قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ مائارىپىغا نەزەر(1)

ۋاقتى: 2012-02-17 / تۈرى: تارىختىن سۆز / كۆرۈلۈشى: 781 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

          

    مەھمۇد كاشغەرىي ئەسىرىنى يېزىشقا باشلىغان يىللاردا تۈركىي خەلقلەردە ئوقۇش، ئوقۇتۇش ئىشلىرى قانداق ئىدى؟ ئوقۇش ئورۇنلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئورگانلار قانداق ئىدى؟ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش مۈمكىن ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ زاماندىشى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىدىمۇ بۇ توغرىدا مەلۇمات يوق. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، ھەر ئىككى ئاپتور مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە تەلىم- تەربىيە بەرگۈچى ئورگانلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەسەرلىرىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن Ⅺ ئەسىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىدا ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا، يۇقۇرى ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى بارلىقىغا ئىككى ئاپتورنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەبچىگە، ئىسلام مەدەنىيىتىگە كامىل بولۇپ، شۇ دەۋردىكى ئەرەب فلولوگىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن، ئىمام خەلىلنىڭ «كىتابۇل ئەينى»نى ئۆز ئەسىرىگە ئۆرنەك قىلىشنى پىلانلىغان، لېكىن كېيىنچە بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئاسترونومىيە، خېمىيە، جۇغراپىيە، ماتېماتىكىغا ئوخشاش تەبىئىي پەنلەرگە ئاشىق  ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا، ئۇ ئۆكلىدنىڭ گېئومېتىرىيىسىنى ئۆگىنىشنى ئالىملارغا تەۋسىيە قىلىدۇ.بۇلارغا قاراپ دېيەلەيمىزكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەربىيىلەنگەن، ئوقۇغان ئادەم ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە شۇلارغا ئوخشاش ئالىملار يېتىشىپ چىققان شەرقىي قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدە مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە بۈگۈنگىچە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولالمىساقمۇ، غەربىي قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدىكى مەدرىسىلەر ۋە مائارىپ تەرەققىياتىغا ئائىت مول ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگىمىز.

       شۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغراخان ئىبراھىم(1046-1067) نىڭ سەمەرقەنتتە ياساتقان مەدرىسىسى ھەققىدە خېلى كەڭ مەلۇماتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ مەدرىسىگە ئىئانە قىلىنغان ماللاردىن قانچىلىك ساپ پايدا كىرىم قىلغانلىقى، بۇ كىرىم قانداق خەجلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلار مەدرىسە ۋەخپە خاتىرىسىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان:

       «مەدرىسىدە دەرس ئەھۋالى ۋە ئەبۇ خەنىپە مەزھىپىنىڭ ئېتىقادى ۋە زۆرۈرۈيىتىگە قاراپ دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئايلىق مائاش 300 دىرھەمدىن جەمئىي يىلىغا 3600 دىرھەم پۇل بېرىلسۇن. بۇ مەدرىسىدە بىلىم ئالغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ئايدا 1500 دىرھەمدىن يىلىغا 18000 دىرھەم  پۇل چىقىم قىلىنسۇن ۋە بۇ پۇل ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ بۆلۈشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا بېرىلسۇن.

       مۇشۇ پۇلنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان كىشىگە ئايدا 50 دىرھەم، جەمئىي يىلىغا 600 دىرھەم ئايلىق بېرىلسۇن. يەنە مۇشۇ (ۋەخپە) پۇلدىن ئەدەپ- ئەخلاق دەرسى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىغا ئايدا 100 دىرھەم، يىلىغا 1200 دىرھەم ئىش ھەققى بېرىلسۇن، <قۇرئان كېرىم>نى ئوقۇتىدىغان ۋە تىلاۋەت قىلىدىغان كىشىنىڭ ئايلىق ھەققى 125 دىرھەمدىن جەمئىي يىلىغا 1500 دىرھەم بېرىلسۇن. مەدرىسە بىلەن تۇتاش شېھىتلەر قەبرىستانلىقىدا قۇرئان ئوقۇيدىغان تۆت قارىينىڭ يىللىق مۇئاشى 3000 دىرھەم، يەنى ھەر بىرىگە 750 دىرھەمدىن مۇئاش بېرىلسۇن. مەدرىسىنىڭ قەبرىگاھى، مەسچىتى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، خالا جايى قاتارلىق جايلارنىڭ چىراغ يېغى ياكى يۇرۇتۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن 700 دىرھەم بېرىلسۇن. مەدرىسنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى سۇ ۋە مۇز ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن 400 دىرھەم بېرىلسۇن.

       پۈتۈن رامىزان ۋاقتىدا مەدرىسىدە بېرىلىدىغان زولۇق ۋە ئىفتىھار ئۈچۈن كېتىدىغان بارلىق نان، گۆش ۋە باشقا غىزا ماددىلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا 3350 دىرھەم بېرىلسۇن. رامىزاننىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئۈچۈن ئىشىلىتىشكە ئالىدىغان چىراغ، يېقىلغۇ ئۈچۈن 50 دىرھەم بېرىلسۇن. ھەر يىلىدىكى قۇربان ھېيت بايرىمىدا قۇربانلىق مال ئېلىش ئۈچۈن 1000 دىرھەم خەجلەنسۇن. بۇ پۇلنىڭ 500 دىھىمىگە كالا، 500 دىرھەمىگە قوي ئېلىنسۇن. بۇ قۇربانلىق قىلىنغان مال گۆشلىرى پېقىرلەرگە ۋە ئاجىزلەرگە تارقىتىپ بېرىلسۇن. ھەر ئاشۇرا ئاخسىمى 50 يوقسۇل ۋە ئاجىز بىچارىلەرگە كىيىندۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاشۇرا ئاخشىمى بېرىلىدىغان زىياپەتكە نان، گۆش ۋە باشقا يېتەرلىك نەرسىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن 1000 دىرھەم خەجلەنسۇن. مەدرىسە ۋە مەسچىتنىڭ دەرۋازا ۋە ئىشىكلىرىنى ئېچىپ- يېپىش ، تازىلىقىنى قىلىش، سۈپۈرگە قاتارلىق تازىلىق سايمانلىرى، كۆرگەزمە ئەشيالىرىنى ئېلىش، سېلىنچىلارنى سېلىش، قاتلاش، سەرەمجانلارنىڭ بۇزۇلغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش،خالانى تازىلاش، ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ۋە ئاخشاملىرى زۆرۈر بولغان جايلارغا چىراغ يېقىش، ئۆچۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغۇچىلارغا ھەر يىلدا 1200 دىرھەم، يەنى ھەر بىر كىشىگە 600 دىرھەمدىن ئىش ھەققى تارقىتىلسۇن.

       بىلىم قۇرۇلمىسى، ھال- ئەھۋالى، تەققى- تۇرقى، ئەخلاق پەزىلىتى ياخشى بىر كىشى مەدرىسە ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كېڭىشىپ  سايلىنىپ مەدرىسە ۋە شېھىتگاھ(قەبرىستانلىق)نىڭ مەمۇرى ئىشلىرىنى، كۇتۇپخانىنىڭ كۆزەتچىلىكى، مەدرىسە، قەبرىستانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەمۇرى ۋە ئىقتىسادى ئىشلارنى باشقۇرسۇن. بۇ كىشىگە ئايدا 100 دىرھەم، يىلدا 1200 دىرھەم ئىش ھەققى بېرىلسۇن. ئەگەر مەدرىسە ئۇستازلىرى يۇقۇرىدىكى ئىشلارنى ئىككى كىشى قىلىش مۇۋاپىق دەپ قارىسا بۇنى مەدرىس كېڭەشمىسى بېكىتسە بولىدۇ.بۇلارنىڭ بىرىنى كۇتۇپخانا، يەنە بىرىنى باشقا تارماقلارغا قوشۇپ بىر تەرەپ قىلسۇن. دېمەك، بۇ مەدرىسە ئۇستازلىرىنىڭ ئىختىيارىغا باغلىق بولۇپ قالدى. ئەگەر، زادى ئىككى كىشى ئىشلىتىمىز دېيىلگەندە، يۇقۇرىدىكى پۇلنى مەدرىسە ئۇستازلىرى مۇۋاپىق ھالدا ئىككى كىشىگە تەڭشەپ بەرسە بولىدۇ».(تۈركىيە ئالىمى رېشات گەنچنىڭ <11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىگە نەزەر> ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى.

     يۇقۇرىدىكى ۋەخپە خاتىرىسى بىزنى نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ھەرقانداق كىشىدە يېڭى پىكىرلەرنى تۇغدۇرىدۇ. كېيىن بۇ ھەقتە توختىلىمىز.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. مۇتەللىپ تۇرغۇن
    2012/03/07 01:31:13

    ھەي ئېسىت! شۇ مائارىپلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا يوقىلىپ كەتمەي داۋاملىق تەرەققى قىلغان بولسا نىمىدىگەن ئىسىل كۈنلەر بولاتتى ھازىر.

    • بابۇرشاھ
      2012/03/07 19:14:55

      شۇنداق، شۇ چاغدىكى مائارىپنىڭ قايسى تەرەپلەردىن ئۆرنەك ئېلىشىمىز كېرەك؟ قايسى تەرەپلەردىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك؟ شۇ چاغدا نىمە ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز يېتىشىپ چىقالىدى؟ بۇ بىزدىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزنى، ئىزدىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif