”ئۇيغۇر تارىخى “ دىن ساۋات(2)–رېۋايەتلەر

ۋاقتى: 2012-02-15 / تۈرى: تارىختىن سۆز / كۆرۈلۈشى: 804 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

   

 ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى رېۋايەتلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە بىر قىسىملىرىنى تۇنۇشتۇرىمىز.

    مىلادى 1250-يىلى خوراسانلىق ئالائىددىن ئەتا مۈلك بىننى باھائىددىن مۇھەممەت جۇۋەينى(مىلادى 1258-يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى جاھانگۇشاي»(«جاھاننى ئىستىلا قىلغۇچىلار تارىخى») ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق بىر رېۋايەت يېزىلغان:

    «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئەسلىدە ئورخۇن دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان بولۇپ، بۇ دەريا قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشەتتى. بۈگۈنكى قاغان(ئۆكتاي-چىڭگىزخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى) ئوردىسى جايلاشقان شەھەرمۇ ئەنە شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ دەريا 30 ئېقىننىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، شۇ 30 ئېقىننىڭ بويىدا 30 قەبىلە ياشايتتى. ئورخۇن دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر قەبىلىنىڭ بىردىن باشلىقى بار ئىدى. 500 يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بۇقاخان دېگەن بىر باشلىق چىقتى. رېۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ ئادەم ئەپراسىياپ دېگەن ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەن. قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچىدە بىر كونا خەندەك بولۇپ، رىۋايەتلەردە بۇ ”بەجەن خەندىكى“(بەجەن-قەدىمقى ئىران رىۋايەت دەۋرىدىكى كەيخىسراۋنىڭ بىر باتۇرى. ئۇ ئەپراسىياپنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ جازالانغان، كېيىن رۇستەم تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغان.) دەپ ئاتىلىدىكەن. ھازىرقى ئورخۇن دەريا ۋادىسىدا بىر كونا شەھەرنىڭ خارابىسى بار. بۇرۇن بۇ شەھەرنى ”ئوردۇبالىق“ دەپ ئاتايدىكەن. ھازىر بۇ شەھەرنى ”ماۋبالىق“(جىن-ئالۋاستىلار شەھىرى دېگەن مەنىدە) دەيدۇ. ئوردىنىڭ ئالدىدا بىر خىل يېزىق يېزىلغان تاشنى كۆرگەنىدىم. قاغان(ئۆكتاي) تەختتە تۇرغان چاغدا بۇ تاشنى ئېلىپ كەتكەنىكەن. خەندەكنىڭ ئالدىدىمۇ بىر قەبرە تېشى بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ بىر خىل يېزىق يېزىلغانىكەن. قاغان ھەر بىر ئەلگە بۇ خەتنى ئوقۇپ چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، ئۇنى ئوقۇيدىغان ئادەم چىقماپتۇ. بۇ چاغدا چىندىن(جۇڭگودىن) بىر قامان(يەنى شامان دىنىنىڭ باخشىسى) كېلىپ بۇ خەتنى ئوقۇپ، تەرجىمە قىلغانىكەن. بۇ خەتتە: ”قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان تۇغلا ۋە سېلىنگىر دېگەن ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان يېرىدە، قۇملانچۇ دېگەن بىر جاي بار ئىكەن. بۇ جايدا بىر-بىرىگە يېقىن ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرسىنى ”پىستۈك“ دەيدىكەن. بۇ قارىغايغا ئوخشاش بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى ھەر دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىكەن. قارىغاي مەدىكىگە ئوخشاش بىر خىل ئۇرۇقى بار ئىكەن. يەنە بىرسى بولسا قىزىل قارىغاي ئىكەن. بۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كىچىك دۆڭ بولۇپ، بۇ دۆڭ دائىم ئېگىزلەپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىدە بولسا دائىم يېنىپ تۇرىدىغان بىر چىراغ بار ئىكەن. ئۇيغۇرلار بۇ جايغا كېلىپ تاۋاپ قىلسا،ئۇ جايدىن خۇددى ناخشىدەك بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلايدىكەن. بۇنداق ئەھۋال ھەر كېچىسى بولۇپ تۇرىدىكەن. دۆڭدىكى چىراغ بولسا، ئوتتۇز قەدەم قالغاندا پالىلداپ يېنىشقا باشلايدىكەن. ھېلىقى دۆڭ ئۆسۈۋېرىپ بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئىشىكنىڭ ئىچىدە خۇددى چېدىرغا ئوخشايدىغان بەش ئېغىزلىق ئۆي بار ئىكەن. ھەر بىر ئۆيدە بىردىن تور ئېسىغلىق ئىكەن. ھەر تورنىڭ ئىچىدە ئاغزىغا ئېمىزەك سېلىنغان بىردىن بالا يېتىپتۇ. قەبىلە باشلىقلىرى بۇلارنى ئىلاھ دەپ چوقۇنۇپتۇ. بۇ بالىلار ئۆيگە كىرگەن ھاۋانىڭ تەسىرى ئاستىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆيدىن چىقىپتۇ، ئۇيغۇرلار بۇ بالىلارنى خوتۇنلىرىغا ئەمدۈرۈپ چوڭ قىلىپتۇ، بۇلار گەپ قىلىشقا باشلاپتۇ- دە، ئاتا- ئانىسىنى ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. ئۇلار كىشىلەرنى ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخ تەرەپكە باشلاپ، باشقىلارنىمۇ تاۋاپ قىلدۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككى تۈپ دەرەختىن زۇۋان چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئەدەپلىك بولۇپ ئۆسۈشىنى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، شۆھرەت قازىنىشىنى تىلەپتۇ. باشقىلار بۇ بەش بالىنى خۇددى تېكىنلەردەك (شاھزادىلەردەك) كۆرۈپ ھۆرمەتلەپ ئۆستۈرۈپتۇ. بۇ بەش بالىنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭىغا شۇڭقار تېكىن، ئىككىنچىسىگە قوتۇر تېكىن، ئۈچىنچىسىگە بۇقاق تېكىن، تۆتىنچىسىگە ئور تېكىن، بەشىنچىسىگە بۇقا تېكىن دەپ ئات قويۇپتۇ. ئۇيغۇرلار بۇ تېكىنلەرنى تەڭرى بەرگەن دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئۆزىگە باشلىق قىلىپ سايلىماقچى بولۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەك كىچىكى بۇقا تېكىن ناھايىتى چىرايلىق، قابىلىيەتلىك،ھەممە ئەلنىڭ تىلىنى بىلىدىغان بالا  ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئۇنى ئۆزىگە قاغان قىلىپ سايلاپتۇ.  بۇقا تېكىن قاغان بولغاندىن كېيىن، ئەل ياخشىلىنىپ، نوپۇس تېز كۆپىيىپتۇ. تەڭرى ئۇنىڭغا ئۈچ قۇش بېرىپتۇ. بۇ قۇشلار ھەممە ئەلنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن. قاغان بۇ قۇشلارنى باشقا ئەللەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدىكەن.“

    ”كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، بىر كېچىدە بۇقا قاغاننىڭ ياتقان ئۆيىگە بىر قىز شەكىللىك پەرىشتە كىرىپتۇ. خاننى تىترەك بېسىپتۇ. ئۇنىڭ ئاغزىغا زۇۋان كەلمەي، ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋاپتۇ. بۇ ئەھۋال كېيىنكى كېچىسىمۇ يۈز بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەھۋال ئۈچ كېچىگىچە داۋاملىشىپتۇ. ئۈچىنچى كېچىسى قاغان بۇ ئەھۋالنى ۋەزىرلىرىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ- دە، پەرىشتىنى ئەگىشىپ قۇت تاغ دېگەن بىر جايغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدىشىپتۇ. بۇ ئەھۋال يەتتە يىل ئالتە ئاي ۋە يىگىرمە ئىككى كۈنگىچە ھەر كېچىسى داۋاملىشىپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى پەرىشتە بۇقا قاغان بىلەن ۋىدالىشىپ، ئۇنىڭغا  ‘ كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى سىزگە قارايدۇ. سىز بۇ جايلاردا ئۆز بۇرچىڭىزنى ئوبدان ئادا قىلىپ، خەلقنى ياخشى باشقۇرۇڭ،– دەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇقا قاغان زور قوشۇن توپلاپ، چوڭ ئاكىسى شۇڭقار تېكىننى 300 مىڭ ئەسكەرگە  باشچى قىلىپ، موڭغۇل ۋە قىرغىزلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىپتۇ. ئىككىنچى ئاكىسى قوتۇر تېكىننى 100 مىڭ ئەسكەرگە باشچى قىلىپ، تاڭغۇتلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىپتۇ. ئۈچىنچى ئاكىسى بۇقاق تېكىننى 100 مىڭ ئەسكەرگە باشچى قىلىپ، چىنغا(جۇڭگوغا) ئەۋەتىپتۇ. تۆتىنچى ئاكىسى ئور تېكىننى ئورنىدا قېلىپ، ئەلنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەپتۇ. ئۇ بۇنداق كۆپ قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇرىقى جايلارنى بېسىۋېلىپ، ناھايىتى نۇرغۇن تۇتقۇن ۋە ئولجا ئېلىپ، ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قايتىپ، بۇ جايدا بىر شەھەر بىنا قىلىپتۇ. شەھەرگە ”ئوردۇبالىق“(ئوردا شەھىرى) دەپ ئات قويۇپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەل بولۇپتۇ.“

    ”بۇ چاغدا بۇقا قاغان بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە قولىغا ھاسا تۇتقان ۋە ئاق چاپان كىيگەن بىر بوۋاي كېلىپ، بىر پارچە مەرمەر تېشىنى ئۇنىڭغا بېرىپ، سەن بۇ تاشنى مەڭگۈ ساقلا، نەگىلا بارساڭ ئۇنى يېنىڭدىن ئاجراتما، دەپتۇ. بۇقا قاغان بۇ چۈشنى ۋەزىرلىرىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ، ئەتسىلا  بۇقا قاغان زور قوشۇن تەييارلاپ، كۈنپېتىش تەرەپكە (غەربكە)  قاراپ يۈرۈش قىلىپتۇ. زور قوشۇن تۈركلەر ماكانىغا كەپتۇ. بۇ جاي بولسا بۇلاق سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان، خۇش ھاۋالىق بىر تۈزلەڭلىك ئىكەن. بۇقا قاغان بۇ جايدا تۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ. بۇ جايدا ‘بالاساغۇن’ دېگەن بىر شەھەر بىنا قىلىپتۇ. بۇ شەھەر ھازىر غۇۋبالىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ قوشۇنلىرىنى تەرەپ- تەرەپكە ئەۋەتىپتۇ. ئون ئىككى يىل ئىچىدە ھەممە دۆلەتلەرنى ئەل قىلىپتۇ- دە، ئاخىر بىر ياۋايى كىشىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ قاپتۇ. ئاندىن ئۇ، ئېھتىمال دۇنيانىڭ چېكىگە يەتسەم كېرەك، بۇنىڭ تېشىدا ئەمدى ئادەم بولمىسا كېرەك،  دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ يۈرۈشىنى توختىتىپتۇ. بۇ جايدا ھەممە ئەلنىڭ باشلىقلىرى بۇقا قاغانغا كۆرۈنۈشكە كېلىپتۇ. ئۇلار بۇقا قاغانغا سانسىز سوۋغا- سالام تەقدىم قىلىپتۇ. ئۇ بۇ سوۋغا- سالاملارنى ئىلتىپات بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ. پەقەت ناھايىتى سەت تەلەتلىك ھىند پادىشاھى بىلەنلا كۆرۈشمەپتۇ. باشقىلارنىڭ ئەل بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز يېرىگە قايتۇرۇپتۇ. بۇقا قاغان ھەممە ئىشنى ئۆز جايىدا پۈتتۈرۈپ، بالاساغۇن شەھىرىدىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار خۇددى ھازىرقى موڭغۇللارغا ئوخشاشلا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن“.

    بۇقا قاغان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى تەختكە چىقىپتۇ. بۇ چاغدا، جىمىكى ئۆي، ياۋايى ھايۋانلار ۋە بوۋاق بالىلارنىڭ ئاغزىدىن بىردەكلا كۆچ، كۆچ دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بۇ ئورنىڭدىن قوزغىلىپ، باشقا تەرەپكە كۆچ دېگەن سۆز بولىدىكەن. ئۇيغۇرلار كۆچۈشكە باشلاپتۇ. نەگىلا بارسا بۇ ئاۋاز توختىماپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار چوڭ بىر تۈزلەڭلىككە بارغاندىلا، ئاندىن بۇ ئاۋاز توختاپتۇ. ئۇلار بۇ جايدا بەش شەھەر بىنا قىلىپ، ‘بېشبالىق’ دەپ ئاتاپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇقا قاغان ئەۋلادى بۇ جايدىكى كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ. بۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ باشلىقى ‘ئېدىقۇت’ دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇلار يۇقۇرىدا باياب قىلىنغان ئىككى تۈپ دەرەخنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇتخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بولۇپتۇ“.

    1247- يىلى ئىراننىڭ ھەمەدان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن مەشھۇر تارىخچى فەزلۇللا رەشىدىددىن بىننى ئەبۇلخير ھەمەدانى(مىلادى 1318- يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن يېزىلغان«جامىئۇتتاۋارىخ» ناملىق ناملىق ئەسەردە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:“ بۇرۇنقى زاماندا، ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى ‘بۇقراتۇ بۇزلۇق’، يەنە بىرىنى ‘ئاشقۇنلۇق تەڭرىم’ دەپ ئاتىغان. بۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ‘قاراقۇرۇم’ دېگەن بىر تاغ بار، ئۆكتاي خاننىڭ ئوردىسى ئەنە شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يۇقۇرىدىكى ئىككى تاغنىڭ يېنىدا يەنە ‘قۇتتاغ’ دېگەن بىر تاغ بار، بۇ تاغنىڭ بىر يېرىدىن ئون دەريا، يەنە بىر يېرىدىن توققۇز دەريا ئېقىپ چۈشىدىكەن. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەنە شۇ دەريا ۋادىلىرىدىكى تاغ ۋە تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدىكەن. ئون دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغانلار ‘ئون ئۇيغۇر’، توققۇز دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغانلار ‘توققۇز ئۇيغۇر’ دەپ ئاتىلىدىكەن. ئون دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغانلار يەنە ئون ئارغۇت ياكى ئون ئورخۇن دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدىكەن. ئۇلار، ئاشكىل(ئىشكۈل؟)، ئاۋتىنقار(ئوتىغار؟)، بۇ قىز(بۇقىر؟) ، ئازقۇندۇر(ئارقۇندۇر،ئۇقراندۇر؟)، تۇلار(تۇلۇر؟)، تاردار(بادار؟) ، ئادېز، ئاۋۇچ تابىن، قاملا بۇق(قاملانچۇ؟)، ئاۋىتكەن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن“

    ”بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار جەمئىي 122 قەبىلىگە بۆلۈنگەنىكەن. ئۇلارنىڭ تولۇق نامى مەلۇم ئەمەس، ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. لېكىن ئۇلار تېخىچە بىرەر باشلىق سايلىيالماپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر دائىم قەبىلە ئۇرۇشلىرى بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇنداق چاغلاردا بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى زورلۇق بىلەن ئاقساقاللىق ئورنىنى تارتىپ ئالىدىكەن. كېينچە، ھەممە قەبىلىلەر بىرلىشىپ بىر كېڭەش چاقىرىپتۇ. كېڭەشتە ئۇلار ھەممىمىزگە بۇيرۇق بېرەلەيدىغان بىر باشلىقىمىز بولمىسا زادىلا بولمايدىكەن دەپ قارار قىلىشىپتۇ. ئۇلار ئىشكۈل قەبىلىسىنىڭ مەنگۈ تاي دېگەن ئەڭ ئەقىللىق بىر ئادىمىنى تاللاپ، ئۆزلىرىگە باشلىق سايلاپ، ئۇنىڭغا ‘ئايىلتەبىر’(ئېلتەبىر)  دېگەن نام بېرىپتۇ. ئۇلار يەنە ئازقۇندۇر قەبىلىسىنىڭ ناھايىتى ئوبدان بىر ئادىمىنى باشلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ‘كۈل ئېركىن’ دەپ نام بېرىپتۇ. بۇ ئىككىسى بارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ خانى ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇلۇسى يۈز يىلغىچە ھۆكۈم سۈرۈپتۇ… ھازىر  ئۇيغۇرلار ئۆز خانىنى ئىدىقۇت دەپ ئاتايدۇ. بۇ قۇت(بەخت) ئىگىسى دېگەنلىك بولىدۇ“.

    مىلادى 17-ئەسىردە ياشىغان خارەزىم شاھى ئەبۇلغازى مۇھەممەت باھادۇرخان بىننى ئەرەبشاھ مۇھەممەتخان(مىلادى 1606-1663-يىىلار) تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخى شەجەرەئى تۈركىي» ناملىق ئەسەرنىڭ ئوغۇزخاننىڭ دۇنياغا كېلىشى، دېگەن قىسمىدا،ئوغۇزخاننىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ كاپىر دادىسى قاراخان بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىپ كېلىپ:“قاراخان ئوغلىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەگلىرىنى چاقىرىپ كېڭەش ئۆتكۈزدى.ئۇلار ئوغۇزخان شىكاردا يۈرگەندە ئۆلتۈرەيلى، دەپ قارار قىلىشتى ۋە ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ ئۇلار تېز يېتىپ كەلسۇن، مەن ئوۋغا چىقىمەن دەپ خەۋەر قىلدى. ئوغۇزخانمۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ، ئاتام ئەسكەر تارتىپ كېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى، مېنى ياقلايدىغانلار ماڭا كەلسۇن، ئاتام تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئاتام تەرەپكە بارسۇن دەپ خەۋەر بەردى. ئەلنىڭ كۆپ قىسمى قاراخاننىڭ قېشىغا باردى، ئاز قىسمى ئوغۇزخاننىڭ قېشىغا باردى. قاراخاننىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى كۆپ ئىدى. ئۇلارنى قاراخاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ دەپ ھېچكىم ئويلىمايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئوغۇزخاننىڭ يېنىغا كەلدى. ئوغۇزخان ئۇلارغا ”ئۇيغۇر“ دەپ ئات قويدى. ئۇيغۇر دېگەن سۆز تۈركچە بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى خۇددى ھەمىگە مەلۇم بولغىنىدەك يېپىشقۇچى دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن، سۈت ئۇيۇدى دېسەك، سۈت سۇيۇق ۋاقتىدا بىر- بىرىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ قېتىق بولغان چاغدا بىر-بىرىگە يېپىشىدۇ. ياكى ئىمامغا ئۇيىدى دېگەندە، ئىمام ئولتۇرسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ ئولتۇرىدۇ، ئىمام ئورنىدىن تۇرسا باشقىلارمۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ. بەس، بۇ ئۇلارنىڭ ئىمامغا يېپىشقىنى بولمامدۇ؟“ دەپ يازغانىدى.

    مۇشۇ ئەسەرنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زىكرى» دېگەن قىسمىدا :“ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئوغۇزخان داستانىدا بايان قىلىندى. مۇئەررىخلەر يەنە شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى، موڭغۇل يۇرتىدا ئىككى تاغ بولۇپ، بۇ تاغلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى قۇياش چىققان تەرەپتىن قۇياش پاتقان تەرەپكىچە سوزۇلغان. بۇ تاغلار ناھايىتى چوڭ تاغلاردۇر. بىرسىنىڭ نامى توقراتۇ بۇزلۇق، يەنه بىرىنىڭ ئېتى ئۇسقۇنلۇق تەڭرﯨم (تەيرام) ئۇ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا موغۇل يۇرتىنىڭ كۈن پېتىشىدا يەنه بىر تاغ بار، ئۇنى قۇتتاغ دەيدۇ .بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر جايدا سۇ ئېقىپ چۈشىدىغان ئون ساي، يەنە بىر يېرىدە توققۇز ساي بار ئىدى. بۇ سايلارنىڭ ھەممىسىدىلا چوڭ دەريالار بار ئىدى. قەدىمقى زاماندىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ سايلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى. ئون سايدا ئولتۇرغانلارنى ئون ئۇيغۇر، توققۇز سايدا ئولتۇرغانلارنى توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى، كەنتلىرى ۋە ئېكىن مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇلار بىر يۈز يىگىرمە ئۇرۇق ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىپ بۇزۇلاتتى. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، بىز ئىككى جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئەلدۇرمىز. ھەر قايسىمىز بىر كىشىنى تۆرە قىلىپ سايلايلى. ئەگەر كىم ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلمىسا، بېشىنى كەسسۇن ۋە مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلسۇن، دەپ قارار قىلىشتى. ئون ئۇيغۇر ئېلىدىن مەنگۈ تاي ئىسىملىك بىر كىشىنى تۆرە قىلىپ كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىل ئېلتەر دېگەن لەقەپنى قويدى. توققۇز ئۇيغۇرلار بىر كىشىنى تۆرە قىلىپ كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا كۈل ئېركىن لەقەپ قويدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوغلانلىرى يۈز يىلغىچە تۆرىلىك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىر ئۇيغۇر بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئون ئۇيغۇرغا تۆرە بولغانلارنى ئىل ئېلتەر، توققۇز ئۇيغۇرلارغا تۆرە بولغانلارنى كۈل ئېركىن دەپ ئاتايدىغان بولدى. كۆپ ئەللەرنىڭ تۆرىلىرىمۇ ئەنە شۇ ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. ئۇلاردىن كېيىن تۆرە بولغانلار بولسا ئىدىقۇت دەپ ئاتىلىدىغان بولدى…ئۇلار ئۈچ مىڭ يىلغىچە مۇشۇ يۇرتتا ئولتۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە بۇزۇلدى. بىر-بىرىنى ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ بىرمۇنچىسى ئۆز يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قېلىشتى. يەنە بىرمۇنچىسى ئېرىتىش دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. بۇلار ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ، بىر تارمىقى بېشبالىق شەھرىگە كېلىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ ۋىلايەتلەرنى ئاۋات قىلدى. ئىككىنچى تامىقىمۇ بېشبالىق ئەتراپىغا كېلىپ، يىلقا ۋە قوي بېقىپ، كۆچۈپ، قونۇپ يۈرۈشتى. ئۈچىنچى تارمىقى بولسا، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ ۋادىسىدا مال باقماي پەقەت بېلىق، قۇندۇز ۋە كىيىك، سۆسەر ئوۋلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەپ، تېرىلىرىنى كىيىپ يۈرۈشتى. بۇلار جانلىق مالنى، يىپەك، پاختا ۋە ماتادىن تىكىلگەن كىيىم-كىچەك ۋە باش كىيىملەرنى ئۆز ئۆمرىدە زادىلا كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئەگەر ئانىلىرى قىزلىرىنى قاغىسا، يىلقىلىق ۋە قويلۇق كىشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، گۆش يەپ، قىمىز  ئىچىپ، بېشىڭغا يامان كۈنلەر كەلسۇن، دەپ قاغايتتى. چىڭگىزخان زامانىدا، بارچۇق ئارت تېكىن ئاتلىق بىر ئىدىقۇت، چىڭگىزخانغا كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ھەر يىلى سوۋغا قىلاتتى. چىڭگىزخان ئاتلىنىپ ماۋارائۇننەھىر ئۈستىگە كەلگەندە، بارچۇق ئىدىقۇت ئۆز ئەسكىرى بىلەن كېلىپ، يولدا چىڭگىزخانغا قوشۇلۇپ، ياخشى خىزمەتلەتنى قىلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدە تۈركىي تىلىنى ئوقۇغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بولاتتى. ئۇلار دەپتەردارلىق ۋە دىۋان ھېسابلىرىنى ياخشى بىلەتتى. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى دەۋرىدە، ماۋارائۇننەھىر، خوراسان ۋە ئىراقتىكى دىۋان خادىملىرى، دەپتەردارلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەنگەنىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغلانلىرى خىتاي يۇرتىدىكى دىۋان ۋە دەپتەردارلارنى ئۇيغۇرلاردىن تەيىنلەيتتى. چىڭگىزخاننىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغان ئوغلى ئۆكداي قائان خوراسان، مازاندىران ۋە گېلان قاتارلىق جايلارنى ئۇيغۇر قۇرقۇز(كۆركۈز) دېگەن كىشىگە تاپشۇرغانىدى. ئۇ ھېسابنى ياخشى بىلەتتى. ئۈچ يۇرتنىڭ ئېلىم- بېرىمىنىڭ ھېسابىنى ياخشى قىلىپ، ئۇنى يىغىپ، ھەر يىلى ئۆكداي قائانغا ئەۋەتىپ تۇراتتى“ دەپ يازغان.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. بابۇرشاھ
    2012/04/07 23:28:54

    يوق دېسەك بولماس، بەلكىم سىز ئوقۇمىغان بولسىڭىز كېرەك. ئۇيغۇر تارىخىنى قىسقىچە بىرەر پارچە ماقالە بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇر تارىخىدىن ساۋات دېگەن يۈرۈشلۈك يازمىمىزدا ، تارىخىمىزنى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللار ئاساسىدا، بىر قەدەر ئىخچام ئېنىقراق ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز.كۆپچىلىكنىڭ پىكىر تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىمىز.

  2. قەيسەر
    2012/04/07 20:17:39

    نىمە ئۈچۈن يۈرۈشلەشكەن،قىلىپلىق تارىخىمىز يوق

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif