رەقەملىك ھېكايە لايىھىلەش ھەققىدە
رەقەملىك ھېكايە دېگەن نىمە؟ ئۇنى قانداق يازىمىز؟ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا قانداق يېڭىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟ قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ فىلىمدە بولسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا قىزىققۇچىلار بولسا، ئىنكاس قالدۇرۇپ، ئېلخەت ئادرسىڭلارنى قالدۇرساڭلار كۆرسەتمە ئورگىنال ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بېرىمىز.ھۆججەت سىغىمى چوڭراق ، بولسا QQ نۇمۇرىنى قالدۇرۇڭلار، ئەۋەتىش قولايلىق بولىدۇ.
”رەقەملىك ھېكايە“ بۇ بىزگە نىسبەتەن بىر يېڭى شەيئىى بولۇپ، قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈشكە مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ بۇ يېڭى شەيئىغا بولغان تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە تېزرەك ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلىگەن بىرقەدەر ياخشى ”رەقەملىك ھېكايە“لەرنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن رەقەملىك ھېكايە تېمىسىدا مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرىشىمىز مۈمكىن. نۆۋەتتە ھەر يىلى مەملىكەتلىك مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرىلىۋاتىدۇ، ئەگەر كۆپچىلىك ھەقىقى قىزىقىپ ياخشى ئەسەر ياراتسا ، بلوگىمىز مەسئۇل بولۇپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ. ئىشىنىمىزكى چوقۇم نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ تېمىغا قىزىقىدۇ.
ئەسلى ھۆججەتنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://dl.dbank.com/c0c7ifre0b
كىيىنكى يازما: بابۇرنىڭ ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى
2012/03/26 18:55:59
كىيۇكىيۇ دەڭە. مەن سىزنى خېلى بىلىملىك زىيالىي دەپ ئويلايمەن. msn ئادېرىسىم iltebir107@hotmail.com كىيۇكىيۇ 83127237
2012/03/27 23:29:49
ھا،ھا،…توغرا دەيسىز كيۇ كيۇ دېيىش كېرەكتى! بولىدۇ ، مەن سىزگە ئەۋەرتىپ بېرەي، نەپ ئالالىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
2012/03/21 22:15:38
مەن بىر كۆرىۋىتەي دىسەم چىقماي قويدىغۇ!
2012/03/25 16:19:01
قايتا كۆرۈپ بېقىڭ، پەقەت چىقمىسا چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز كۆرسەتمە ئارگىنالىنى ئەۋەرتىپ بېرىمەن.