پۇل دىگەن نىمە؟
پۇل – سىزغۇچ. مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تاختىسىدا ئۇنىڭ بىلەن تۆھپىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئۆلچىنىدۇ. سوتخانىدا ئۇنىڭ بىلەن جىنايەتنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى بەلگۈلىنىدۇ.
پۇل – ھاياتتىكى بايلىق . ئەممە ھاياتتىكى بىردىن بىر بايلىق پۇل ئەمەس . پۇلى يۇقلارنىڭ ھەممىسىنى كەمبىغەل دىيىشكە بولمايدۇ .
پۇل – گەندە ، قىغ . ئۇنى يىغىپ قۇيغاندا سېسىق پۇراق چىقىدۇ . يەرگە قۇيغاندا زىرائەتلەر تازا ئوخشايدۇ .
پۇل – تاپىدىغان چاغدا ئادەم ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ . خەجلەيدىغان چاغدا ئادەم پۇلنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ . بەزىلەر بىر ئۆمۈر پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلانسىمۇ لىكىن بىرەر قېتىم پۇلنىڭ ھەقىقى خۇجايىنىغا ئايلىنالمايدۇ .
بەزىلەر < پۇل ھەممىگە قادىر . پۇلۇڭ بولسا سەن شەيتاننىمۇ ئۇسۇلغا سالالايسەن > دەپ قارايدۇ . بىراق پۇلى تۈگۈگەندە ئۇلارنىڭ بۇ سوزى < پۇل ئۈچۈن شەيتانغىمۇ ئۇسۇل ئويناپ بېرىمەن > دىگەنگە ئوزگۈرىدۇ .
ئەمىلىيەتتە پۇل – ھەممىگە قادىر دىگۈلى بولمايدۇ . پۇلغا ئۈنچە مەرۋايىت سېتىۋالغۇلى بولىدۇ ، ئىشتىھانى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . پۇلغا قۇۋەت دورىلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ ، ساغلاملىقنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . پۇلغا كۈلكە سېىتىۋالغىلى بولىدۇ ، ھېسىياتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . پۇلغا ئوي سېتىۋالغىلى بولىدۇ ، لېكىن بەخىتلىك ئائىلە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ !
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ﺑﻪﻙ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﯟﯦﻠﯩﯔ
- ئېشەك ئوغرىسى(ھېكايە)
- ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرى ئېچىلدى
- ئۇيغۇر بادام دوپپا تارىخى
- شىنجاڭ كوماندىسى يەنە غەلىبە قىلدى
- ئابلىز ھەسەن لىكسىيە 1-قىسىم(تەۋسىيە)
- چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر
- 6نەپەر شەرقىي تۈركىستان تىرورچىسى ئېلان قىلىندى
- يۈرىكىڭىزدە چاتاق بولسا تۇز سۈيى ئىچىپ بېرىڭ
- QQ رىڭىزنىڭ باھاسىنى بىلىپ بېقىڭ
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلۇق يازما بوپتۇ ، ياخشى يازمىلانى ئۈزلدۇرمىگەيسىز بۇرادەر….پىقىرمۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن بلوگدىن بىرنى قۇردۇم، ۋاختىڭىز يەتسە بىرىپ مىھمانلاپ كىتەرسىز