ئوقۇغۇچىلارىنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ھەققىدە

ۋاقتى: 2011-11-03 / تۈرى: باغۋەنلەر مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 466 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

  كىتاب-ئىنساننىڭ روھىي ئۇزۇقى.  ئادىمىيلىك مەشئىلى، بىلىم بولىقى… پۇتۇن دۇنيادىكى ئىنساننىڭ ھاياتىدا بولمىسا بولمايدىغان ئەڭگۈشتىرى… ئۇ بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدىكى مۇھىم ئامىلى. ..

ئاساسى مائارىپ ئۆز نۆۋىتىدە كىتابتىن ئىبارەت خەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا تۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت كىتاب بىلەن زىچ باغلانغان -ئەلۋەتتە.

بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى كىتابتىن ئىبارەت بۇ قورالنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلماي تۇرۇپ، كىتابنى ئۆزى سۆيمەي تۇرۇپ بۇ بۇرچىنى ئادا قىلمىغى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.

مەن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا تور ئاختۇرۇۋېتىپ بىلىك كۇلۇبى، ئەل كۈيى تور بىكىتى، ئىلقۇت بلوگلىرىدىن كىتاب ھەم كىتاب ئوقۇشقا دائىر نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەرنى ئىزدەپ تاپتىم ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات يۇرتىىدىن مائارىپشۇناس تەتقىقاتچىمىز تەلەت قادىر مۇئەللىم بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولدۇم. تەلەت مۇئەللىم مۇنداق ئىككى مەسىلىنى دەلىللەپ بەردى. بىرى دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ھازىرقى دەلىللەردىن قارىغاندىمۇ %70~%80 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز تېز، راۋان، ئۆلچەملىك، ھېسسىياتلىق، ئوبرازلىق كىتاب ئوقۇش سەۋىيەسىگە يېتەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارى بار، دەپ قارىغان %20 تىن يۇقۇرى ئوقۇغۇچىمۇ يۇقىرىقى كىتاب ئوقۇشقا قويۇلغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلالىغان دەپ قارىغىلى بولمايدىكەن. بۇنداق سەۋەب ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئىقتىدارىنىڭ تەكشى تەرەققى قىلالمىغانلىقى تۈپەيدىلىدىن، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سۈپۈتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. يەنە بىرى ئوقۇتقۇچى ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلىگەندە تېزلىك، راۋانلىقنى بەكرەك تەشەببۇس قىلغانلىق سەۋەبىدىن تەبىئى «ئۆلۈك ئۇسۇل» شەكىللىنىپ تېكىستتىكى ھېسسىيات ئۆزگىرىشىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ،نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلاردا شەكىللىنىدىغان ئىستىتىك قىممەتكە ئېغىر دەخلى يەتكۈزىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا زىرىكىش  تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسى كېلپ چىقىدۇ.

يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن،  ئۇنداق بولسا ئوقۇتقۇچى قانداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا كىتابنى سۆيۈشنى، كىتاب ئوقۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابنى سۆيۈشىدەك ياخشى كەيپىياتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ؟

1. ئوقۇغۇچىلارنى كىتابنى سۆيۈپ ئوقۇشقا يىتەكلەش. كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش.

 (1) كىتابنىڭ قىممىتىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئايرىلماس دوست ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش.

مەسىلەن: باللار قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى تېپىپ مۇھىم جۈملىلىرىنى قىزىقارلىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىش. (ئوقۇپ بولۇپلا:  قېنى ئاخىرى قانداق بولىدىغاندۇ-ھە!  ئوقۇپ ماڭا دەپ بېرەلەرسەنمۇ؟ دىگەندەك باشلاپ كىرىش سۆزلىرىنى ئىشلىتىش)

 (2)كىتاب ئارقىلىق گۈزەللىككە ئىنتىلدۈرگەندىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇسى غىدىقلىنىپ سۆيۈنۈش، ئىنتىلىش پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.

 (3)كىتاب ئارقىلىق  دەسلەپكى ئىپتىدائى قىممەت قارىشى تىكلەش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش.

مەسىلەن (يەھۇدىيلار بالا سەل ئايىغى چىقىشقا باشلىغاندىلا كىتابقا ھەسەل سۈركەپ ھەسەلنى كىتابتىن يىيىشكە  ئادەتلەندۈرىدىكەن. مانا مۇشۇنداق قەدەممۇ قەدەم كىتابقا ئامراق قىلىش پوزىتسىيەسى باللارنىڭ كىتاب خۇمار بولۇپ چىقىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.)

 (4)   مۇھىم جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىش ئارقىلىق ئەستە قالدۇرۇشقا يىتەكلەپ، ئوقۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش.

 (5) كۇندىلىك خاتىر يېزىش، كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات يېزىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارغا كىتابنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئايرىلماس ھەمرىيى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، كۈندىلىك كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە مەسئۇلىياتچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا يىتەكلەش.

2. كىتاب ئوقۇشنىڭ  توغرا ئۇسۇلى

(1)بۇنىڭدا دىققەت ئېتىبارىنى كىتابتىكى مەزمۇنغا يىغىشنى ئۆگىتىپ قويۇش. دىققەت ئېتىبارىنى يىغىشنى  تەربىيەلىگىلى بولىدىغان ئۇسۇل. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار تەۋەسسىيە قىلىنىدۇ.

1) مەلۇم ۋاقىت بەلگىلىۋېلىپ ئوقۇش. قول سائىتىنى يېرىم سائەتكە توغرىلاپ قويۇپ كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەش. ئەگەر مەزكۇر كىتاب ئوقۇغۇچى يېرىم سائەتلا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلىسە بۇ سىناقتىن ئۈنۈملۈك ئۆتكەن بولىدۇ. ئەگەر دىققەت ئېتىبارىنى بىر سائەت يىغالىسا دىققەت ئتىبارىنى يىغىشتا مەسىلە يوق دىگەن گەپ.

2) كۈندىلىك ۋاقىت تەرتىپى بەلگىلەپ كىتاب ئوقۇش. بۇ كىتاب ئوقۇشنىڭ توغرا ئادىتى يىتىلدۈرۈشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇسۇلى. ئالدىنقى ئۇسۇل بىلەن بۇ ئۇسۇل زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھەر ئىككىلىسى بىر بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ.

3)كەيپىياتى ياخشى ياكى ناچار ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەش. ئىچ پۇشىغىنى كىتابتىن چىقىرىدىغان ئادەت يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.

4) ئوقۇشتىكى تېكىستنى ژانىرلار تەلىپى بويىچە ئوقۇشقا يىتەكلەش. ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇش جەريانىدا تېكىستلەردىكى كونكرىت ھېسسىيات ئۆزگىرىشلىرى (مەسىلەن: خۇشاللىق، ھاياجان، سۆيۈنۈش، قايغۇ ھەسرەت، غەزەپ-نەپرەت قاتارلىقلار) نى پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم.

5) كىتاب ئوقۇشتا ئىچىدە ئوقۇش، تەپسىلىي ئوقۇش، قىسقارتىپ ئوقۇش، ئۈنلۈك ئوقۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ ياخشى ئىگەللىۋېلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەستايىدىل يىتەكلىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشىپ ماھارەت ئىگەللىشى يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ ئەمىللىشىدە تولىمۇ زورۈر.

ئەنگىلىيىلىك مۇتەپپەككۈر   بىكون : -«كىتاب قىممەت باھالىق يۈكنى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزىدىغان كېمە.» دەپ ئېيتقان.

رىم ناتىقى نىسترون «كىتابسىز ئۆي-جانسىز تەن.» دەپ ئېيتقان.

ئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئۆزىنىڭ ”كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيەتى“ دىگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:كىتاب -لوقمان ھېكىم ،كىتاپ-رۇستەم پالۋان،كىتاب-بەخت قۇشى ئەنقا،ئۇ ئاددى تەسۋىر ئەمەس،بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif