«ئوغۇزنامە»
بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە كونا كىتاپلارنى ئوقۇۋېتىپ يېڭى ئىلھاملار پەيدا بولدى. شۇ ئىلھاملارنى يېزىشتىن ئاۋال «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا ئاغدۇرۇلغان يەشمىسىنى رەسىم ھۆججىتى شەكلىدە تۇتۇپ قوراشتۇرۇپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. ئەسلى كىتاپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1980-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلىنغان ئىكەن. گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن تۇرسۇن ئايۇپ ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان، نۇرمۇھەممەت دۆلەتى ئەپەندى مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن ئىكەن. يۇقۇرىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز.
ئالدىنقى يازما: ئىلىم ئۇ، دىللارغا نۇر چاچقان قۇياش
كىيىنكى يازما: 2012-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق HSK ۋە MHK غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
كىيىنكى يازما: 2012-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق HSK ۋە MHK غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
2012/02/04 11:00:51
تۇنجى كېلىشىمتى…
مەزكۇر ئەسەر زادى قايسى تۈركىي قەۋىمنىڭ؟
2012/02/04 14:08:36
بۇ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرى. ئۇنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان قوليازما نۇسخىسىدىن پەقەت بىرسىلا بولۇپ، ھازىر فرانسىيە «پۇقرالار كىتاپخانىسى» دا ساقلانماقتا.داستاندا مۇنداق بىر كۇبلېت بار:
«ئوغۇز خاقان بەگلەرگە ۋە ئەل – جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ مۇنداق دېدى:
مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان، ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان؛
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان، كۆك بۆرى ھەم بولسۇن ئۇران؛
تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان، ئوۋلىقتا يۈرۈشسۇن مال-ۋاران؛
ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن، قۇياش تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان.
ئاندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان تەرەپ تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەردىن ئەۋەتتى. بۇ مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن:
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن،
مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك.
مەن سىلەرنىڭ ماڭا ماڭا بويسۇنۇشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇ تارتىپ،
ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن.
كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزەمگە دۈشمەن تۇتىمەن.
لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ» ( داستاننىڭ 95-115- بىيىتلىرى) .
ھازىر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىپ ساقلىنىۋاتقان مۇھىم يادىكارلىقلار تۆۋەندىكىچە: قەدىمقى تۇرپان خەلق قوشاقلىرى قالدۇقلىرى، «ئوغۇزنامە» داستانى، سەھنە ئەسىرى «مايتىرى – سىمىت»، «قۇتادغۇ بىلىك»(ۋېنا نۇسخىسى)، ھېكايىلەر توپلىمى «پانچاتانترا» نىڭ قالدۇقى، «ئېزوپ مەسەللىرى» قالدۇقى، «داشاكرما بۇدائاۋاتانامالا نوم بىتىگ»(بۇددا دىنىغا دائىر چوڭ تىپتىكى ھېكايىلەر توپلىمى)، «ئالتۇن يارۇق»، «ئابىدارىم كوشاۋاردى شاسترى» قاتارلىق 30 غا يېقىن ئەدەبىي ئەسەر، دىنىي يادىكارلىق ئەسەر، تبابەتچىلىككە ئائىت ئەسەر ۋە ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر، يىلنامە، ئىككى خىل تىل سېلىشتۇرما لۇغىتى قاتارلىقلار بار.