F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رولى(دەرىسلىك)
F1: ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم كېرەك بولسا، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ، F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك ياردەم ھۈججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك ياردەم كېرەك بولسا WinKey+F1 نى باسىمىز.
F2: ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۈججەت تاللانغان ھالەتتە ،F2 نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
F3: مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز، ھۈججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ، ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۈججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.
F4: بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
5F: بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
F6: تېز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرېس ستونىغا يۆتكەپ بېرىدۇ.
F7: بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لېكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىرىڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
F8: كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دېسكا، ئوپتىك دېسكا ياكى قاتتىق دېسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ).
F9: بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق، بىراق Windows Media Player دا تېز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
F10: بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. Shinft+F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكى چىقىدۇ Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقىرىلىتىش رولى بار.
F11: مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
F12: بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق، لېكىن Word تا مەزكۇر ھۈججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- تاماقتىن كىيىن تاماكا چەكمەڭ
- ئاچچىقسۇ ئاياللارنىڭ ياخشى دوستىدۇر
- تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بالا 110 غا تېلېفون قىلغان
- كىتاب ئوقۇش ساغلاملىققا پايدىلىق
- ئانىسىنى ئەممىگەن بالىلار زابوي بولۇپ قالىدۇ
- ئەرلەر نىمىشقا كۆڭۈللۈك ياشايدۇ؟
- ياۋرۇپادا توپ ئويناۋاتقان ئاسىيالىق 10پۇتبول چولپىنى
- نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى ئېغىز تەگكەن پىرامىدا ساڭزا
- داڭدار ماھىر كاكا خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىدۇ
- ھەقسىز ئۇسلۇب—muellim17.0
رەھمەت بىلىۋالدۇق،ئەمدى مەن بۇ تىمىنى بىلوگومغا كۆچۇرۋالاي ھە،يۇزىمنى قىلىن قىلىپ….مەنبەسىنى ئەسكەرتىمەن.
رھمەت يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز،كۈندە مەزمۇنلار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ
[...] قالپىقىنىڭ ھەجىمى % 30 ئاشۇرۇلغان بولۇپ ، پۈتۈنلەي F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە [...]