”ئوغۇزنامە“ نى ئوقۇشتىن تەسىرات

ۋاقتى: 2012-02-03 / تۈرى: خاتىرىلەر / كۆرۈلۈشى: 788 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

تارىخى داستان ”ئوغۇزنامە“ نى ئوقۇۋېتىپ، تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىگە تېخىمۇ قايىل بولۇش  بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە يەرگە كەلگەندە مەندە بەزى پىكىرلەر پەيدا بولدى. بۇنى بەلكىم باشقىلار بايقاپ بولغاندۇ ياكى قاراشلىرىم خاتادۇر، شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى:

1.تۆۋەندىكى مىسراغا قاراڭ، ئازراق ساۋادى بار ئادەم مېنىڭچە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ : 

كۈن، ئاي،يۇلتۇز تاڭ سارى(تەرەپ)غا سەنلەر بار،

كۆك، تاغ، دېڭىز تۈن سارى(تەرەپ)غا سەنلەر بار.

       بۇ يەردە باشقا سۆز ناھايىتى چۈشىنىشلىك، تاڭ ۋە تۈن سۆزىنىڭ كەينىدىكى ”سارى“ سۆزىنى كۆرۈپ، تۇرۇپلا  كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ”ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقۇرى ئۆرلەيلى“ دېگەن سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى. يۇقۇرىدىكى  ”سارى“ سۆزى مۇشۇ ”كۈنسېرى“ دېكى ”سېرى“ بىلەن بىرمۇ قانداق؟ شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» گە قارىسام ”سېرى“ نى مۇنداق ئىزاھلاپتۇ:

1)    ياردەمچى سۆز رولىدا «بىر» سۆزى بىلەن بىللە كېلىپ : ①«بىر تەرەپ ، بىر ياقلىق»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : كېتىپ بارار جەڭ ، ئۈچ كۈندىن بېرى . ئۇرۇش تەقدىرى ، بولماي بىر سېرى . ②«ئادەتتىكىدەك ، بۇرۇنقىدەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : سودىمىز بەكمۇ يامان ئەمەس ، بىر سېرى كېتىۋاتىدۇ .

2)        ئىسىم رولىدا «تەرەپكە قاراپ ، تەرەپكە» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ : تەلپۈنۈپ قۇشتەك ئۇچارمەن ، ھەر زامان سېنىڭ سېرى .

3)        «-غان ، -قان ، -گەن ، -كەن» بىلەن ياسالغان سۈپەتداشلار ۋە ۋاقىت مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ، «سايىن» مەنىسىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچى رولىدا كېلىدۇ : بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. 

يۇقۇرىدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈپ 2) ئىزاھاتتىكى مەنىسىگە دەل چۈشىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۆزەمچە يېڭى نەرسىنى بايقىغاندەك خوش بولغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە لۇغەتتە بار ئىكەن ئەمەسمۇ! شۇندىلا ئانا تىلىمىزنى ياخشى ئۆگىنىشىمىزنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.

    2. بۇ ئەسەر خېلى بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە ئەينى چاغدا بەزى ئەسلى ماتېرىياللار تولۇق بولماسلىقى سەۋەبلىك، بەزى يەرلىرىنى مۇتەخەسىسلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم  كۆرۈپ چىقىشى زۆرۈردەك ھېس قىلىپ قالدىم. 1) ھازىر ھەممە ئادەم ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان سۆزنىمۇ تەرجىمە قىلىنغان سۆز قاتارىدا بەرگەن. مەسىلەن،“بىلدۈرگۈلۈك“،“بەلگۈ“،“قالقان“،  — بۇنى مېنىڭىچە ئۇيغۇردىن چۈشەنمەيدىغان ئادەم ئاز بولسا كېرەك، مۇشۇ سۆزنىمۇ قەدىمىي سۆز قاتارىدا تەرجىمە قىلغان.2) ”سۇيۇرغال“ سۆزىنىڭ ”ئىنئام قىلماق، ھەدىيە قىلماق“ تەك مەنىسى بارلىقى ئايانلىشىپ، مەتبۇئات ۋە تېلېۋىزوردىمۇ قوللىنىلىۋاتىدۇ، بىراق كىتاپنىڭ سۆزلۈك قىسمىدا مەنىسى ئىشەنچلىك ھالدا دېيىلمەي، موڭغۇلچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن دېيىلگەن. 3) بەزى مىسرالاردا مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەرجىمىسىدە بىردەكلىك يوق.مەسىلەن،188-189-مىسرالار: 

 

 

  

 

 

   3. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى ئوقۇپ يۇرتىمىزدىكى بىر سۆز ئېسىمگە كەلدى:

 

 

 چالاڭ بۇلاڭ—چاڭقورۇن (ئالدىراشلىق، بېسىقچىلىق) بولۇپ،سىلەرگە ئوبدان قارىيالمىدۇق.    بۇ يەردىكى  چاڭقورۇن سۆزىنىڭ ئاشۇ چالاڭ سۆزى بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ قانداق؟

    4. ئىزاھاتتا ”قارلۇق“ سۆزىگە ئىزاھ بەرگەندە قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرغان تۈركىي قەبىلە دېيىلگەن. بۇنداق ھۆكۈم قىلىش تازا ئىلمىيلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ توغرىلىق قاراشلار ھەر خىل، شۇڭا قاراخانىلار سۇلالىسىنى قارلۇقلار قۇرغان دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ.  نۆۋەتتە خەنزۇچە ۋە مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، قاراخانىلار سۇلالىسىنى ياغمىلار قۇرغان دېگەن قاراش تارىخقا بىرقەدەر ئۇيغۇن دەپ قارالماقتا.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئەلى
    2012/08/08 20:36:40

    ئۆڭلۈك سۆيگىن توپىلىڭى ئىكەن :grin:

  2. ئەلى
    2012/08/08 20:33:58

    قارىخانىيلار سۇلالسىنى ئەلۋەتتە ياغمىلار قۇرغان . ياغما قەبىلىسى ئۇيغۇر قەبىيلىللىرى ئارسىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار ، ئۇرۇشقاق ،ۋە جەڭ ئىستراتتىگىيەگە پىششىق 1000 يىللىق نەسلىدىن ھونلار ئارىسدا بولسۇن ، كۆكتۈرۈكلەر دە بولسۇن ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا بولسۇن ياغما قەبىلىسى ئەڭ ئالى ھۇقۇقنى تۇتۇپ كەلگەن . ھونلار توغىرسىدىكى بايانلاردىمۇ ياغمىلارنىڭ قەيسەر ، باتۇر ، جەڭگىۋار ،ئالدىنقى سەپ ئەزىمەتلىرى ئىكەنلىكى كوپ جايلاردا خەنزۇ تارىخچىلار تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن . بۇ ھەم بىزنىڭ ھونلار تارىخدىمۇ ئەڭ ئالى ئۇرۇندا تۇردىغان قەبىيلىلەر ئارسىدىكى ئىزىمىزنى روشەن ئېچىپ بېرەلەيدۇ . بۇنىڭدىن سىرت تاڭ سۇلالىسى مۇنقەرىز بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا ئورخۇنىيەدىن ئەۋەتىلگەن 3000 ياغمىلار 100000 دىن كۆپىرەك تاڭ سۇلالىسىگە ئۆكتى قوپقان ( نىمىتى بۇ نىڭ ئىسمى ) قۇشۇننى تىرە – پىرەڭ قىلۋەتكەندىن سىرت پايتەخت چاڭئەننى 2 ھەپتە تالان- تاراج قىلىشىىپ ئورخۇنىيەگە نۇرغۇنلىغان غەنىيمەتلەر بىلەن نۇسرەت قازىنىپ قايتقانلىقى بىزگە مەلۇمدۇر . بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ياغمىلار ئۇيغۇر سەلتەنىتىدە يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن .

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif