مەن كىم؟(2)

ۋاقتى: 2012-11-19 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 444 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

    

ئۆيدىكىلەرنىڭ مەندىن تولىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىق سەۋەبىدىن نەدىلا بولسا بىر يەردە ئىشلىمەكچى بولۇپ، دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شەھىرىمىزدىكى مەلۇم تورتخانىدا تالون بىجىرىش ئورنىغا ئىشقا چۈشتۈم . ئىشىمنىڭ قارايى قاتتىق ئىدى . ئۆرە تۇرۇپ بەللىرىم تېلىپ كېتەتتى. بەزى كۈنلىرى كەچلىك ئىش نۆۋىتى كېلىپ قالغاچقا بەكلا كەچ قالاتتىم. تېلېفونۇم جىرىڭلىدى، ئاچامدىن تېل كەلگەن ئىدى.

    - ھە  قانداقراق، كۆنۈپ قالدىڭمۇ؟ 

   مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ :

   - يامان ئەمەس.

    گېلىمغا بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەكلا بوغۇلۇپ كەتكەن ئىدىم . ئاچامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى:

   -ئاكاڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ قوياي ، ئەگەر بۇ قېتىم يانا چىدىماسلىق قىلىپ ئۇ يەردە ئىشلىمىسە مەڭگۈ بىر ئىشنىڭ ئايىغىنى ئېلىپ چىقالمايدۇ، يەنە چىدىماسلىق قىلسا ،بۇندىن كىيىن ھىچ ئشىغا ئارىلاشمايمىز ،-دىدى. شۇڭا چىدىۋەت …بولامدۇ ئۇكام .

    شۇ تاپتا بېلىم تېلىپ بەدىنىمنىڭ چارچىشى بىر ياقتا تۇرسۇن پۇتۇن خىيالىمدا ئۆز ئىرادەم بىلەن كۈرەش قىلىۋاتاتتىم .مەندىكى ئاجىز ئىرادىنى ئۆزەم مەجبۇرىي ھالدا مۇقۇملاشتۇرۇشقا، تاۋلاشقا ئۇرۇنۇشۇم زۆرۈر ئىدى. مېنىڭ تەلپۈنىشىمدىن ۋايساشلىرىم، قەدەملىمدىن ئوي خىيالىم جىق ئىدى . بۈگۈن كەچلىك گۇرۇپىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا ئويدە تور ئارىلاپ ئولتۇراتتىم.دادام گۈرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ كەتتى :

    -بالا دېگەن كىچىك ۋاقتىدا بالا، چوڭ بولغاندا بىر بالا  بولىدىكەنغۇ ، ئادەم دېگەندە غۇرۇر بولۇشى كېرەك، بولمىسا قۇرۇق سۆلەتۋاز ، يارىماس بوپ چىقىدىغان گەپ، ئۇنداق ئادەم نەگىلا بارسا ،نىمىلا ئىش قىلسا ئايىغى چىقمايدۇ، لەيلەپ يۈرگىنى يۈرگەن.

    -مېنى دەۋاتامسەن ؟

    -ياق تامغا دەۋاتىمەن .

    بۇنداق سۆزلەرنى پات پاتلا ئاڭلاپ تۇرغاچقا خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرىۋەردىم .شۇ ئەسنادا ئوزەممۇ بىلمىگەن ھالدا “بەيدۇ “غا كىرىپلا ”ئۇيغۇر“دەپ كىرگۈۈزۈپ ئاختۇردۇم. يوكۇ تورىدىن ئۇيغۇر تارىخى فىلىمى قويۇلۇشقا باشلىدى . فىلىمدە يول باشلاپ ماڭغان كۆك بۆرە دىققىتىمنى تارتىپ مېنى باشقىچىلا سەگىتىپ قويدى.مەن فىلىمنى توختىتىپ دىققەت قىلىشقا باشلىدىم، فىلىمدىكى ئىنتايىن كۈچتۈڭگۈر، تۆمۇر ساۋۇت كىيگەن ئوغۇز سەركەردىسى بىلەن بۆرەگە قارىسا ئادەمنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلاتتى. مەن ئېغىزدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان غۇرۇرنىڭ ئىپادىسىنى كۆك بۆرىنىڭ كۆزىدىن، باتۇرلۇق قەيسەرلىكنىڭ كۆرىنىشلىرىنى بۇ باتۇر ئۇيغۇر ئەجدادىنىڭ سىماسىدىن كۆرىۋاتاتتىم. مەن ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم ، چاپىنىمنى ئېلىپلا ئۆيدىن چىقتىمدە ، مېنىڭ ئىرادەمنى باھالىغۇچى، ئاددىي بولسىمۇ مېنى تاۋلىغۇچى تورتخانىغا– شۇ ئاددىي ئىش ئورنۇمغا ماڭدىم.

    شۇ تاپتا دادام مېنى كۆرگەن بولسا مېنىڭ چىھرىمدىكى غۇرۇرنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن بولاتتى، ئەجدادىمدىن قالغان روھىي قەسىرىمدىن قېزىلىۋاتقان غۇرۇرۇمنى ھىس قىلغان بولاتتى .

ئالدىنقى يازما:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif