كىتاب-مېنىڭ ھاياتىم(نەسىر)
مەن مىسالى بىر تامچە سۇ ….تىم..تىم..ئاقىمەن.بىر چىلەك سۇغا ،بىر كۆلچەك سۇغا بىر دەريا سۇغا ،بىر دېڭىز سۈيىگە ھاجىتىم بار. روھىم كىتاپتىن ئۇزۇق ئالماي تۇرۇپ ،بىلىمدىن تامچە ياسىماي تۇرۇپ ،دولقۇنلار يېرىپ ئۈزەلىشىم ئەسلا مۈمكىن ئەمەس…
مەن مىسالى ئاۋازلىق ئوقيا ….ئۈستۈمگە ئارتىۋالغىنىم يۈرەك.مەن شۇڭغۇيمەن.يۈرىكىمدىن ئوقچۇپ چىققان مۇھەببەت گويا بىر ئۇچقۇر ئاتەش .ئۇ شۇڭقار تېزلىكىدە تۈمەن مىڭلىغان يۈرەكنى تېشىپ ئۆتۈپ ئالغا مارش ياڭرىتىدۇ .قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇپ ،چاڭقىغان بوستانلىقلارنى سۇغۇرىدۇ.مانا بۇ خاسىيەت ئىگىسى -سۆيۈملۈك كىتاپ!
مەن مىسالى مىڭ بىر كىچە ھىكايىسى….قولۇمدا دۇنيا ئەينىكى …پۇتۇمدا ئۇچار گېلەم،كوزامدا خاسىيەتلىك ھايات ئابىدىسى.مەن قولۇمدىكى دۇنيا ئەينىكىدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى يىپەك يولىنى ،بۇقاخان ئات ئۈستىدە جان بازلىق قىلىۋاتقان كۆرىنىشىدىن باشلاپ ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھەيۋەتلىك قەسىرلىرىگىچە ،مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى ،لۇتفى،ناۋايى بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالتۇن قامۇسلىرىغىچە ،تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن باشلاپ ،بابۇر شاھنىڭ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلغان ھەيۋەتلىك قوشۇنلىرىغىچە ،ئۇلۇغ شاھ سەئىدىخاننىڭ يۇرتىمىزنى قوغداشتىكى پاراسەتلىرىدىن تارتىپ ،مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ مۇقام كۈيلىرى ناۋا ئەيلىگەن بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىمەن .مەن گاھ ئۇچار گېلەم بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلسام ،گاھ بۇغدا كۆلىگە قونىمەن ،گاھ سايرام كۆلىگە ،گاھ لوپنۇر كۆلىگە ……….
مەن يول بويى ئاچقانلارغا ،ئۇسسىغانلارغا قولۇمدىكى ھايات ئابىدىسىنى ئىچكۈزۈپ ماڭىمەن .چۈنكى مەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمىنىدىكى بىر تال يۇلتۇز ،مېنىڭ بۇرچۇم ،مەسئۇلىيىتىم ۋە ئارمىنىم ۋەتەننىڭ ئۈمۈدى بىلەن باغلانغان.مېنى شۇنداق مەردانە ،خاسىيەتلىك ،قەيسەر قىلغان كۈچ يەنىلا – كىتاپ!
مەن مىسالى گۈللەرگە قونغان ھەسەل ھەرىسى. مەن ئۆملۈكنى ،ئىتتىپاقلىقنى سۆيىمەن ، شۇڭا توپلىشىپ ياشايمەن ،ھەرىلەر توپىدا گۈللەرنىڭ چاڭلىرىنى مەدھىيىلەپ شېئىر ئوقۇيمەن،مەشرەپ ياسايمەن .مىلودىيەلىرىمىز پۈتۈن ئالەمگە زوق بەخش ئېتىدۇ.،قېنىمىزغا ھۈجەيرىمىزگە سىڭگەن ئەمگەك روھىدىن شىرنىلىك ھەسەللەر تامىدۇ .ھەسەل بىزنىڭ ئەجرىمىزگە ئەمگىكىمىزگە بېرىلگەن تەڭرىنىڭ مۇكاپاتى.دىمەك-كىتاپ ئەنە شۇ بال تامىدىغان ھەسەل شىرنىسى.
مىسالى مەن كىتاپسىز شورلۇق ئېتىز ،قاقاس تاغ ،مىۋىسىز قاخشال دەرەخ،ئېقىنسىز دەريا ،بېلىقسىز كۆل،ئەقىلسىز سۇلتان،نادان خەلق،بېلىىمسىز سەركەردە،قورغانسىز قەسىر…..
ئاھ،كىتاپ!سەن مېنىڭ ھاياتىم ! مېنىڭ ئارمىنىم !مېنىڭ قانىتىم ! مېنىڭ ئىخلاسىم! ئەلنىڭ چىن سۆيگۈسى،ئەل داۋاسى!…….
كىيىنكى يازما: ئوقۇغۇچىلارىنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ھەققىدە