”مائارىپ قۇيۇپ قويۇش ئەمەس، ئوت يېقىش دېمەكتۇر“

ۋاقتى: 2011-11-19 / تۈرى: باغۋەنلەر مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 548 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

بۈگۈن شاڭخەيدىن كەلگەن مائارىپشۇناسنىڭ «ھەممە ئوقۇتقۇچى مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشسۇن» دېگەن تېمىدىكى لېكسىيىسىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. لى پراففېسسور  ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە رەھبەرلىك قىلغۇچى بولۇشى لازىملىقىنى نۇرغۇن ئەمەلىي مىسال ۋە جانلىق ۋەقەلىك ئارقىلىق ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە سۆزلىدى، كۆپچىلىكنىڭ لېكسىيىگە بولغان ئىنكاسىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى بولدى. بولۇپمۇ مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى بولغان قىزغىن سۆيۈش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇش، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش، مەكتەپ ھويلا مەدەنىيىتى بەرپا قىلغۇچى بولۇش، رىغبەتلەندۈرگۈچى بولۇشتىن ئىبارەت بەش ئامىلنى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەقىقى ۋەقەلىكلەر بىلەن سۆزلەپ كۇرسانتلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە چۈشتىن كېيىن ئۆزى سۆزلىگەن مۇشۇنداق ياخشىPPT  نى قانداق ياساشنى «رەقەملىك ھېكايە» دېگەن تېما  ئاستىدا ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسى، مائارىپ تېخنىكىسى ۋە ھەر قايسى پەن ئوقۇتۇشى بىلەن قانداق باغلاش ھەققىدە يېڭى ئىدىيىلەرنى سۆزلىدى.

مەسىلەن، لى  پراففېسسور گەپنى ئەڭ ئالدى بىلەن بۈگۈنكىدەك لېكسىيە ئاڭلىغاندا  قانداق خاتىرىلەش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. ئۇ دېدىكى: ”ھەممىنى خاتىرىلەش ھاجەتسىز، بەتنى ئوڭ سول ئىككىگە بۆلۈپ، سول تەرەپكە لېكسىيىنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزىنى، ئوڭ تەرەپكە لېكسىيە ئاڭلاۋېتىپ ئۆزىڭىزدە پەيدا بولغان تەسىراتنىلا يازسىڭىز بولىدۇ، سۆزلىگۈچىنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلەشنىڭ ھاجىتى يوق، مۇھىمى سىزدە يېڭى پىكىر پەيدا قىلالىدىمۇ يوق، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ لېكسىيىدىن ھېچنىمىنى خاتىرىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.“

ئارقىدىنلا بۈگۈنكى لېكسىيىدىكى بەش ئاچقۇچنىڭ 1-سى بولغان ”قىزغىن سۆيۈش“ ئامىلىنى ئامېرىكىلىق باشلانغۇچ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى تايدى بىلەن مۇئەللىمى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ھەقىقى ۋەقەلىكلەر(ئايرىم تۇنۇشتۇرىلىدۇ) ئارقىلىق قىزغىن سۆيۈش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچى ئۈچۈن قانداق مەكتەپتە ئوقۇش مۇھىم بولماستىن قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.“مەسئۇلىيەتچان بولۇش“ ئامىلىنى سۆزلىگەندە ئامېرىكا پرېزدىنتى باراك ئوبامانىڭ 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى يېڭى ئوقۇش باشلىغان كۈنى ۋېرجىنىيە شىتاتىنىڭ بىر ئوتتۇرا مەكتىۋىدە تۇرۇپ، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتقىنى قويۇپ بەردى. ئاندىن مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقىنىڭ مائارىپ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە كۆپچىلىكنى مۇنازىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. يەنە باشقا ئۈچ ئامىلىنى سۆزلىگەندىمۇ نۇرغۇن ھەقىقى ۋەقەلىك ئارقىلىق سۆزلىمەكچى بولغان تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىزنى قايىل قىلدى. ماڭا تەسىر قىلغىنى شۇ بولدىكى مۇئەللىمنىڭ  ۋەقەلىك ئۈستىدە ئىشلىگەن فىلىملىرىگە پۈتۈنلەي قىسقا يېزىق ۋە ئىنتايىن مەنالىق  رەسىملەر قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈش ياكى شۇ ۋەقەلىك ھەققىدىكى خۇلاسە ، باھا ياكى دەبدەبىلىك ئەقلىيە سۆزلىرى يوق، ئويلىنىشنى كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان، ھەتتا مۇئەللىم ئۆزىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىستۇرمىدى. بۇ قوشۇمچە فىلىملەر ئاساسىي لېكسىيىنىڭ ئىدىيىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ھەر قېتىم كىچىك بىر تېما ئۈستىدىكى لېكسىيە تۈگىگەندىن كېيىن كۆپچىلىكنى مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى مۇنبەرگە چىقىپ ئەركىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا لېكسىيىسنى پەيلاسوف سوقراتنىڭ ”مائارىپ قۇيۇپ قويۇش ئەمەس، ئوت يېقىش دېمەكتۇر“ دېگەن مەشھۇر سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

چۈشتىن كېيىنكى لېكسىيىدە ”رەقەملىك ھېكايە“ دىن ئىبارەت يېڭى شەيئى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق، بۇنى «ئالما» شىركىتىنىڭ ئەمدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن CEO سى ستېۋ جوبس ھەققىدىكى «دۇنيانى ئۆزگەرتكۈچى» دېگەن رەقەملىك ھېكايىسى، شاڭخەي ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدا ”مەكتەپ مۇدىر سايىسى“ بولۇپ چېنىقىشتىن ئالغان تەسىراتى ئاساسىدا ئىشلىگەن رەقەملىك ھېكايىسى قاتارلىق نۇرغۇن رەقەملىك ھېكايىلار ئارقىلىق سۆزلىگەچكە رەقەملىك ھېكايىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە قانداق ئىشلەيدىغانلىقىمىزنى جانلىق ئەمىلىي مىسال ئارقىلىق ئۆزىمىز بىلىۋالدۇق، مۇئەللىم ھېچقانداق ئېنىقلىما، چۈشەنچە ياكى قائىدىلەرنى  سۆزلىمىدى. ماڭا يەنە بىر  تەسىر قىلغىنى شۇكى، بىر كۈنلۈك لېكسىيىدىكى مەزمۇننىڭ  موللىقى ۋە بىر بىرىدىن خىللىقى بولدى. بەلكىم بەزى ھەپتىلىك ھەتتا  ئايلىق كۇرسلارغا قاتنىشىپمۇ بۇنچىلىك نەپ ئالالماسلىقىمىز مۈمكىن.

 ئېسىل لېكسىيىدىن كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە بۈگۈندىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ بلوگدا ئېلان قىلماقچى. ئىشىنىمىزكى مەسئۇلىيەتچان  ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولغۇسى!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif