ئوڭۇشسىزلىقتىن مۇۋەپپەقىيەت يولىنى ئىزدەڭ
تۇرمۇشتا بەزىلەر كىچىككىنە زىيان تارتسا ، بېرەر كىلىشمەسلىككە دۇچار بولسا ، خىزمەتتە بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ،بىرەر سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قۇيۇپ تەنقىدكە يولۇقسا ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالمىغاندەك روھى ۋە پىسخىك جەھەتتە ئاسانلا چاندۇرۇپ ، بېسىمغا تاقابىل تۇرالمايدۇ .ھەم خۇدىنى يوقتىدۇ . بىزدە <<يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر >> دەيدىغان گەپ بار .سەۋەنلىك سادىر قىلمايدىغانلار يوق دىيەرلىك ، ئەمما شۇ سەۋەنلىكنى ئېتراپ قىلىش ۋە تۈزىتىش ئاقىلانلىكتۇر .
تۇرمۇش خۇددى ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ . ئاق قەغەزگە سۈپەتلىك ھەم چىرايلىق خەتلەرنى ، جۇلالىق رەسىملەرنى ، سەرخىل نەقىشلەرنى سىزغىلى بولغىنغا ئوخشاش ، تۇرمۇش قەدىمنى پۇختا باسقاندىلا تۇرمۇشتىن ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . كىشلىك تۇرمۇشتىكى بەخىت ئىنسان قەلبىنىڭ قانائەت تېپىشىدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەر بىر ئىنسان پۈتۈن ھاياتىدا تۇرمۇشتىن ، خىزمىتىدىن ، كەسپىدىن ئاسانلىقچە رازى بولمايدۇ ھەم قانائەتمۇ ھاسىل قىلمايدۇ . ماددىي ھەم مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالدىرايدۇ ھەم تىرشىدۇ ، شۇ تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلەيدۇ . پەزىلەتلىك ، مەسئۇليەتچان كىشلەر بولسا ئۆزگىنمۇ ئويلاش ئارقىلىق باشقىلارغا قولدىن كېلىشچە ياردەم قىلىدۇ ، قوللايدۇ ، مەدەت ھەم ئىلھام بېرىپ يېتەكلەيدۇ .ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ھەمدەمدە بولىدۇ .
كىشلىك تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ، نەتىجە بىلەن مەغلۇبىيەت خۇددى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ، كېچە كۈندۈزدەك ھەمنەپەس . مەسئۇليەتچان ، پەزىلەتلىك كىشى ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ، يېتەرسىزلىكنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىپلا قالماستىن <<يىقىلغان >>ئورنىدىن تۈرۇپ ، تەجرىبە -ساۋاقنى يەكۈنلەپ ئوڭۇشسىزلىقنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ .
تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىغانلار ئاسانلا مەيۈسلىنىپ كېتىپ ئوڭۇشسىزلىقتىن ساقلىنالمايدىغان ئوڭۇشسىزلىققا كۆپ ئۇچرىغۇچىلار تۇرمۇش تەجرىبىسنى تېز يەكۈنلەپ ، ئۆزىنى ئوڭشاپ كېتەلەيدىغان ئەھۋال دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ .مەيلى تۇرمۇشنىڭ قايسى قاتلاملىرىدا بولايلى ، چۇقۇمكى ئوڭۇشسىزلىقنى مۇۋەپپەقىيەتكە .ئايلاندۇرالايدىغان جۈرئەت ھەم شىجائەت بولۇشى كېرەك .
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- پۇت تىرنىقىنىڭ گۆشكە ئۆسۈپ كىرىپ كېتىشى ھەققىدە
- ھەقسىزئۇسلۇب-lovnvns2.0
- ئوباما: قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش نادانلىقتۇر
- دېھقان رەسساملار رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى
- توردا پۇل تېپىشنىڭ ئىشەنچىلىك يولىلىرى
- پۇتبۇل چۈشى
- دوختۇرخانا باشلىقى ۋە كومپىيۇتېر رېمونتچىسى
- پۇل تاپ، ھالال تاپ!
- كانادادا ھەر يىلى 50 مىڭ بالا يوقاپ كېتىدىكەن
- داڭدار ماھىر كاكا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىدۇ









.gif)
.gif)
.gif)
.gif)
.gif)
.gif)
.gif)
.gif)

.gif)
.gif)
.gif)
.gif)
.gif)
.gif)



.gif)


ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك يازما بوپتۇ
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت،يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز