زەھىرىددىن مۇھەممەھ بابۇرنىڭ نەسەبى
بابۇر ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادىدىن بولۇپ،ئاتىسى ئۆمەر شەيخ مىرزا،ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا. ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈردۇر. بابۇر ئانا تەرەپتىن يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر ”تارىخى رەشىدى“نىڭ يازغۇچىسى مىرزا ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە بولىدۇ، چۈنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان، مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خۇبنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇسخاننىڭ بالىلىرى ئىدى.يۇنۇسخان ئۇۋەيسخاننىڭ ئوغلى، ئۇۋەيسخان شىرئەلى ئوغلاننىڭ ئوغلى، شىرئەلى ئوغلان خىزىر خوجاخاننىڭ ئوغلى، خىزىر خوجاخان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلىدۇر.دېمەك بابۇر ئۇيغۇر تۈرك تارىخىدىكى ئىككى مەشھۇر شەخس ئاقساق تۆمۈر بىلەن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئەۋلادىدۇر.ئاقساق تۆمۈر يەنە ئەمىر تۆمۈر كۆرەگان دەپمۇ ئاتىلىدۇ،بۇ خانغا كۈيئوغۇل دېگەنلىكتۇر.تۇغلۇق تۆمۈر بولسا چىڭگىزخاننىڭ ئاۋلادىدۇر.كېيىكى يازمىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز.
يازما مەنبە «بابۇرنامە» دىن ئېلىندى.
كىيىنكى يازما: ئاخىرقى ئۆمرۈم (MTV)