ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا(SSD )سېتىۋالامسىز
كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا(SSD ) ساھەسىگە قەدەم قويىشى بىلەن قاتتىق دىسكا بازىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ پۈت تىرەپ تۇرۇش ئەندىزىسىدىمۇ ئۆزگۈرۈش چوڭ بولىۋاتىدۇ،كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ،بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ئاستا-ئاستا ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا شەك شۈبىھىسزكى كىيىنكى ئەۋلاد ماتېرىيال ساقلاش ۋاستىلىرى ئىچىدە ئاۋانگارتلىق ئورۇنغا چىقىدۇ، ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ئىستېمالچىلارنىڭ قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتى،مۇقۇملىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېھتىياجلىرىنى تامامەن قامداپ كېتەلەيدۇ.ھەم بۇجەھەتتىكى تەرەققى قىلىش بوشلۇقى ئىتايىن چوڭ.ھەرقايسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنى ھەربىر ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى بولسا ، ئالدى بىلەن كىچىك سىغىمدىكى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تەڭشەپ،ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش،بۇ ئارقىلىق كىيىنكى قەدەمدە چوڭ سىغىمدىكى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈرۈش قىلىش بولۇپ،ھازىر مۇشۇ ئەندىزە بويىچە باھاسى 1000يۈئەندىن تۆۋەن بولغان كۆپلىگەن ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكىلار مەيدانغا كەلدى،مەن تۆۋەندە بازاردا سېتىلىشى ياخشى بولىۋاتقان بىرقانچە خىل ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا سېتىۋىلىش ئويى بارلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
1.سەنشىڭ شىركىتىنىڭ SSD 830 تىپىدىكى128GB سىغىملىق ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىسى .
2. ۋېيگاڭ S501 تىپلىق 128GB سىغىملىق ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكنى پۈتۈنلەي سەنشىڭ شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ بازارغا سالغان،ئۆزىنىڭ مۇستەققىل بولغان ARM بىرتەرەپ قىلغۇچ تېخنىكىسى قوللىنىلغان.بۇخىل ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ جىڭ دۇڭ سودا شەھەرچىسىدىكى باھاسى 799 يۈئەن.بۇخىل ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ يوللاش ئېغىزى SATA3.0 ئۆلچەمدە،يەتكۈزۈش سۈرئىتى SATA 6Gbps ،ھەمدە SATA2.5/2.0/1.0 تىپتىكى ئېغىزلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
3.مېيگۇاڭ M4 تىپىدىكى 128GB سىغىملىق ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا
4.خەيداۋ چۈئەن 海盗船) Force )تىپتىكى 128GB سىغىمدىكى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- cرونالدو كۇلۇب مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىردى
- تاماقتىن كىيىن تاماكا چەكمەڭ
- WP8 گە IE10 تور كۆرگۈسى سەپلىنىدىكەن
- رەسىمنى سۆزلىتىش دىتالى
- جىنايەتچى بەيدۇ ئابونتى نومۇرىدىن پۇل ئالغانلىقى ئېنىقلاندى
- كومپىيوتىردا 手机QQ ئېچىش دىتالى
- پۇل دىگەن نىمە؟
- F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رولى(دەرىسلىك)
- ياز پەسلىدە كالا سۈتى ئىچىشكە بولامدۇ-بولمامدۇ؟
- ئۇيغۇر بىلوگداشلار!!!!!!دىققەت..................
bolup qoyamdu nime?