ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

پۇتىن: ئۇكرائىنا شەرقىي رايوندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى شەرت

ۋاقتى : 2014-06-14  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا

20140614074519603.jpg

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، : رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 13-ئىيۇن ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو بىلەن تېلىفۇنلاشقاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايوندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى بارروسو بىلەن ئۇكرائىنا كىرزىسى، تەبىئىي گاز قەرزى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن باغلىغۇچى كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرغان، پۇتىن ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇكرائىنا شەرقىي رايوندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى زۆرۈرلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىككى تەرەپ رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ياۋروپا ئۈچ تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان باغلىغۇچى كېلىشىم مەسىلىسىگە قارىتا مىنىستىر دەرىجىدە مەسلىھەتلىشىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا قوشۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئوخشاش بىر كۈندە، رۇسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئىككى دانە ئۇكرائىنا برونېۋىكىنىڭ 13-ئىيۇن رۇسىيە چېگرىسىغا قانۇنسىز ھالدا كىرگەنلىكىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن. رۇسىيە دېپلوماتىيە تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇكرائىنانىڭ بۇ خىل قىلمىشى خەلقئارا قانۇن ئۆلچىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا، ئۇكرائىنا بۇخىل ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەك.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا