تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقىدىن بالىسىنىڭ2پۇتىنى كىسىۋەتكەن ئانا
ياش ئانا تۇرمۇشىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىدىن بالىسىنىڭ ئىككى پۇتىنى كىسىۋەتكەن
بالا ئەمدىلا 4 ئايلىق بولغان، ئېغىر يارلانغانلىق سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
ئەلگە نەپ تورى تومۇز 28-كۈنى خەۋىرى: تۇرمۇش ئوڭۇشسىزلىقلىرى كىشىنى ھەر يوللارغا باشلايدىكەن .يېقىندا، خەندەن دامىڭ ناھىيىسىدە بىر ياش ئانا چەيدو بىلەن 4 ئايلىق بالىسىنىڭ ئىككى پۇتىنى ئۈزىۋەتكەن. بالىدىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكىتىن ئۆلۈپ كەتكەن. 8-ئاينىڭ 23- كۈنى، بۇ ئانىنى قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.
غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنىڭ ئىككى پۇتىنى ئۈزۋەتكەن
خەندەن دامىڭ ناھىيىسى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمەتچى خادىمىنىڭ دىيىشىچە، ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا دامىڭ ناھيىسىدىكى لىخۇ بىلەن گۇاڭدۇڭلۇق قىز لى مېڭ توي قىلغان. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى لى مىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنت تۇغقان. بۇ ھەممەيلەنگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن.
8-ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 19 بولغاندا، لىمېىڭ بىلەن لىخۇنىڭ ئاچىسى ئۆيدە بالىغا قاراۋاتقان ئىكەن، لى گۈيخۇا بالىنى ئەركىلىتىۋاتقان ئىدى، لى مېڭ تۇيۇقسىز بالىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ، ئاپىسىنىڭ ھۇجۇرىسىغا كىرپ كەتكەن. كەينىدىنلا بالىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغان.
لى گۈيخۇا ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرگەن، لى مېىڭ بالىنىڭ ئوڭ پۇتىنى چەيدۇ بىلەن كېسىۋاتقان ئىكەن، سول پۇتىنى ئاللىقاچان كېسىپ بولغان. لى گۈيخۇا بالىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان، قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، بالا ئۆلۈپ كەتكەن.
ھەممەيلەن ئالدىراشلىق بىلەن بالا قۇتقۇزۋاتقان ۋاقىتتا، لى مېڭ تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ كەتكەن، كېيىن كەنىتتىكىلەر كۆرۈپ قىلىپ، ئۇنى ياندۇرۇپ كەلگەن. ئاندىن ساقچى تەرەپ ئۇنى تۇتقان.
لى مىڭنىڭ ساقچىلارغا ئېيتىشىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، 22 ياشلىق بۇ قىز ھەر كۈنى بالىنىڭ سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇش، يېرىم كېچىدە تۇرۇپ سۈت بېرىش، ئىمىتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بەك ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى. ئەسلىدىمۇ قىينائاپىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. يەنە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئاپىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ناچار مۇئامىلىدە بولغان ئىكەن. ھە دېسىلا تىللايدىكەن، ۋارقىرايدىكەن. ھەر كۈنى ئۇنى ھېچ يەرگە چىقارغۇزماي، ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇاڭدۇڭلۇقلارنىڭ شىۋىسى بىلەن ئۇلارنىڭ يەرلىك شىۋىسىدە پەرق بولغاچقا، گەپ سۆزدىمۇ بىر يەرگە كېلەلمەيدىكەن، ئەتراپتا ئادەم بەك ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىپ، پات-پات غەزەبلىنىدىغان بولۇپ قالغان.
لى مىڭ جىنايىتىنى تاپشۇرغان، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 19 دا، ئېرىنىڭ ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك كۆيۈنمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، قىينائاپسىمۇ پۇل خەجلەپ بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ قىلىپ كۆڭلىدە بەك يېرىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق ئاچچىقىنى بالىدىن چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن لىگۈيخۇانىڭ قولىدىن بالىنى تارتىپ ئېلىپ، ھوجۇرىغا كىرگەندىن كېيىن، كارۋات بېشىدىكى چەيدونى قولىغا ئېلىپ، بالىنىڭ پۇتىنى كۈچەپ كېسىۋەتكەن…….
8- ئاينىڭ 23- كۈنى لى مېڭنى قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- يۈرىكىڭىزدە چاتاق بولسا تۇز سۈيى ئىچىپ بېرىڭ
- پىكىر بېرىڭ
- ھەقسىز ئۇسلۇب—19.0
- گۇگېل مىكروسوفىت ۋە نوكىيا ئۈستىدىن ئەرز سۇندى
- ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرى ئېچىلدى
- تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بالا 110 غا تېلېفون قىلغان
- ساۋاقدىشىنىڭ قول كومپيۇتېرىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن قىز ئوقۇغۇچى قولغا چۈشتى
- ﺑﯩﻞ . ﮔﺎﻳﺘﯩﺲ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ؟
- خوشخەۋەر
- سودا سانائەت بانكىسى تور بانكىسىدىن پۇل يۇتكەش،قالدۇق تەكشۈرۈش
بۇ دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ، مىھرى-مۇھەببەت يوقالسا ئادەم ھايۋەبچىلىكمۇ بولالمايدۇ . مانا مۇشۇنداق ئۆز بالىسىنى چانايدىغان ، بوۋاق شورپىسى ئىچىدىغان بۇ زاماندا ، ئەڭ ياخشىسى مىھرى-مۇھەببىتىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيلى ……ياخشى يوللاپسىز !
ئىشقىلىپ بۇ خەقتىن ھەممە ئىش چىقىدىكەن، خۇدايىم ھەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرمىسە بىكار جۇما….
نىمىدىگەن رەھمىسىز ئانا بۇ____توۋا