بىر قېتىملىق مەكتەپ مەمۇرىيەت يىغىنى
بۈگۈن دۈشەنبە بولغاچقا مەكتەپ مەمۇرىيەت يىغىنى ئۈچۈن ئاۋالقىدەكلا يىغىلىپ ئولتۇردۇق. بۇ يىغىنغا مەكتەپ مۇدىرى، سېكرىتاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشاتتى. مۇدىر يىغىننى باشلىۋەتتى، ھەممىمىز مۇدىرنىڭ سۆزىنى خاتىرىلىمەكتە ئىدۇق. ئۇقتۇرىدىغان ئىشلار بىرەرقۇر تۈگىگەندىن كېيىن ئايلىق باھالاش خۇلاسا مەسىلىسى چىقىپ، تالاش تارتىشىمىز يەنىلا شۇ ئۈنۈم مۇئاشىغا بېرىپ تاقالدى. ئۈنۈم مۇئاشىنى يېڭى يولغا قويغاندا بىرنەچچى بەتلىك ئىجرا قىلىش ئۆلچەملىرى، لايىھەلىرىمىز چىقىپ ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، ھەممە بىردەك قوشۇلغاندا ئاندىن يۇقۇرىغا يوللىنىپ، بۇ قىممەتلىك دارامەت قولىمىزغا تەككەن ئىدى. بىر نەچچە يىلدىن بېرى مال باھاسى ناھايىتى تېز ئۆرلەپ بۇ پۇل باشقا ساھەدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېزلا پەرىقلىنىپ قېلىپ كۇندىلىك تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بولۇپ قالغاچقا، بۇ پۇل ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە چۇقۇم ئېلىشقا تىگىشلىك ھەققىمىزدەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ خىل مۇئاشنى ئېلىشتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوقلام ئەھۋالى بىلەن دەرس سائىتى ئاساسى ئۆلچەم قىلىنماقتا ئىدى. بەزى مەكتەپلەردىكى ئانچە مۇنچە ئىش ئۈنۈمىگە قاراپ چاي پۇلى ئالغان ياكى بىخوتلۇقى تۈپەيلىدىن پۇلى تۇتۇلۇپ كەتكەن خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالاتتۇق. كۆڭلىمىزنىڭ بىر يېرىدە مۇكاپات بىلەن جازا بولمىسا ئىش ئۈنۈمىگە، ئوقۇتۇش سۈپۈتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماسلىقتەك رىياللىق بولغاچقا، يىل ئاخىرىدا بۇ تەرتىپلەرگە تولۇق ئىجرا قىلمىساقمۇ، لېكىن يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار يىغىنلىرىدا بۇ مۇقامنى توۋلاپ ،قىلنى قىرىق يارىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇراتتۇق .
مۇنازىرىمىز يەنە داۋاملاشماقتا ئىدى. قاتتىق خاتىرىلەپ ،ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا 100يۇەن، بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا50 يۇەن………چۇقۇم تۇتىۋېلىشىمىز كېرەك .
مەن چېچىلىپ كەتكەن خىياللىرىمنى يىغىپ ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىمنى ئېيتتىم…..
-بىزنىڭ مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرىمىزمۇ بار، گۇرۇپ باشلىقلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى بولماسلىق خېلىدىن بېرى سۆرىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە …ئەگەر بىز ياخشى ئىشلىگەنلەرگە شۇ 100يۈەن، 50 يۇەننى مۇكاپات قىلىپ نەقلەشتۈرۈپ بارسەكچۇ ؟
-مەكتەپ مۇدىرى :
– توغرا ….توغرا بېرىش كېرەك . ئالدىمىزدا بۇ مەسىلىنى چۇقۇم ھەل قىلىمىز ….
-ئەمدى يەنە بىر ئەڭ مۇھىم مەزمۇن ….يېزىڭلار …. بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ دىجورنىلىقنى ئالاھىدە كۈچەيتىش مەسىلىسى …24 سائەت 4 تىن ئوقۇتقۇچىنى دىجورنى تۇرغۇزۇش….نۆۋەتتىكى جىددى خىزمەت…..
كىيىنكى يازما: رەقەملىك ھېكايە لايىھىلەش ھەققىدە