• ئۇيغۇر تىلى ئەلۋىدا Uyghur Bye

    مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا.
    تىل ــــــ بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ.
    بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر.
    بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك يوقۇتىشنىڭ ئاساسىمۇ، ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى بولغان يېزىقىنى يوقۇتۇشتا.

    مۇشۇ يېقىندىن بېرى، يېزىقىمىز توغرىسىدا غەيرى ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنى بىر بوۋاينىڭ كۆز يېشى ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلماقچىمەن:

    بوۋاينىڭ كۆز يېشى
    ــــ بالام!  ماۋۇ كوچىباشقارما تەۋەسىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ تەرەپكە يۆتكەپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم، ھېچ تاپالمىدىميا!
    ــــ تاغا! مانا ئالدىلىرىدا تۇرمامدۇ ساقچىخانا.
    ــــ ۋاي!!! بالام ئەيىپكە بۇيرىمىسىلا، خەت تونۇغاندىكىن ساقچىخانىنى دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويغان تاختىيىغا قاراپ تاپالايمەن دەپ ھېچكىمدىنمۇ سورىمىغانتىم، مانا ئەمدى ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساقچىخانىنى سوراپ سېلىنى ئاۋارە قىپتىمەن، خاپا بولمىسىلا جۇما بالام! بوۋاي ساقچىخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا سىنجىلاپ قاراپ قويۇپ، خۇرسۇنغان ھالدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، بىر خىل خىجىلچىلىق ئىچىدە مەندىن ئەپۇ سوراپ كەتتى.

  • خەلقئارالىق ئانا تىل خاتىرە كۈنى

     قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت  مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.

  • دۇتتار شاھى، تالانتلىق ناخشىچىمىز ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئاناتىل» ناملىق ناخشىنى كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە دوستلارنىڭ چۈشۈرىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئادرېسمۇ قوشۇپ يوللاندى، تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرىۋالغايسىز!

     ئاناتىل
    قۇتلۇق ھاجى شەۋقى

    ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر،
    ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كىلۇر.


    بۇ ئانا تىل بولساگەر ئامرىكايۇ ئافرىقىدا-،
    سەرپ ئىتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كىلۇر.

    ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
    سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كىلۇر.