-
چۈشەنمەيسەن - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-06-28
م.ئە.سەبورى
خىيالىي ئالەمنىڭ ئېگىز چوققىسى،
ئالمىدەك يۈرەكنىڭ ئاجىز نالىسى.
ساماۋى شەھەردە كۆرۈنگەن قۇياش،
ئىزدىمە ھاياتلىق گېنىدىن مېنى. -
خىيال تونىلى3 (خائىن خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-24
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنخائىن خىيال
قارچۇغۇڭدا چاقنىغان نۇردىن،
سېزىۋالدىم ئازاب ھېدىنى.
تىنىقىڭدا قارا رەڭ نەپەس،
چۈشەندۈرمە كۆڭۈل سىرىڭنى. -
خىيال تونىلى2 (سۈرگۈن خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-18
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنسۈرگۈن خىيال
قىزىل، يېشىل چىراغ بەلگىسى،
باشقۇرالماس خىياللىرىمنى.
خىياللارنىڭ دوقمۇشلىرىدا،
ئۇچىراتتىم ئەبجەش تۇيغۇنى.خىياللىرىم ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
ئەمەستەكلا كۈلمە ھاياسىز؛
يېشىل نۇرنى چاچقان قۇياشتەك.
... ... -
خىيال تونىلى1 (ئۈمىدسىز خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-12
خىيال تونىلى
م.ئە.سەبورى
ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
–ئابدۇقادىر جالالىدىنئۈمىدسىز خىيال
يۈرۈكۈمدە ئەندىشە گۇمان،
يېتەلمەيمەن ئۇنىڭ تەكتىگە.
خىيالىمدا قاپقارا تۇمان،
چىقىپ قالدىم ئازاب تەختىگە -
ۋاقىتقا نالە - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-07
م.ئە.سەبورى
شىۋىرلايسەن ئۇيغۇدا ياتسام،
ئۆيۈمگە بىر كېلىپ كەت دېدىڭ.
ئىشىكىڭنى بىر ھازا قاقسام،
چىقىپ مېنى راسا تىللىدىڭ. -
يىغلىۋالسام دەيمەن قانغۇچە - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-05
م.ئە.سەبورى
مەن ئازابلانغان شۇ كېچە ،
سەنلا ھەمراھ مىسكىن روھىمغا .
سۆيگۈمنىڭ يىرتىلغان ۋارىقى ،
يۇغۇرۇلغان پىنھان تۇيغۇمغا . -
تارىخ - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-05
م.ئە.سەبورى
ئۆتمۈش ئۈچۈن يازىمەن شېئىر،
يالغان تارىخ قىلما خىيانەت.
بەخىت يولىدا كۈتىمەن پىكىر،
مەڭگۈ ھەمراھ بولغىن دىيانەت. -
«رەنجىمە (بۇ ناخشىغا ئامراق بولۇپ قالدىم)» - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-03
ئادەمنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى ئۇچرىشىشىدىلا ئامراق بولۇپ قالىدىغان ۋە قايتا– قايتىلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسىمۇ زېرىكمەيدىغان نەرسىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. ئىلگىرىمۇ بۇنداق نەرسىلەر ۋە ئادەملەر بولغان ،لېكىن ئۇ چاغدا بلوگ يازمىغاچقا ئايرىم خاتىرلەپ قويۇشنى ئويلىمىغان، بۈگۈن نىمىشقىكىن سەلكىندىكى تور تۇرالارنى ئارىلاۋىتىپ «رەنجىمە» ناملىق بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەم قايتا– قايتا ياندۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتىم. ناخشا تېكىستى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكىدىكى سېھرى كۈچ ۋە ناخشىنى ئورۇنلاش سەنئىتى ماڭا ئۇزاق مەزگىل يوقىتىپ قويۇپ ئىزدەپ تېپىۋالغان تونۇش بىر نەرسەمنى قايتا ئۇچراتقاندەك تۇيغۇغا ئەكېلىپ قويدى.
-
مەن گۇناھكار - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-03-03
م.ئە.سەبورى
مەن گۇناھكار بىر ئىنسان ،
ئىپلاسلىقىم ئۆزۈمگە ئايان،
بەخىتنى ئىزدىمەك بولۇپ ،
يوللىرىم داۋامدۇر قايانغېرىپسىنغان گۇناھكار روھىم ،
قاغجىرىغان ئاجىزە غورۇر .
ئەرنىڭ ئەمەس شەيتاننىڭ ،
سەسكىن پۇراقلىرىغا ،
شۇنچە ئەسىر . . .
سەپسالمىدىم بىر قۇر. -
رىئاللىق ۋە خىيال - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]
2009-02-28
م.ئە.سەبورى
رىئاللىقتىن قاچقىنىم ئەمەس،
خىيالىمدا مۇڭلۇق دۇنيا بار.
ئەقىدەمدىن چاقنىغان نۇرنى،
ئېلىپ قاچتى ئاشىق گۈلنىگار.