
سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرا مۇداپىئە ساقچى ئەترىتى باياناتچىسى مۇھەممەد ئەل-ھەمىدىنىڭ دېيىشىچە، بومبا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەل-ئەۋجەنىڭئادەمسىز رايونغا چۈشكەن بولۇپ، ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمىگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى تۈركىينىڭ دېيىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق ۋە كۇۋەيت قاتارلىق ئۈچ دۆلەت توپ ئوقىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ ۋەقە سەۋەبلىك ھوشيارلىق دەرىجىسنى يۇقىرى كۆتۈرمىگەن. ئۇ بۇ رايون ئىراق بىلەن كۇۋەيت چېگرىسىغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، بومبا ھەربىي مەشىقتىن كەلگەن بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭغا تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن ھۆكۈم چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىراق سەئۇدى ئەرەبىستانغا زەمبىرەك ئوقى ئاتقانلىقىنى دەرھال ئىنكار قىلغان.