
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تېخى ئانچە نامى يوق «ئىراق ۋە ئېفرات ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى 10-چېسلا ئىراقتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر موسۇلغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، 11-چېسلا سابىق زۇڭتۇڭ سادامنىڭ يۇرتى، ئېستىراتىگىيىلىك مۇھىم جاي تىكرىتنى ئالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىدىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا قىستاپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئاتالمىش «غازات» تەشكىلاتى تاشقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بىر سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشقۇن قوراللىق كۈچلىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسمى ھەرگىزمۇ خالىغانچە قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، ئۇ ئىراق ۋە ئېفرات ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇتوپىيە (ھۆكۈمەتسىز، باشقۇرغۇچىسى يوق، ئەركىن دېگەن مەنىدىكى سىياسىي ئاتالغۇ) خاراكتېرى كۈچلۈك، ئۇلار بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى، بۇنداق بولغاندا، كىشىلەر ئەركىن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيىسىنى، ئىسلام دىنىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئېنىقكى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ھازىر بار بولغان بارلىق سىياسىي تۈزۈلمىلەر ياكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە ياكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كېلىش، ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بولسا بىرلىكتە بىر غايىۋى دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، بۇ تەشكىلات باشقۇرۇش جەھەتتە، بويسۇندۇرۇشنى قوغلاشمايدۇ، ھازىر مەۋجۇت بولغان ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئەمەس، ئۇلار بولسا بىر دۆلەت قۇرماقچى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق بۇ دۆلەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىنى، مالىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى، ھەمدە بۇ تەرەققىياتقا باشلامچىلىق قىلغان بۇ ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى.
نۆۋەتتە، بۇ تەشكىلات ئىراقنىڭ كىركۇك ئۆلكىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا تەقلىدىي ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ئاللىقاچان سۈرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەڭ رايوننى كونترول قىلغان، ئۇلارنىڭ نىشانى بولسا ئىراق ۋە سۈرىيىدە بىر چېگرا ھالقىغان سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاشقۇن قوراللىق كۈچلىرى توپلاشقان بازا-«ئىراق ۋە ئېفرات ئىسلام دۆلىتى» نى قۇرماقچى.




