ئۇسسىغان يەرگە بارغان بىر سائەتلىك دەرس
بۈگۈن 1-سائەتكىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېنگلىز تىلى ئوچۇق دەرسى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتىرىۋەتكەن ئىدى. دەرس ئۆتكۈچى يېقىندىلا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ مەكتىۋىمىزگە رەسمى ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان ئوقۇتقۇچى رەھىمە مۇئەللىم ئىدى.
دەرس داۋاملىشىۋاتاتتى .ئوقۇتقۇچى بالىلارنى ئويۇن دۇنياسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتكەچكە، بىزنىڭ دەرس ئاڭلاۋاتقىنىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ دەرسلىكتىكى يېڭى سۆزلەرنى ئۇيۇن ئارقىلىقلا سىڭدۈرۈۋاتاتتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارچە ھەركىتى ،گۈزەل تىل سەنئىتى كىشىنى ئىختىيارسىز بالىلىقىغا قايتقاندەك تۇيغۇغا باشلايتتى. ئوقۇتقۇچى سۇئال سوراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىنى غىدىقلاش، ئۆگىنىش جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۆز-ئارا سۇئال سوراش، مۇھىم قىيىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈش دىگەندەك دەرس باسقۇچلىرىمىزنى قونچاقلارنى سۆزلىتىش، نۇمۇر ئورۇنداش، مۇسابىقىلىشىش، تېز تېپىش، سەكرەپ ئىپادىلەش، دوراپ ئىپادىلەشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئاساسىدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاپ كېتىۋاتاتتى. ئوقۇتقۇچىمۇ بالىلار بىلەن تەڭ ئۇيۇن ئىچىدە بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى تولۇق قوزغىدى دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولاتتى. بۇ دەرسنىڭ كۈزىتىش، تەپەككۈرگە يىتەكلەش ۋە ئەستە قالدۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق ئۈنۈملىك ئۇسۇللار بىلەن لايىھىلەنگەن بولۇپ، خۇش چىراي مۇئەللىم بىلەن سەبىي بالىلارنىڭ قىزىپ كەتكەن ئۇيۇنى ئىچىدە ئاساسى بىلىمنى يەتكۈزۈش مەقسىتى ئورۇنلىنىپ، بالىلارغا مەكتەپ ۋە ئوقۇش ھاياتىنىڭ نەقەدەر مەنىلىك ھاياتلىقىنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىگىمۇ يەتكەن ئىدى. بۇ بىر سائەتلىك دەرس ئۇزۇندىن بېرى مېنى قىيناۋاتقان، ئوقۇتۇش ئەندىزىمىز ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتقاندەك ، ئوقۇتۇش سۇپۈتىمىز چىكىنىپ ،باللىرىمىزنىڭ ۋاقتى قۇربان بولۇپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدىن مائارىپىمىزنىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرىۋاتقاندەك ھاياجانغا سالغان ئىدى.
2012-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى
كىيىنكى يازما: «ئالا ئېنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق»–(ئابلىز ھەسەن)
2012/05/31 00:21:53
ئويۇن ئارقىلىق بالىلارنى دەرىسكە باشلاپ كېرىش ئوقۇتۇش مىتودى ياخشى مالىملار قىلالايدىغان ئىش جۇمۇ
2012/03/31 21:57:32
بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقانلارنى خەلق ئۇنتىمايدۇ.