ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تۇران تېكىننىڭ ئويتاغ ساياھىتى

تۇران تېكىننىڭ ئويتاغ ساياھىتى

2012-07-21 11:29     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      ئويتاغ – قىزىلسىۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە بۇلۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تارىخى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەم گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن تونۇلۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللارد....

     ئويتاغ – قىزىلسىۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە بۇلۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تارىخى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەم گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن تونۇلۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئويتاغدا ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئويتاغ بازىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى داڭلىق سەيلىگاھقا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلىك ئويتاغلىقلارنىڭ قوشۇمچە كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان.

     مەن بالىلىرىم بىلەن 7- ئاينىڭ 15- كۈنى داۋا كۆلدىكى ساياھىتىمنى تۈگۈتۈپ، كەچتە قەشقەر شەھرىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئەتىسى (16- چىسلا) ئەتتىگەندە ئوبدان غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن ئويتاغقا قاراپ يول ئالدۇق. قەشقەر كونا شەھەر (توققۇزاق) گە كىرگەندىن كېيىن، ئاز – پاز ئۇسسۇزلۇق ۋە يىمەكلىك تەييارلىۋېلىپ يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق. قەشقەر شەھرىدىن ئالاھەزەل 120 كىلومىتىر يول يۈرگەندىن كىيىن، ئويتاغقا يىتىپ كەلدۇق. قەشقەردىن قونجىراپقا قاراپ ماڭىدىغان دۆلەت تاش يولىدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ 10 كىلومىتىر ماڭغاندا ئويتاغ بازىرىغا يىتىپ باردۇق. ئويتاغ بازىرىدىن يەنە شۇنچىلىك ماڭغاندا ئويتاغ ساياھەت نۇقتىسىغا يىتىپ باردۇق. بىز بۇرۇنراق كەلگەچكىمىكىن ئادەملەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.

     بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ بولغۇچە شۇ يەرلىك كىشىلەر موتىسكىلىتلىرىنى ھەيدەپ قېشىمىزغا كىلىپ، تاغقا ئېچىقىپ قويىدىغانلىقىنى، ھەر بىر ئادەمنىڭ 10 يۇەندىن تاپشۇردىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ساياھەت قىلغىلى، ئارام ئالغىلى كەلگەن بولغاچقا تاغقا ئۆزىمىزنىڭ چىقىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، پىيادە يۈرۈشكە باشلىدۇق. ئاشۇ جايدىن بىر سائەت پىيادە يول يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى مۇز تاغ دېگەن ئاخىرقى نۇقتىغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ بىر سائەتلىك مۇساپىدە ھەم ھاردۇق، ھەم گۈزەل تاغ مەنزىرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق.

     مۇز تاغقىمۇ يىتىپ كەلدۇق، تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. بىر تەرىپىمىزدە مۇز تاغ، بىر تەرىپىمىزدە بۈك – باراقسان يىشىلزارلىق، ئەمما قوياش ئوخشاشلا نۇر چېچىپ تۇرماقتا. بۇ جايدا بىر سائەتكە يېقىن ئارام ئالغاچ مەنزىرە كۆرۈپ ئولتۇردۇق. بىز ئاخىرىدا مۇز تاغقا چىقىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدۇق. بۇ جايدىكى مەسئۇل يەرلىك كىشى بىزنى بەك يىراققا كەتمەسلىكنى، قېلىنراق كىيىنىۋېلىشىمىزنى تاپىلىدى. باشقا كىشىلەرمۇ بىز بىلەن بىرگە بېرىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. مۇز تاغقا پۇتىمىزنى قويۇپ 20 قەدەم ماڭا – ماڭمايلا ھاۋا ئۆزگىرىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەشكە باشلىدى. ھايال ئۆتمەيلا سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. دەرھال ئارقىمىزغا ياندۇق.

      ھەيرانمەن، مۇز تاغ تەرەپتە ئۇششاق مۆلدۈر ئارلاش قار يېغىۋاتىدۇ، پەس تەرەپتە يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. كۈزىتىش سۇپىسىدا تۇرۇپ ئىككى قولىمىزنى ئىككى يانغا سوزساق، بىر قولىمىزغا قار، بىر قولىمىزغا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. ھاۋا بارغانچە تۇمانلىنىشقا باشلىدى. بىز پىلاننى ئۆزگەرتىپ دەرھال قايتىش قارارىغا كەلدۇق. يەنە تاغدىن پىيادە مېڭىپ چۈشتۇق. بۇ چاققىچە ئادەم ۋە ماشىنىلارمۇ كۆپىيىپ كىتىپتۇ. كۆپىنچىسى پەستە ھاۋانىڭ ياخشىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.

     خۇلاسە: شۇنداق قىلىپ، ئويتاغدا ئىزىمىزنى، قەلبىمىزدە تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى قالدۇرۇپ، مەمنۇن ھالدا قايتىشتۇق.

 

ئويتاغ مەنزىرلىرى

 

 

 

ئويتاغنىڭ بۇلۇتلۇق ھاۋا رايى

 

ئويتاغدىكى مۇز ئۆڭكۈر

 

مۇز تاغدىن چۈشۈۋاتقان مۇز سەل (سۇ)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter