ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىن ئىسلاھاتنىڭ يېڭى يۆنىلىشىگە نەزەر

پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىن ئىسلاھاتنىڭ يېڭى يۆنىلىشىگە نەزەر

2012-11-26 1:36     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم نۇقتىلىق ساھە ۋە ....

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دوكلاتتا ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

     مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى: رەھبەر سانى ئازايتىلىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ

     «73 مىڭ 188 نوپۇسى بار بىر ناھىيەدە، بىر ھاكىم، 16 مۇئاۋىن ھاكىم بار›› دېگەن خەۋەر توردا تارقىتىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ناھىيەنىڭ بىر ھاكىم، توققۇز مۇئاۋىن ھاكىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسەتتە بەلگىلەنگەن رەھبەرلىك كۆرسەتكۈچى دائىرىسىدە سەپلەنگەنلىكى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا ئاياغلاشمىدى.

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش›› شەرھلەنگەندە، ئاپپارات ئىشتاتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، رەھبەر سانىنى ئازايتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى. 18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرى شۈندې رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لياڭ ۋېيدۇڭ: رەھبەر سانىنى ئازايتقاندا مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماي، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ، ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتكە ئۆزگەرتىشنىڭ ئەمەلىي تەلىپى، دەپ قارىدى.

     نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى: يېزىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

     دۆلەت نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇلتۇر ئېلىمىزدە كۆچمە ئاھالە ئومۇمىي سانى 230 مىليونغا يېقىنلاشقان. كۆچمە ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولۇپ، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يېڭى بىر ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر ئەمگەك يېشىدىكى كۆچمە ئاھالىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ھەقىقىي شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش ئېلىمىزنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئېھتىياجى.

     18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دېھقان ئىشلەمچى خۇڭ گاڭ: «سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى يەرلىكلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتتىكى ھوقۇق- مەنپەئەت باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بۇلار نوپۇس تۈزۈمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك›› دېدى.  ئۇ: ‹‹دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئۈمىدكە ئىگە قىلدى›› دېدى.

     يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى: يېرى سېتىۋېلىنغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى تېخىمۇ قوغدىلىدۇ

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەر سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەر قىممىتى ئېشىش ئۈنۈمىدىكى تەقسىمات نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يەر سېتىۋېلىشتا دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. 18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنجى ناھىيەسىدىكى دېھقان سۇڭ چاڭمېي: يەر دېھقانلارنىڭ جېنى، كىرىم ۋە بايلىقىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، دوكلاتتا ئېيتىلغان بۇ تەدبىرلەر يېرى سېتىۋېلىنغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ، تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، قالايمىقان سېتىۋېلىش مەسىلىسىنىمۇ توسايدۇ، دېدى.

     خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات: جامائەت مۇلازىمىتى ‹‹تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بولۇش››قا يۈزلىنىدۇ

     پارتىيە 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹ئادىل›› دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش›› دېگەن ماددىدا مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ دەسلەپكى تەقسىمات ۋە قايتا تەقسىماتتا ئۈنۈمگە ۋە ئادىللىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قايتا تەقسىماتتا ئادىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ ئادىللىقنى كۈچەيتىش، يۆتكىلىشچانلىققا ماسلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش… دېگەنلەر تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

     «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئادىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ›› دېدى 18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شاڭخەي شەھىرى سۇڭجياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى شېڭ يافېي، ئۇ: دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت بۇ سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلار ئومۇم خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ باراۋەر نەپ يەتكۈزىدۇ،دېدى.

     ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھات: بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

     ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى، بايلىق چەكلىمىسى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەسىلە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەخسۇس باب قىلىنىپ، بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلار باھاسى ۋە باج – ھەق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازاردىكى تەمىنات – تەلەپ، بايلىق ئۆكسۈكچىلىك دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئېكولوگىيە قىممىتى ۋە ئەۋلادلار ئارا تولۇقلىما گەۋدىلەندۈرۈلگەن بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىش ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     18- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، قوشۇمچە داچىڭ نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رەن شىنچۈەن: باھا ئۈنۈملۈك تەڭشەش پىشاڭى، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىدىن ئەرزان، ھەتتا ھەقسىز پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى ئۆرگەرتىپ، بۇلغىغۇچىلارغا بۇلغىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالدۇرغاندىلا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دېدى.

     كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى: ياۋاشلارنىڭ زىيان تارتىشىغا، پۇرسەتپەسلەرنىڭ پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ

     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشتىكى رىقابەت ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىشكە بولغان ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ياۋاشلارنىڭ زىيان تارتىشى، پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ پايدا ئېلىشىغا يول قويماسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     كەسىپكە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش – قىلالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى كادىرلاردا. ‹‹ياۋاشلارنىڭ زىيان تارتىشى، پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ پايدا ئېلىشىغا يول قويمىغاندىلا، ئىستىلنى، كەيپىياتنى توغرىلىغىلى بولىدۇ، بۇ پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى ۋە تۇتقىسى›› دېدى 18 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈلىن. ئۇ: ئاچقۇچ ئادەم تاللاشتا ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، دېموكراتىك، ئاشكارا، رىقابەتلىك بولغاندىلا، ياخشىلارنى تاللاش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ، دېدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter