”ئۇيغۇر تارىخى “ دىن ساۋات(1)

ۋاقتى: 2011-11-13 / تۈرى: تارىختىن سۆز / كۆرۈلۈشى: 615 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

  مېنىڭچە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئۆز تارىخىغا قىزىقىدۇ،ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.كىچىكىمدىن باشلاپ تارىخقا ئالاھىدە قىزىقاتتىم، تارىخقا ئائىت ھەرقانداق ماقالە ياكى ئەسەر بولسا قالدۇرماي ئوقۇيتتىم،گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك كۆرگەنلا تارىخقا ئائىت كىتاپ ۋە ماقالىنى ئوقۇمىساممۇ ھەر ھالدا بۇ قىزىقىشىمدىن قالغىنىم يوق.يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كاللامدا تارىخىمىزغا ئائىت ئومۇمىي بىر رامكا شەكىللەندى.تەسىراتىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يازدىم.مەن تارىخچى ئەمەس، پەقەت بىر ھەۋەسكار،شۇڭا مۇۋاپىق بولمىغان كۆز قاراش ياكى ئىدىيىلەر بولۇشى مۈمكىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلمىي ئاساستا پىكىرلىشىشىنى قارشى ئالىمەن.

       ئاۋال مۇنداق بىر نەچچە ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.ھېلى دەپ ئۆتكەندەك مەن تارىخچى ئەمەس،شۇڭا ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەممە دەۋرلەردىكى تارىخىنى تەپسىلىي يېزىش ئويۇم يوق ھەم ئۇنىڭغا قۇربىممۇ يەتمەيدۇ.پەقەت ئەزەلىىي دەۋردىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇر قانداق ئىسىم بىلەن ئاتالغان؟ نەلەردە ياشىغان؟قانداق قوۋملار بىلەن مۇناسىۋېتى بولغان؟سىياسى،مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانداق ئىدى؟ دېگەندەك سۇئاللارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىگە بۆلۈپ لېكسىيە شەكلىدە سۆزلىمەكچى.

1. ئۇيغۇرنىڭ تارىختا قوللانغان نام-ئاتىقى

2. ياشىغان جايلىرى

3. ھەر قايسى دەۋرلەردە قۇرىغار(غەربى يۇرت) دا ياشىغان خەلق

4. ھەر قايسى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد

5. بۇگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ئېتنىك تەركىۋى

 

  1. تارىختا ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئۆزىمىز قوللانغان ياكى باشقىلار ئاتىغان نام-ئاتىقىمىز

«خەننامە.ھونلار تەزكىرىسى» (بۇنىڭدىن 2000 يىل ئاۋال يېزىلغان) دە ”ھونلار شىمالدا ۋۇجىيې (乌揭) لەرگە  زەربە بەردى،ئۇلار تەسلىم بولدى.ئۇنىڭدىن كېيىن غەربكە يۈرۈش قىلىپ قىرغىزلارنى ۋە دىڭلىڭلەرنى تەسلىم قىلدى.“ دەپ يېزىلغان. ئالىملارنىڭ بەزىسى  ۋۇجيېلار دەل ئۇيغۇرلاردۇر  دېسە بەزلىرى ئوغۇزلاردۇر دەيدۇ. يەنە بەزى ئالىملار خەنزۇچە تارىخلاردا بايان قىلىنغان يىۋۇ(伊吾) ياكى يىۋۇلۇ(伊吾虜) دېگەن سۆزمۇ ئۇيغۇر دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دەيدۇ. يەنە بەزى ئالىملار ، دىڭلىڭلەرنىڭ ئىچىدە ”ۋۇجيې“ دېگەن بىر ئۇرۇق بار ئىدى دەپ قاراپ، كېيىنكى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى دەل مۇشۇ ۋۇجيېلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ.

«سۈينامە.تۆلەس تەزكىرىسى» دە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۆلەس قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا(موڭغولىيە تەۋەسىدە) ۋېيخې(韦纥) دەپ ئاتالغان بىر تارمىقى ۋە بوغدا ئەتراپىدا ۋۇخۇ(乌护) دەپ ئاتالغان ئىككىنچى تارمىقىنىڭ ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.ئالىملار ”ۋېيخې“ ۋە ”ۋۇخۇ“ ياكى ”خۇيخې“(回纥)دېگەن سۆزلەر ”ئۇيغۇر“ دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ياكى ”ۋېيخې“ سۆزى ”ئۇيغۇر“ دېگەن سۆزنىڭ،“ۋۇخۇ“ سۆزى ”ئوغۇز“ دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ.

«كونا تاڭنامە.ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە ”ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كېيىنكى ۋېي خانلىقى (شىمالىي ۋېي خانلىقى) دەۋرىدە (مىلادى 386-534-يىللىرى) تۆلەس دەپ ئاتالغان. ئۇلار قامىتى كىچىك، لېكىن ناھايىتى جەسۇر خەلق ئىدى. قاڭق (ھارۋا)ئىشلىتەتتى، كېيىنچە كۆكتۈركلەرگە بېقىنغانىدى“ دەپ يېزىلغان.

«يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە “ ئۇيغۇرلار ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ،ئىگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلىتەتتى.ۋېي خانلىقى دەۋرىدە قاڭقى دەپ ئاتالغان، يەنە سېلې(敇勒) دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، بۇ سۆز تيې لې(铁勒) دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، ئۇلار كۆكتۈركلەرگە بېقىناتتى“  دەپ يېزىلغان.

«كونا بەش دەۋر تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە “ ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ھونلار بىلەن نەسىلداش بولۇپ، ۋېي خانلىقى دەۋرىدە تۆلەس دەپ ئاتالغان.ئۇلار يەنە باشقىچە ئۇيغۇر دەپمۇ ئاتالغان.“ دەپ يېزىلغان.

مىلادىي 2- ئەسىردە ياشىغان يۇنان ئالىمى پىتولمىي «جۇغراپىيە» ناملىق كىتاۋىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بەزى ئۇچۇرلار قالدۇرغان.

«ئوغۇزنامە» داستانىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن رېۋايەتلەر بار.يەنى داستاندا ئوغۇزخاننىڭ ”مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى“ بولدۇم  دېگەن سۆزى بار. ئېنىقكى بۇ قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئىسمى ”ئۇيغۇر“ دەپ ئاتالغان.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ ئۇيغۇر سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت مەزمۇنلار بار.

يۇقۇرىقىلار يازما مەنبەلەردە خاتىرە قالدۇرۇلغانغا ئاساسەن ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان قىياسلاردۇر.لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، تارىخ تەرتىۋى بىلەن ھېسابلىغاندا ئوغۇز قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى، ئەمدى مەيلى شۇ چاغدا ئوغۇز ياكى ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان بولسۇن شۇ خەلق يەنە تارىختىكى دىڭلىڭ ۋە ھونلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھونلار بولسا ئەڭ دەسلەپكى خەنزۇ قەبىلىلەر بىلەن زامانداش بولغان دى(تۈرك بولۇشى مۇمكىن) قەبىلىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان، دىڭلىڭلەر بولسا شۇ دى لارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى دەپ قارىلىدۇ.

دېمەك، يازما خاتىرىلەرگە ئاساسەن ”ئۇيغۇر“ دېگەن ئىسىم پەيدا بولغان ۋاقىت تەخمىنەن  مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەرگە  توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كېيىن دى(خەنزۇچە قويۇلغان ئىسىم، بىر قىسىم ئالىملار تۈركىي قوۋملارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاتىلىشى شۇ دەپ قارايدۇ)، دىڭلىڭ، ھون،تۆلەس،قاڭقى،ئوغۇز دەپ ئاتالغان.

(داۋامى بار)

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif