سۆز تەربىيىسىدىن ئۆز تەربىيىسى ئەلا(ئابلىز ھەسەن)

ۋاقتى: 2012-01-20 / تۈرى: باغۋەنلەر مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 578 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

سۆز تەربىيىسىدىن ئۆز تەربىيىسى ئەلا—  پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە

تەكلىپلىك ئاپتور:ئابلىز ھەسەن

     سۆزۈمنىڭ ئېھتىراملىق مۇقەددىمىسىنى مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئەشۇ چىرايلىق قارا كۆزلەرنى تۇغۇپ تەربىيلىگەن مۆھتىرەم ئاتا – ئانىلارغا سالامەتلىك، نۇسرەت ۋە بەرىكەت تىلەش بىلەن باشلايمەن. ئۈمىدىم، ئۇشبۇ يازمىنى كۆرگۈچىلەر سۆزلىرىمنىڭ مېغىزىنى چېقىپ كۆرسە، بۇندىن كېيىن ياكى ئۇزاق كەلگۈسىدە ئۇ بىر پارچە چوغ ياكى ھېچبولمىسا بىر تال ئۇچقۇندەك مەنىۋىيىتىڭلارنىڭ بىر بۇرجىكىدە يېلىنجاپ تۇرالىسا، گېزى كەلگەندە پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن باسقان مەنزىلىڭلارنى تۇڭلۈكتىن كىرگەن باھار ئاپتىپىنىڭ نۇرىچىلىك يورۇقلۇق ۋە ھارارەت بىلەن تەمىن ئېتەلىسىمۇ، پېقىر بۇ خىزمىتىمدىن رازى بولغان بولاتتىم.

      ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، پەرزەنتلىرىمىز ئۆسۈپ يىتىلىش داۋامىدا ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقا دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپ – ئىنسان بالىسىغا ئۆزىنى تونۇش ۋە تونۇتۇش ئىستىكى بىلەن پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدىغان ئەڭ ئېسىل ئىجتىمائىيەت سورۇنى. بۇ يەردە بالىلار بىلىم ئىگەللەپلا قالماي، يەنە مۇستەقىللىقنى، ھەمكارلىقنى، رىقابەتنى، ئۆزى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئارزۇ – غايىلەرنى تۇرغۇزۇشنى ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەركىتىنى قەدەممۇ قەدەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ، بىلىم ۋە ئەقىل چىرىقى – ئۇستازلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ كۆپ خاتىرجەم بولىدۇ. ھەتتا بەزىلەر تولۇق خاتىرجەم بولۇپ كېتىدۇ. گەپنى قوپالراق قىلىپ ئېيتساق، بەزى ئاتا – ئانىلار خۇددى ئۆيدىكى بىرەر بويۇمنى گۆرۈخانىغا ئەكىلىپ تاپشۇرغاندەك مۇئەللىملەرگە:            

- بالامنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇم. نېمە قىلسىلا مەيلى. ئۇراملا، تىللاملا، مەن رازى، مېنىڭ كارىم يوق. بالام دەرسنى بىلسىلا بولدى! – دەپ قەھرىمانلارچە، مەردلەرچە ئىپادە بىلدۈرىدۇ. شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ھېلىقى بالىنىڭ بىرىنچى ھامىيسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇقەددەس بىر ھوقۇق ۋە بۇرچ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئاتا – ئانىلارنىڭ قارىشىچە، بالىنىڭ قۇرسىقى تويسا، ئۇچىسىغا كىيىدىغان كىيىمى، ئانچە – مۇنچە خەجلەيدىغان پۇلى بولسىلا بولدى. ئۇ كىچىك تۇرسا، ئۇنىڭدا نېمە خىيال، نېمە غەم !؟ ئۇ پەقەت ئوقۇشى، توختىماي كىتاب كۆرۈپ، تاپشۇرۇق ئىشلىشى كېرەك. ھەممە ئىشتا ئاتا – ئانىسىنىڭ ، مۇئەللىملەرنىڭ كۈتكىنىدىن، دېگەن يېرىدىن چىقىشى كېرەك. ئەگەر قارشىلاشسا، بىز شۇ ھامان ئۆزىمىزنىڭ ھامىيلىق سالاھىتىمىز ۋە ھوقۇقىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنى دۈشكەلەپ، ئۇرۇپ – تىللايمىز. قاچانكى، ‹‹ماقۇل، ھەئە ›› دېسە، قۇلىقى يۇمشاق بولسا، ئۇ بىزنىڭ ياخشى بالىمىز.

      تەپەككۇر قىلىپ باقايلى، بىز بىزنىڭ ئىرادىمىز بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھېسسىياتى بولمايدىغان ماشىنا ئادەم تەربىيلەۋاتىمىزما، ياكى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئادىمىيلىكىدىن سۆز ئاچمىساقمۇ بولىدىغان ئىت – مۈشۈك بېقىۋاتىمىزمۇ ؟

ھەممىگە مەلۇمكى، ئائىلە ئادەملەرنىڭ تۈنجى مەكتىپى، ئادەم ئۆزىنىڭ تۈنجى مەكتۈبىنى ئائىلىدە قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭغا مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت، ساداقەت، ئىشەنچ، ئۈمىد، جاسارەت ۋە مەجبۇرىيەتلەر پۈتۈلگەن بولىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تۈنجى مەكتىپىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە مەڭگۈلۈك مەكتىپىمىز. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسىگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، مەكتەپ ئادەمگە بىلىم ۋە ئىقتىدار ئۆگەتسە، ئائىلە ئادەمدە كىشىلىك پەزىلەت، ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىكنى يىلتىز تارتقۇزىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، مەكتەپ تەربىيىسىنى ئائىلىدە ئېلىپ بېرىش مۇمكىن، ئەمما، ئائىلە تەربىيىسىنى ئائىلىدىن باشقا ھېچقانداق جايدا ئېلىپ بارغىلى ياكى تولۇقلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ ھېچقانداق دەرسلىكى بولمىغان، كونكىرت پىلان ۋە پروگراممىلىرى بولمىغان غەرەزسىز، تەبىئىي، سىتخىيىلىك جەريان. ئەمما، ئائىلە تەربىيىسى پەرزەنتلەرگە ئېلىپ بېرىلىدىغان پۈتكۈل تەربىيە جەريانىنىڭ يادروسى.

ئۇنداقتا، تۆۋەندە بىز ئائىلە تەربىيىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مەقسىدى، يۆنىلىشى، ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمدارلىقى ھەققىدە پىكىرلىشىپ باقايلى. مەن كۆز قاراشلىرىمنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتا بويىچە بايان قىلىپ ئۆتەي.

☆ پىسخىك تەربىيە، ئەخلاقى تەربىيە، ئادەت تەربىيىسى، ماسلىق تەربىيىسى.

 

       1. پىسخىك تەربىيە

        مېنىڭ ئاتا – ئانىلاردىن مۇنداق بىر نەرسىنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ:

        - بالىڭىزنىڭ 3 – 5 كىچە ئارتۇقچىلىقىنى دەپ بېرەلەمسىز؟  بالىڭىز بىلەن سىردىشامسىز؟  

        بىز ھەمىشە ئۇلارنى پەقەت بالا دەپلا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرى، ھېسسىياتى، نىسپى مۇستەقىللىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز. كۆيۈنۈشنى ئەركىلىتىش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق قوللۇق، مۇناسىۋەتنى چوڭ بىلەن كىچىك دەپ ئايرىيمىز. بىلىپ – بىلمەي ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىمىز. شۇنداق بولغاچ سىنىپلىرىمىزدا غۇرۇرى يوق ئوغۇللار، ھاياسى يوق قىزلار بار. تىللىسىڭىزمۇ، ھەتتا ئۇرسىڭىزمۇ ئازاپلانمايدۇ، تەسىرلەنمەيدۇ، تۈزەتمەيدۇ. (بۇ بالىلار ئائىلىدە خاتا ھالدا قاتتىق باشقۇرۇلغان مۇستەقىللىقى، ئىناۋىتى، ئىمتىيازى يوق بالىلار.) ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىككى جۈملە گەپنى كۆتىرەلمەي، مۇئەللىمدىن يامانلاپ قالىدىغان، مۇئەللىم بىلەن قەستەن قارشىلىشىدىغان بالىلار بار. ( بۇ بالىلار ئائىلىدە ئارتۇقچە ئەركىلىتىپ، ‹‹خېنىم، غوجام›› بولۇپ قالغان بالىلار)

       ساغلام پىسخىكا دېگەن نېمە؟  بىز بالىلىرىمىزنىڭ ئاغرىپ قالماسلىقىنى، تېنىنىڭ ھەرۋاقىت ساغلام تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، ئادەم سەللا دىققەت قىلمىسا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. روھىيەتمۇ شۇنداق، ئادەم بىر كۈن، بىر سائەت تەپەككۇر بىلەن ياشايدىكەن،  ئۇنداقتا،  ئادەمنىڭ  روھىيىتىمۇ  تۈرلۈك  زىددىيەت،  مەسىلىلەر  تۈپەيلى ، ‹‹ ئاغرىپ ›› قالىدۇ. روھىيەت ساغلاملىقى جىسمانىي ساغلاملىققا ئوخشاشلا ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم. ئۇنىڭدىمۇ ‹‹ ئاغرىقنى يوشۇرسا، ئۆلۈم ئاشكارا ›› بولىدۇ.

       مىسال:  ئۆلىۋېلىشنى ئويلىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مىسالى. ( ھەدىسىلا بالىنى تىللاش، ئۇرۇش، مەجبۇرلاش، ئۇنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلماسلىق… بۇنداق بالىلار ئۆزىنى ئائىلىدە ئورنۇم يوق، دەپ قارايدۇ – دە،  پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە چۈشكۈنلىشىپ، ئاخىر جىنايەت يولىغا مېڭىپ كېتىدۇ، ياكى ھامىيلىرىنى تۈگىمەس پۇشايمانغا قويىدۇ.)

        بالىلارنى ساغلام پىسخىكىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىلارنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولۇشى كېرەك. مەن چەتئەللىكلەرنىڭ بىر – بىرىگە، ھەتتا كىچىككىنە بالىلىرىغىمۇ، ‹‹ سېنى سۆيىمەن، قوزام ›› دەپ ھەركۈنى مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ھەۋەسلىنىمەن. سىزمۇ بالىڭىزغا شۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ تۇرامسىز ؟  بۇ گەپ بىلەن بەلكىم ئۇلار چوڭ بولۇپ كەتكەن تۇرسا، بۇنداق قىلىش بىئەپ، دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. ‹‹قابۇسنامە››دېگەن كىتابتا ‹‹ ئىنسان ئېھساننىڭ قۇلى›› دىگەن بىر جۈملە سۆز بار. ئادەم تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە مۇھەببەتكە تويمايدۇ. چىرايلىق سۆزگە كىم خۇشتار ئەمەس؟! ئادەم بالىسىلا ئەمەس، جاھاندىكى بارلىق جاندارلار مۇھەببەتتىن تۆرەلگەن، مۇھەببەت ئىمىپ چوڭ بولىدۇ، ئاندىن ئۆز ھاياتىنى مۇھەببەت بىلەن داۋام قىلدۇرىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئۆزى نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋادەكلا مۇھىم نەرسە – مۇھەببەت.

مۇھەببەت – ئائىلە ئەزالىرىنى بىر – بىرىگە چاپلاپ تۇرغۇچى يىلىم. ئۇ ئادەمنىڭ پىسخكىسىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئەڭ ئېسىل دورا. ئەگەر چوڭلار شەپقەتسىز بولسا، كىچىكلەر ئىتائەتسىز بولىدۇ. بىر قىسىم ئائىلىلەردە موشۇ مۇھەببەت بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، بالىلار ئۇنى سىرتتىن، باشقا يوللار بىلەن ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئائىلىلەردە بۇ مۇھەببەتنىڭ دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ياكى شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن، بالىلار ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ.

       مېنىڭ ئاتا – ئانىلارغا قىلماقچى بولغان بىرىنچى تەۋسىيەم، بالىلارغا ئۆزىنى سۆيۈشنى ئۆگىتىڭ.   ئۆزىنى سۆيۈش دېگەن نېمە؟

مىسال: بىر دوستۇمنىڭ بالىسىغا پىسخىك تەربىيە ئېلىپ بارغىلى بېرىپ، سورىسام، ئۇ بالا ئۆزىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن، ‹‹ مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم يوق، كەمچىلىكىم كۆپ ›› دەيدۇ. ئاپىسى ماڭا: ‹‹ بالام ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ھەمىشە ساۋاقداشلىرىغا، باشقىلارغا بېرىۋېتىدۇ،قارىغاندا بەك مەرت، قولى ئوچۇق ئادەم بولىدىغان ئوخشايدۇ. ›› دېگەنىدى، مەن دەرھال رەددىيە بىرىپ، ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇلارغا دېدىم.  كۈتمىگەن تەھلىلىمدىن ئۇلار ھەيران قالدى. بۇنداق بالىلار ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بالىلار. بۇ نېمىدىن كېلىپ چىقىدۇ ؟                      

ئەتتىگەندە، ئاممىۋى سورۇنلاردا، تەڭتۈشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئازار بىرىشتىن ساقلىنىڭ، ئۇنى ھەدىسىلا باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى بىر قېتىم باغرىڭىزغا بېسىڭ. ئۇ ياخشى بېجىرگەن ئىشلار ئۈستىدەئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى، مۇۋاپىق ماختاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بېجىرەلمىگەنلىرىدە ھەرگىز كەمسىتمەي، ئۇنىڭغا ئىلھام – مەدەت بىرىڭ. ئۇنىڭغا ئىشەنچ، غەيرەت ئاتا قىلىڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز بالىڭىز ئۆزىنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.  ئۆزىنى سۆيگەن ئادەم تۇرمۇشنى، ھاياتىنى قەدىرلەيدۇ. كەيپىياتى كۆتىرەڭگۈ، تىرىشچان، نەتىجىلىك بولىدۇ.

 2. ئەخلاقى تەربىيە

      مەرىپەتلىك ئاتا – ئانىلار تەربىيلىگەن بالىلار گۈزەل خۇلقلۇق، غەيرەتلىك، توغرا پىكىرلىك، ساق تەنلىك، ئالىي تەبىئەتلىك، تۈرلۈك خەيرلىك ئىشلارغا تەييار تۇرىدىغان ئالىيجاناپ خىسلەتنى يىتىلدۈرگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ مىجەز – خۇلقى ئاساسەن ئاتا – ئانىنىڭ مىجەز – خۇلقىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى. چوڭلارنىڭ ئائىلىدىكى گەپ – سۆزى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى، ئىدىيىسىنى بالىلار ئاڭلىق – ئاڭسىز ھالدا ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان بولىدۇ. بۇنى ئاتا – ئانىلارمۇ، بالىلارمۇ ئۆزلىرى بايقىيالمايدۇ. ئەمدى جەمئىيەتتە، مەكتەپتە بىز ئوقۇتقۇچىلار بۇ تەرىپىگە دىققەت قىلىمىز.

     چوڭلىرى سەت گەپلەرنى قىلىدىغان، تەتۈر، سەپرا مىجەزلىك ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇرۇشقاق، جىدەلخور، قىلىقسىز بولىدۇ. ئاتا – ئانا مېھرىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار كەم سۆز، ئىرادىسىز، جۈرئەتسىز بولىدۇ. بالىلارغا قالايمىقان ۋەدە بىرىپ، گېپىدە تۇرمايدىغان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى يالغانچى، مەسئۇلىيەتسىز بولىدۇ، ۋاھاكازالار… كىتابتا، ‹‹ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەربىيىسىز، ساپاسىز بولۇشى – بىر يۇرت جامائەتنى قاچىلاپ ماڭغان كېمىنى ئەماغا ياكى بىر جاھىلغا تاپشۇرۇپ قويغانغا باراۋەر. ›› دېيىلگەن. 

    مېنىڭ ئاتا – ئانىلارغا قىلماقچى بولغان ئىككىنچى تەۋسىيەم، بالىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئەخلاق ئۈلگىسى بولۇڭ.

     ھەرخىل ئوبىكتىپ، سوبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى، جەمئىيەتتە، مەكتەپلىرىمىزدە ئەخلاق ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزىلىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ يىتىلىش مەزگىلى ئالدىغا سۈرۈلۈپ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىز خىرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ. قىز – ئوغۇللاردا پەردەشەپ يوق. بۇنىڭ سەۋەبلىرى:

1) ئوغۇللار ئوغۇل بالىدەك ئەمەس. بوشاڭلىقى، شەخسىيەتچىلىكى، قورقۇنچاقلىقى بىلەن قىزلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتى يوق. بۇ ئاتىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئاتىلار ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان، گىپىدە تۇرىدىغان، پىداكار، راست سۆزلۈك، جەسۇر بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار ئاتىنىڭ ئائىلىدىكى بىرىنچى سالاھىيەتلىك ئورنى ۋە ئىمتىيازىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئوغۇللار ئاڭلىق – ئاڭسىز ھالدا ئاتىنى دورايدۇ. ئاتا ھۆرمەتلەنگەن ئۆيدە بەرىكەت، نۇسرەت بولىدۇ. بالىلار ئاتىنى ئۈنسىز ھۆرمەت قىلىشى، ئۇنىڭدىن ئۈركۈپ تۇرۇشى كېرەك. بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئانىلار ھەممىدە ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ، ئاتىلارنىڭ ئابرويىنى سۇندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. ئاتىلار ئوغۇللىرىغا تەربىيە قىلىش، ئەركەكلىكنى ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

2) قىزلار قىز بالىدەك ئەمەس. ھاياسىز، قوپال، كۆرەڭ. ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا نازۇكلىقى، ئەتىۋارى يوق. بۇ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇنداق قىزلار ئۆيدە ئانىسى، قىز ھەمشىرىلىرى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ قالغان، ئاتىلىرى بوشاڭ، مەسئۇلىيەتسىز ئائىلىلەردىن چىقىدۇ. ئانىلار ئەقىدە بىلەن ھايانى ئۆزىگە زىننەت قىلغان بولۇشى كېرەك. قىزلىرىنىڭ كىيىنىشلىرى، چاچ پاسونى، گەپ – سۆزى، قىلىقلىرىغا ئىنتايىن سەگەكلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارىشى، تۈزىتىشى، باشقۇرۇشى كېرەك. بەزىدە ئادەم ئانىلار، سىلەر قېنى ؟ دەپ توۋلىغۇسى كېلىدۇ. ( يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈش، سېغىز چايناش، چامباشچىلىق قىلىش، ئوغۇللارنى تالىشىپ ئۇرۇشۇش…) بىز ئاتا – ئانىلار بۇ دۇنيادا بىر پادا باققۇچى. بىز ھامان بېقىۋاتقان پادىلىرىمىزدىن سورىلىمىز، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمىز.

     ئاتا – ئانىلار بالىلار ئۈچۈن ئەينەك. سىزنىڭ بالا ئالدىدىكى تۇرمۇش ئەخلاقىڭىز ۋە تەربىيىڭىز ھەرقانداق مۇئەللىمنىڭ بىر مەۋسۈملۈك دەرسىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ دوستى بولىۋالالىسىڭىز.

3. ئادەت تەربىيىسى

     مېنىڭ يەنە ئاتا – ئانىلاردىن مۇنداق بىر نەرسىنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.

     – سىز مۇشۇ كەمگىچە بالىڭىز ئۈستىدە قايسى ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ قايسى ئىش سىز ۋە بالىڭىزنىڭ ئىزچىللىقى، ئادىتىگە ئايلاندى؟

     بىزدە بالىنىڭ تۈرلۈك كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە زارلىنىش كۆپ. ئەمما ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيمىز. بىز ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۆگىتەلىدۇق؟

1)  ئىزچىللىقنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ. بىزدە ئوقتەك قىزىپ، پولاتتەك ئىرادە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تېزلا ئىشلىرىمىزنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپقۇ ! مۇقىم، تەلەپچانلىق بىلەن ئادەت تەربىيىسى ئېلىپ بارالمايمىز. 

2) كىتاب ئوقۇمايدۇ دەيسىز، ئۆيىڭىزدە كىتاب جازىسى بارمۇ؟ بالىڭىزنى يىتىلەپ نەچچە قېتىم كىتابخانىلارغا تەڭ بېرىپ باقتىڭىز؟ ئۆزىڭىز قانچىلىك كىتاب ئوقۇغان؟ 

3) تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيدۇ، ئۆگىنىش قىلمايدۇ دەيسىز،  ئۇ ئۆگىنىش قىلغاندا سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ ( تېلىۋىزور كۆرۈش، قەرت ئويناش، ئۆيگە مېھمان چاقىرىش، رېستۇرانغا بېرىش… )  ئىلىمگەر ئائىلە باشلىقلىرىنى ئۈلگە قىلىش كېرەك. 

4) ئۆيدە ئولتۇرمايدۇ، مەكتەپتىن ۋاقتىدا كەلمەيدۇ دەيسىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ ( م: ئۈرۈمچىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ بىنادىن يىقىلىش ۋەقەسى ) سىز ئۇنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ باققانمۇ، ئۇنىڭغا پۇرسەت، بوشلۇق، ئەركىنلىك بەرگەنمۇ؟ 

مېنىڭ ئاتا – ئانىلارغا قىلماقچى بولغان ئۈچىنچى تەۋسىيەم، بالىڭىزغا قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئىلمىي، توغرا مەيداندا تۇرۇپ، ئۆزىڭىز ئۈلگە بولغان ئاساستا ئۆگىتىڭ.

   ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ياپونىيىلىك بىر ئىنسانشۇناس ئامېرىكىلىق پروفېسسور بىلەن قوشنا ئىكەن. بىر كۈنى ئامېرىكىلىق    پروفېسسورنىڭ ئوغلى پۇتبول ئويناۋېتىپ ياپونىيىلىكنىڭ دېرىزە ئەينىكىنى چېقىۋېتىپتۇ. ياپونىيىلىك:  ‹‹قوشنام بىزدىن ئەپۇ سورىغىلى كىرىدۇغۇ›› دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما ئۇلار كەلمەپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى بالا تاكسى شوپۇرى بىلەن بىر پارچە يوغان ئەينەكنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ ۋە ئەدەب بىلەن: ‹‹تاغا، كەچۈرۈڭ! تۈنۈگۈن ئۆيۈڭلارنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ قويدۇم، لېكىن، كەچ بولۇپ كەتكەچكە بۈگۈن ئەتىگەن دۇكان ئېچىلىشى بىلەنلا ئەينەكنى ئېلىپ كەلدىم. كەچۈرۈڭلار، بۇنداق ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز قىلمايمەن. ماڭا  ئىشىنىڭلار›› دەپتۇ. ياپونىيىلىك ئەر – خوتۇن بۇ بالىنىڭ سەمىمىيىتىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنى ئوبدان غىزالاندۇرۇپتۇ، ياپونىيىدىن ئېلىپ كەلگەن ئېسىل كەمپۈتلەرنى سوۋغات قىلىپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى كىرىپ تولىمۇ نارازى قىياپەتتە: ‹‹بالا خاتالاشسا ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرسەك بولمايدۇ›› دەپ، كەمپۈتنى ياپونىيىلىك ئالىمغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە: ‹‹بالا خاتالاشقان ئىكەن، ئۆز خاتالىقىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى لازىم. بۇ بالا چېقىۋەتكەن ئەينىكىڭلارنى تۆلەشكە بىز ھەر ئايدا مۇقىم بېرىدىغان پارچە خىراجىتىنى سەرپ قىلىپتۇ. بىز ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا بىر پۇڭمۇ ياردەم قىلمىدۇق. ئەگەر ئۇنىڭ پۇلى يەتمىسە، بىزدىن ئارىيەت ئالىدۇ. ئەمما ئۇ ئارىيەت ئالغان پۇلنى چوقۇم قايتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئەتىگىنى سۈت ياكى گېزىت سېتىپ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ چۆپلۈكلىرىنى قىرقىشىپ بېرىپ بولسىمۇ پۇل تېپىپ قايتۇرىدۇ. بىزنىڭ بالىمىزغا بۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇشىمىز، ئۇنىڭ ئۆز خاتالىقىغا ئۆزىنى بەدەل تۆلىتىش ئۈچۈن. چۈنكى بالىمىز بەدەل تۆلەش جەريانىدا ئاندىن كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىممەتلىك ساۋاقلارنى قوبۇل قىلالايدۇ›› دەپتۇ.
         يۇقىرىقى باياندىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ شەرقلىقلەرنىڭ  بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلمىيلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. دېمەك، بىز بالىلىرىمىز خاتالىق سادىر قىلغاندا، ئۇلارنى ئالدىراپ  تەنقىدلىمەي، ئۇلارغا ئۆز خاتالىقىنى تونۇش ۋە تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىشىمىز لازىم.
         مەلۇم بىر دۆلەتتە بىر مۇخبىر ئىلىم – پەن ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان بىر ئالىمنى زىيارەت قىلىپتۇ. مۇخبىر ئۇنىڭدىن: ‹‹سىزگە قانداق نەرسە بۇنچىلىك زور ئىجادىيەت تەسەۋۋۇرىنى ئاتا قىلغان؟›› دەپ سورىسا، ئالىم ئۇنىڭغا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ:
       ئالىم ئۆسمۈر ۋاقتىدا توڭلاتقۇدىن بىر بوتۇلكا سۈتنى ئالماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن بوتۇلكا قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، سۈت تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. ئانىسى بۇنىڭغا ئاچچىقلانماي: ‹‹بالام، بۇنچىلىك كۆپ سۈتنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئەمدى بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق بولار ›› دەپتۇ ۋە بالىسىغا بىر تۇتام پاختا، بىر پارچە لاتىنى بېرىپ، تۆكۈلگەن سۈتنى تازىلاشنى بۇيرۇپتۇ. بالا سۈتنى  پاك – پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسى يەنە: ‹‹بايا سۈت بوتۇلكىسىنى ئالغاندا ئۇنى چىڭ تۇتالماپسەن، بۇ سېنىڭ سۈت بوتۇلكىسىنى قانداق تۇتۇشنى بىلەلمىگەنلىكىڭدىن بولغان. قورۇدا سۇ قاچىلانغان بىر بوتۇلكا بار، ئۇنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ، بوتۇلكا كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلغىن، بەلكىم ئۇنى چىڭ تۇتۇپ كۆتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تېپىۋېلىشىڭ مۇمكىن›› دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بالا بوتۇلكا كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىپ، بۇتۇلكىنى قانداق تۇتۇشنى بىلىۋاپتۇ.
       ئالىم يۇقىرىقىلارنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنداق دەپتۇ: ‹‹دەل مۇشۇ ئىش  مېنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقمايدىغان قىلدى. ھەر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزسەم، شۇ خاتالىقىمدىن يېڭى بىلىم ئىگىلەيدىغان بولدۇم. مەن ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ئۆزۈم سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىش جەريانىدا ھەل قىلغان›› دەپتۇ.
       ئۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خەلقىمىزدىكى ‹‹بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن›› دېگەن ھېكمەتنى بەكمۇ جايىدا دەلىللەيدۇ. ھاياتلىق  ئەمەلىيەت ئۆگىنىش جەريانىدۇر. ھاياتىدا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. شۇڭا بالىلار ئۇششاق – چۈششەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارغا ‹‹خاتالىق ئۆتكۈزدى›› دەپ كايىماي، بەلكى ئۇلارنى ‹‹تەجرىبە توپلاۋاتىدۇ›› دەپ چۈشەنسەك بەكمۇ توغرا بولغان بولىدۇ. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارغا شۇ سەۋەنلىكلەرنى توغرا تونۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويساقلا كۇپايە. بالىلار ئاشۇ سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئالتۇندىن قىممەتلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئۆمۈرلۈك ئەسقاتىدىغان تۆت بىلىم بار: ‹‹ ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئىش بېجىرىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش ››

ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ‹‹ 21- ئەسىرگە يۈزلەنگەن مائارىپ›› تېمىلىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ 21- ئەسىردىكى ئىختىساس ئىگىلىرى ئۆلچىمىنى بېكىتتى:

- يۈكسەك غايە، ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، كۈچلۈك مۇستەقىللىق روھى، قەيسەر ئىرادە ۋە مۇھىتقا ماسلىشىشتىكى قابىلىيەت، پىسخىك بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى بولۇش.

     يۇقىرىقى ئۇچۇرلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىنى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇردۇم. كۆندۈرۈلمىگەن ئات ھارۋا تارتىشقىمۇ، ساپان سۆرەشكىمۇ يارىمىغاندەك تەربىيىسىز قالغان بالا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى بالىلارنىڭ ناچار ئادەت شەكىللەندۈرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.  

 4. ماسلىق تەربىيىسى

   مېنىڭ يەنىلا ئاتا – ئانىلار بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئورتاقلىشىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ.

   – سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى تونۇمسىز ؟ سىنىپ مەسئۇلى ياكى باشقىلار بىلەن قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم پىكىرلىشىپ تۇرىسىز؟  ياكى بىر يىلدا ئىككى قېتىملىق ئاتا- ئانىلار سۆھبەت يىغىنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپلا ئۆتىۋاتامسىز؟

بەزى ئاتا – ئانىلار تېخى پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇستازلىرىنى ياراتمايدۇ، ئۇلارنى قالايمىقان ھاقارەت قىلىدۇ. بۇنداق قىلمىشنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئەگەر بالام ياخشى بولسۇن، دېسىڭىز ئۇستازىنىڭ ئوبرازىنى نۇرلاندۇرۇڭ. ئۇستازىنى ھۆرمەت قىلمىغان ئادەم تۇزكور ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداق ئادەم ئىلگىرى كەلمەيدۇ.

ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم، ئۇ ئەۋلىيا ئەمەس. ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىغا سېلىشتۇرغاندا، جەمئىيەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا قويغان تەلىپى ئۇنىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقەللى ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقىمۇ دەخلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ھەدېگەندە، پەرزەنتىنىڭ ئالدىدىلا مەكتەپنى، ئوقۇتقۇچىلارنى مەنسىتمەي، تىللاپ، قارغاپ كېتىدىغان كىشىلىمىز ئەمەلىيەتتە پەرزەنتىگە مىكرۇپ يۇقتۇرىۋاتقان خەتەرلىك << ۋىرۇسلار >>دۇر. 

       مېنىڭ ئاتا – ئانىلارغا قىلماقچى بولغان تۆتىنچى تەۋسىيەم، ھەر ۋاقىت مەكتەپ ۋە ئۇستازلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاڭ.

       ھەتتا بالىسىنىڭ قانچىنچى يىللىق، قانچىنچى سىنىپ ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيدىغان ئاتا – ئانىلار بار. بەزىلەر تېخى ئۆگىنىش قىلىشقا دەۋەت قىلىشنىڭ ئەكسىچە بالىسىنى پۈۋلەپ:

     – جېنىم بالامنىڭ سومكىسىنىڭ ئېغىرلىقى، تاپشۇرۇقىنىڭ جىقلىقى، ئاخشىمى ساراڭ بولاي دەيدۇ. ئۇنداقمۇ ئوقۇمدۇ؟ – دەپ يوق يەردىن داۋراڭ سېلىپ بالىنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 20- ئەسىردىكى كاللىسىنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن كىشى دەپ قارالغان ئېينىشتىيىن مېڭىسىنىڭ تەخمىنەن %4 نى ئىشلەتلەنىكەن. شۇڭا ئالىملار 20- ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىسراپچىلىق تەبىئىي بايلىقلار ئىسراپچىلىقى بولماستىن، ئادەم مىڭىسى ئىسراپچىلىقى دەپ خۇلاسە قىلدى. شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ ئېلىشىپ قېلىشى ئەمەس، 90 نەچچە پىرسەنت مېڭە بايلىقىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ۋايىم يەيلى. نۇرغۇن ئىشلاردا ئەگەر ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا، كۆيۈنۈشكە توغرا كەلسىمۇ، مۇۋاپىق پەيت، ئورۇننى تاللاش كېرەك.

يەنە بىر مەسىلە: بالىڭىزنىڭ قايسى جەھەتتىكى قىزىقىشى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىۋاتىسىز ؟  ياكى ئۇنىڭ نىشان بەلگىلىشىگە يوشۇرۇن ياردەم بېرىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟

(بالىلار غايە تىكلەشنى، غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى بىلىشى كېرەك. )

       ئاخىرىدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىرىنچى بەختىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ ساغلام ئىدىيە، ساغلام پىسخىكا ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي.                                     

                                     رەھمەت، ئەزىزلەر !

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif