ئۈزۈم ھەققىدە ھېكايەت
رېۋايەت قىلىنىشىچە، توپان بالاسى بولغاندا لەنىتى شەيتان ئۈزۈم ئۇرۇقىنى ئوغرىلىدى. كېمىدىكىلەر ھەر قانچە ئىزدەپمۇ ئۇرۇقنى تاپالمىدى. نوھ ئەلەيھىسسالام بارچە ھايۋانلاردىن سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ ئامال بولمىدى. ئاخىرى شەيتاننى تۇتۇۋالدى.
شەيتان:
ماڭا ئۈزۈمگە ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇشقا رۇخسەت قىلسىڭىز ئۇرۇقنى تېپىپ بېرىمەن، – دېدى.
نوھ ئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ شەرتىگە ماقۇل بولدى. شۇندىن كېيىن شەيتان ئۈزۈم ئۇرۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. كېمىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۈزۈم تېرىلدى. ئۈزۈمگە ئۈچ قېتىملىق سۇنى شەيتان قۇيدى. ئۇ ئاۋال ئۈزۈمنى تۈلكىنىڭ، كېيىن يولۋاسنىڭ، ئاخىرىدا توڭگۇزنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇردى. ئۈزۈم پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ سۈيىدىن مەي ياسىدى. كىمىكى ئۇنى ئىچسە تۈلكە بولۇپ كۆرمىگەن – بىلمىگەن ئادەم بىلەن دوست بولدى. ئاخىرى مەست بولۇپ قالغاندا يولۋاستەك مەردلىكى جۇش ئۇرۇپ ئادەملەرگە سېخىيلىق قىلدى. قاتتىق مەست بولغاندا توڭگۇز سىياقىغا كىردى. مەي تۈپەيلى بىرەر يامان ئىش سادىر بولسا، ئۇ، شەيتان قۇيغان شۇ سۇنىڭ ئاقىۋىتىدىندۇر.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىنىڭ ”ھايات ھەقىقەتلىرى“ سەھىپىسىدىن ئېلىندى .
كىيىنكى يازما: سىتېۋ.جوبس(Steve Jobs) «بۇزۇق ئالما» مۇ؟