ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قويىلىدىغان تەلەپ ئۆزگەردى

ۋاقتى: 2012-01-04 / تۈرى: باغۋەنلەر مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 866 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

     ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېقىندا تارقاتقان ئۇقتۇرىشىنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا:

2013 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا  HSK (خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى) ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، MHK (ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇچە ئىمتىھانى) يولغا قويۇلىدىكەن.

2011-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئىككى يىللىق تۈزۈمدىكى قوش تىللىق تەربىيىلەشكە قاتنىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشىنى باھالاشتا ئەمدى HSK نەتىجىسى ئاساس قىلىنماي، MHK نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدىكەن. 2011-يىلى 9-ئايدىن ئىلگىرى ئوقۇشقا كىرگەنلەرگە قوش ئۆلچەم قوللىنىلىدىكەن، يەنى HSK نەتىجىسى ياكى MHK نەتىجىسىنىڭ خالىغان بىرسىدە تەلەپكە يەتسىلا بولىدىكەن.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى ئوقۇشقا كىرگەن دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك بىر يىللىق تۈزۈمدىكى قوش تىللىق تەربىيىلەشكە قاتنىشىۋاتقانلارغىمۇ قوش ئۆلچەم قوللىنىلىدىكەن، يەنى HSK نەتىجىسى ياكى MHK نەتىجىسىنىڭ خالىغان بىرسىدە تەلەپكە يەتسىلا بولىدىكەن. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ھەرقانداق تۈردىكى قوش تىللىق تەربىيىلەشكە قاتناشقانلار بىردەك MHK نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىكەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى ئۆزى تەشكىللىكەن قوش تىللىق تەربىيىلەشتىمۇ مۇشۇ ئۆلچەم ئاساس قىلىنىدىكەن.

2013-يىلىدىن كېيىن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ MHK نەتىجىسىنى ئاساس قىلىدىكەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif