ئىلىم ئۇ، دىللارغا نۇر چاچقان قۇياش

ۋاقتى: 2012-01-30 / تۈرى: خاتىرىلەر / كۆرۈلۈشى: 597 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

     يېڭى يىل كىرىشى بىلەن خوتەنگە خىزمەتكە بېرىپ كەلدىم. بارغاندىن كېيىن ساۋاقداشلار ۋە تۇنۇش بىلىشلەر ئالدىمىزغا چىقىپ ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قىلدى. كۆپرەك خوتەندىكى مەمۇرى خىزمەتچىلەر ۋە مائارىپ ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇق. پاراڭ تېمىسى ئاساسەن مائارىپ ۋە قاشتېشى ھەققىدە بولدى. مۇشۇ پاراڭلار ئىچىدە بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى، دېھقانلار ئارىسىدا يېڭى بىر ئەۋلات نادانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ماڭا بەكرەك تەسىر قىلدى. يەنە مۇشۇنداق نادانلىقنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يېڭى ھادىسىلەر مېنى تېخىمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى.  ئۇلارنىڭ دېيىشىچە خوتەن ناھىيىسىدە ئەمەلىي ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىكەن. ئاتا-ئانىلار ئوقۇتۇشنى خالىمايدىكەن… خوتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ خەلقىمىز قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىقتىن ئويغانماي ئۆتۈپ كېتەر دەپ يۈرگىنىمدە، مەرھۇم شائىر باتۇر روزىنىڭ بۇنىڭدىن 26 يىل ئىلگىرى يازغان بىر پارچە شېئىرى ئۇچراپ قالدى، شائىر بۇ شېئىرنى  قارغىلىق ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن  بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە بالا چاقىرىشقا بارغان ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلەپ ، ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن ئىشقا پايلىماي يازغان ئىكەن…مۇشۇ تۇرقۇمدىكى ھېسسىياتىمغا ماس كەلگەچكە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدۇق. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.

ئىلىم ئۇ، دىللارغا نۇر چاچقان قۇياش

باتۇر رورى

ئىلىم ئۇ، تۈنلەرنى يۇرۇتقان ئوتقاش،
ئىلىم ئۇ، دىللارغا نۇر چاچقان قۇياش.

نىمىشقا كۆزۈمگە يامراپ كەلدى ياش؟
نىمىشقا قەلبىمنى چۇلغىدى پىغان؟!
نىمىشقا ئېچىنىش، خورلۇق ۋە غەزەپ،
دولقۇنلاپ قەلبىمدە ياسىدى قىيان.

بۇ قانداق ھادىسە، بۇ قانداق غەۋغا؟
ساھىبخان بولغاننى يەكلەمدۇ ساھىب؟!
مەن سۆيگەن ئاشۇ ئەل قەلبىدە ھەيھات،
ئاقكۆڭۈل تۇيغۇلار بولدىمۇ غايىب؟!

ھە، مېنى ئالماقتا تەقىپ ئاستىغا،
غەزەپلىك چىرايلار، تۈگۈلگەن مۇشتلار.
ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يەمدۇ شىر،
ئۆز قانىتىنى ئۆزى يەمدۇ قۇشلار.

كۆزۈمنى يۇمىمەن، بوغۇلۇپ ئاچچىق،
ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيمەن بىر – بىر…
ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنت، ھەر دەقىقىدە،
كېلىدۇ كۆڭلۈمگە مىڭ ھېس، مىڭ پىكىر.

ئالدىمدا يۇلتۇزدەك چاقنىغان كۆزلەر،
«ئۇستاز» دەپ تىترىگەن ئوماق لەۋلىرى.
كەلمىدى تۈنۈگۈن، بۈگۈنمۇ ھەمدە،
شۇ ئوماق شاگىرتلار ئىچىدىن بىرى.

ئويلىدىم: شاگىرتنىڭ كىرسىز قەلبىدىن،
ئوقۇش ئىستەكلىرى كۆچمىسە ئىدى.
پارتىدا چاقنىغان يۇلتۇزلىرىمدىن،
بىرەرسى «لاپ» قىلىپ ئۆچمىسە ئىدى.

مەن خۇشال بولاتتىم، تەمتىرەپ ئۇلار،
نادانلىق دەشتىدە بولمىسا سەرسان.
ھە، ئۇلار ئىجادتىن تىزىپ گۆھەرلەر،
ئانىجان خەلقىگە بەرسە ئىدى شان.

ئەۋلادلار غەپلەتكە گەر بولغاندا غەرق،
بۇ قېرى خەلقنىڭ تەقدىرى شورلۇق.
ئەۋلادلار  شۆھرەتتىن ئۇرۇپ تۇرسا بەرق،
ئەجدادلار تەلەيلىك، ئەجدادلار ئۇلۇق.

بىر زامان بىزلەرنى زۇلمەت، نادانلىق،
ئەجەپ قىينىدىغۇ قويۇپ سەكراتتا.
نىمىلەر كۆرمىدۇق ساۋاتسىزلىقتىن،
ئاھ، ئەشۇ بۇرۇختۇم رەزىل ھاياتتا؟!

ئەجەل بۆشۈكىدە ياتتۇق بىز ئۇخلاپ،
نادانلىق ئەللىيى تىڭشاپ بىر زامان.
غايىنىڭ مەنزىلى بىلىندى كېچە،
ۋە ئۇندا ئۈمىدتىن يانمىدى چولپان.

شۇ زۇلمەت تۈنلەرنىڭ چاپقۇنلىرىدا،
قىينالدۇق، ھەلقۇمغا كەلمىدىمۇ جان؟!
ئاپەتلەر ئىلكىدە، ئاچۇ - زارلىقتا،
ئۆلۈم كۆرۈندىغۇ كۆزلەرگە جانان.

بوۋىلار ئېيتقانغۇ يېتىپ سەكراتتا:
«جاھالەت ئىلكىدە پۈكلەندى بېلىم.
ئەۋلادلار ھەرگىزمۇ قالمىسۇن نادان،
قۇچسۇن شان، تاپسۇن ئاڭ، ئۈگەنسۇن ئىلىم!»

بىزلەرگە تەۋەرۈك ياڭراق شۇ سادا،
ئەمەسمۇ جان بەخش ئەتكۈچى سىگنال؟
ئۇ، كۆڭۈل كۆكىدە چېقىلغان چاقماق،
ئۇ، تاڭنى باغاشلاپ ئۇچقان شوخ شامال.

شۇلارنى ئويلايمەن ئوتلۇق ھاياجان،
ۋۇجۇدۇم ، قەلبىمدە قىلار تەنتەنە.
نىمىشقا بىر پارتا قالىدۇ بوشاپ؟
تۈنۈگۈن بوش ئىدى، بۈگۈنمۇ يەنە!

سەل قاراپ بولماس بۇ پارتىغا ھەرگىز،
پارتىدىن كېلىدۇ ئىنسانغا ئۇتۇق.
پارتىسىز ئادەملەر تەقدىرى كېچە،
پارتىسىز دۇنياغا يۈزلەنمەس يورۇق.

ئەي پارتام، سۆيۈملۈك جانىجان پارتام،
سەن تەرگەن قەلبىمگە گۈل بىلەن چېچەك.
سەن تەرگەن بۇ غاپىل تۇيغۇمغا پەرۋاز،
سەن بىلەن ئويۇمدا كۈلگەن كېلەچەك.

ئاھ، بۈگۈن ئۈستۈڭدە قېنى بىر چېچەك؟
كۆزۈمدە تۇرىسەن يالتىراپ سوغۇق.
ھازىدار ئاياللار ئارتقاندەك لېچەك،
توزاڭلار كۆمۈپتۇ يۈزۈڭنى تولۇق.

ئۈن – تىنسىز يىغلايسەن يۇلتۇزۇڭ ئۆچكەن،
دۇنيادىن غۇلىغان بىر ئەرك، بىر ھوقۇق.
بىر ئىنسان تەقدىرى يوقلۇققا كۆچكەن،
مەرىپەت جېڭىدە كېمەيگەن بىر ئوق.

بۇ ئۇزاق يوللاردىن كەلدىم ئۆيۈڭگە،
ئەي ئوماق يۇلتۇزۇم باغرىمغا تۆكۈل.
بول يەنە مەشۇقىڭ – پارتاڭدا زاھىر،
ئۇ ساڭا بىر تەشتەك، ئېچىلغان ئەي گۈل.

بۇقۇلداپ يىغلايسەن، مەڭزىڭ يانغان ئوت،
ئاھ، ئەجەپ سىرغىدى كۆزۈڭدىن شەبنەم.
يۇلتۇزۇم، يۇلتۇزۇم دەردلەرنى ئۇنۇت،
يولۇقما يۇلتۇزغا قىستۇغۇر ئەلەم.

ئىنسانغا ھىممەت قىل رەھىمدىل قۇياش،
«ئەرك» دەپ دەپسەندە ھەۋەس.
ئەي ئاتا، ئەي ئانا بولما ناغرى تاش،
-باق باغرىڭ مەيلىگە، زەنجىرلىمە بەس!

 پۇت دېسە پۇتۇڭ ئۇ، قول دېسە قولۇڭ،
ئۇ تاپسۇن كۈچ مادار، ئۇ تاپسۇن ھۈنەر.
سەن تەرگەن بىر گۈل ئۇ، ياشناتسۇن قولۇم،
رەڭ ئېلىپ گۈللەردىن گۈزەللەشسۇن يەر.

ئەجەپ – ھە؟ ئەي ئاتا ئۇقمىدىڭمۇ گەپ،
كۆزلىرىڭ غەزەپلىك، تەلەتىڭ بۇزۇق.
ماقال بار: «سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگە سەپ»
سىڭەر دەپ سەپكەنتىم قىلمايلا قوي دوق.

نىمىشقا كېلىسەن بۇنداق دېۋەيلەپ،
نىمىشقا قەھرىڭدىن ياغدۇرىسەن ئوق.
نە پايدا بۇ خالىس پەيلىمنى چەيلەپ،
ياشناتماق كېرەكقۇ چاچقاندا ئۇرۇق؟

تەگدى مۇشت بۇرنۇمغا، يۈزلىرىمگە ھەم،
ناداننىڭ يۈرىكى نەقەدەر يامان؟
بۇ نىمە خورلۇق ھە، بۇ نىمە ئەلەم،
بۇ قانداق ھادىسە، بۇ قايسى زامان؟

ئەي سەن مۇشت، نادانغا، شۇملۇققا تىمسال،
ئاھ سېنى بار ئەتكەن قايسى باغرى تاش؟
سەن بىلەن تۆرەلدى دۇنياغا جاڭگال،
سەن بولغاچ كۆزلەردىن قۇرۇمىدى ياش!

ھە سېنى بار ئەتكەن قايسى مۇددىئا؟
ۋە قايسى نىيەتكە بولدۇڭ سەن مىسال؟
ئىنسانلار «تېنچلىق» دەپ ئەيلىسە دۇئا،
نىمىشقا ھۆرلۈككە بېرىسەن زاۋال؟

تەگدى مۇشت بۇرنۇمغا، يۈزلىرىمگە ھەم،
تەگدى مۇشت ياخشى خۇي، ئىزگۈ نىيەتكە.
تەگدى مۇشت ئىقبالغا، كېلەچەككە ھەم،
تەگدى مۇشت مائارىپ، مەدەنىيەتكە.

مۇشت يامان، مۇشتتىن بەك نادانلىق يامان،
ناداندا بولمايدۇ يارقىن تەبىئەت.
نادانلىق شۇملۇققا يېتەكلەر ھامان،
نادانلىق دۇنياغا بېرەر سەت تەلەت.

ئويلايمەن ئەسىرنىڭ ئىستىرىلكىسى،
يېقىنلاپ قالدىغۇ يىگىرمە بىرگە.
بولامدۇ نادانلىق، ياۋايىلىقنى،
ئات بوپ بىز، مىندۇۈرۈپ قويساق ئىگەرگە.

بولامدۇ نەسىللەر تۇغۇلالمىسا،
ئىلىم بۆشۈكىدە تولۇپ ئاي كەبى.
خەلق قەد كېرەلمەي بولامدۇ ئەمدى،
ئەۋلادتىن -ئەۋلادقا نادان ۋە سەبى.

ئىزىمىز ئۆچمىسۇن ئەزىز تۇپراقتىن،
نادانلىق غۇلىسۇن ئەمدى ئېتىدىن.
مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ كۆرسۇن ئەۋلادلار،
مۇبارەك نامىمىزنى تارىخ بېتىدىن.

ئىلىم ئۇ، تۈنلەرنى يۇرۇتقان ئوتقاش،
ئىلىم ئۇ، دىللارغا نۇر چاچقان قۇياش.

 

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئۇيغۇربەگ
    2012/02/27 18:51:35

    مەنمۇ باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيىگە چېپىپ ھارمايتىم!

    • بابۇرشاھ
      2012/02/29 10:03:10

      مەكتەپكە بالا چاقىرىش قاچان تۈگەر؟ بۇنىڭسىزمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى يەتكۈچە ئىدى!!!

  2. مەن
    2012/02/17 01:47:45

    نېمە ئۈچۈن خوتەندە مائارىپ قارىشى بۇنداق بولدۇ ؟

    • بابۇرشاھ
      2012/02/17 16:24:47

      بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ. ھازىرغىچە نۇرغۇن قېرىداشلىرىمىز ئوقۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دەپ قارايدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك ئۇ ئىش ئاللاقاچان كەلمەسكە كەتتى. مېنىڭچە يەنىلا نادانلىق ئاساسى سەۋەپ. نادان كىشىدە مەنىۋى تەلەپكە قارىغاندا ماددى تەلەپ يۇقۇرىراق بولىدۇ. كۆز ئالدىدىكىنى كۆرۈپ يىراقنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۆۋەتتە ئاساسى مائارىپتىكى سۈپەت تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىمۇ يەنە بىر سەۋەپ. بىز ئويلايمىزكى، قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر،كەلگۈسىمىز پارلاق بولسۇن دەيدىكەنمىز، ھەممە نېمىمىزنى سەرپ قىلىپ بولسىمۇ بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇشىمىز كېرەك ئىدى.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif