئودال ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ سادىق بىر ۋەكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسى كۆزقارىشى ئەلۋەتتە شۇ تەبىقىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ ئۆمۈر بويى شۇ تەبىقىنىڭ غايە ۋە دەستۇرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.“

     بىزدە بابۇر ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئەگەر چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، تېمىلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. سۆيۈنگىدەك ئەمگەكلىرىمىزدىن ئالدى بىلەن پراففېسسور خەمىت تۆمۈر ئەپەندىنىڭ 1992-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «بابۇرنامە» ناملىق ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىنى تىلغا ئېلىش كېرەك. بىز مۇشۇ ئەسەر ئارقىلىقلا بابۇر بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تۇنۇشتۇق ھەم بابۇرنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر مەنبە مۇھەممەتتۇردى مىرزائەخمەت ئەپەندى نەشىرگە تەييارلىغان «تارىخى رەشىدىي» ناملق ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدۇر.  كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان يەنە بىر ئىش، ئىستىداتلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندى «باھادىرنامە» ناملىق كاتتا رومانىدا بابۇر ھەققىدە بىزنى نۇرغۇن تەسىرلىك ۋەقەلەردىن خەۋەردار قىلدى. يۇقۇرىدىكى ئەسەرلەر ئاساسەن تارىخى ۋەقەلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بابۇرنىڭ ئىدىيىسى، پۈتۈن ھاياتى، ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى، ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى ھەققىدىكى چوڭقۇر تەتقىقات تېخى يوق دېيەرلىك.

    بابۇر 12 يېشىدا ئاتىسىدىن يىتىم قېلىپ، شۇنچە ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ يەنە ئىرادىسدىن ۋە غايىسىدىن يانمىغان، ھاياتقا دائىم تەۋەككۈل قىلالىغان، ھۇمايۇندەك ئىمپىراتۇر ئوغۇل ۋە گۈلبەدەندەك تارىخچى قىز پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرەلىگەن. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا بۇ كۈچ نەدىن كەلدى؟ ئۇ قانداق قىلىپ ئاشۇنداق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلەلىگەن؟ چوقۇمكى، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيە كۆرگەن، ئۇنىڭ ئىسسىق-سوغاققا تويۇنغان كەچۈرمىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنى تەربىيىلىگەن. ئەمدىكى مەسىلە، ئۇ قانداق تەربىيلەندى؟ كىم تەربىيىلىدى؟ نىمە مەزمۇندا تەربىيىلەندى؟ ئۇنىڭ تارىخىدىن بىز نىمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ دېگەنلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

    بابۇر تەتقىقاتى— بۈگۈنكىدەك ئاتا-ئانىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ھىمايىسىدە  مەكتەپتە ئوقۇپ ۋە تەربىيىلىنىپ تۇرۇپمۇ،  قىزلىرىمىز ياكى قىزدەك ئەمەس ، ئەركەكلىرىمىز ئەركەكدەك ئەمەس، نە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق، نە مېھرى-مۇھاببەت يوق، نە غەزەپ – نەپرىتى ئېنىق بولمىغان، ئىلىم ئۈگەنمەي نادان قېلىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك تېما بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. ۋەھىمە
    2012/10/13 11:13:38

    مۇشۇ كىشىنىڭ تارىخىغا بەك قىزىقاتتىم ، بىرچاغلار سوۋىتنىڭ بىر يازغۇچىنىسىنىڭ ‹‹يۇلتۇزلۇق تۇنلەر ›› دىگەن كىتابىنى ئوقۇغان ئىدىم .ئۇنىڭدا بابۇرنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشى ۋە بىر ئومۇرلۇك كەچۇرمىشى ئىنىق خاتىرلەنگەن رومان ئىكەندۇق ، بۇ يازمىنى كۆرۇپ شۇ كىتابنى يەنە بىرقىتىم ئوقۇغاندەك بولدۇم ، رەخمەت :lol: :lol:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif