
1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشتا، بېلەت تاشلاش نۇقتىسى ئەتراپىغا ماشىنا توختىتىش ياكى ماشىنىلارنىڭ يېقىنلىشىشى چەكلەنگەن،خانىم-قىزلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئايال ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان قاھىرە ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرگەن، چىرايىدىن كەسكىنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، قارا كىيىملىك نىقابلىق زەربىدارلار بېلەت تاشلاش نۇقتىسىنىڭ سىرتىدا پوستتا تۇرغان.
1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى بېلەت تاشلاش شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13 دە) باشلىنىدۇ.
ئىلگىرى 400 مىڭغا يېقىن ساقچىلار مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇرسىنى قوللايدىغان قورللىقلارنىڭ بېلەت تاشلاش نۇقتىسى ۋە سايلىغۇچىلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

1-ئاينىڭ 14-ۋە 15-كۈنى مىسىرنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدۇ، مەملىكەت بويىچە سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە پۇقرادىن 52 مىليون 740 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، ئايرىم ھالدا 13867 بېلەت تاشلاش مەركىزى ۋە بېلەت تاشلاش نۇقتىسىغا بېرىپ بېلەت تاشلاپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن لاھىيىسىگە قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەزكۇر ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش 3 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش ۋە 3-قېتىملىق ئۆزگەرتىلگەن ئاساسىي قانۇنغا بېلەت تاشلاش بولۇپ، مۇرسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق پۈتۈن خەلق ئاۋازىغا قويۇش ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش مىسىر سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ مۇھىم ھالقىسى دەپ قارالغان ھەمدە بىر قانچە كۈن ئىلگىرى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئارمىيە رەھبىرى سىسى دۇچ كېلىدىغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ.
تەرجىمىدە: ئاينۇر