تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بالا 110 غا تېلېفون قىلغان
8-ئاينىڭ 5-كۈنى 10 ياشلىق توڭ توڭ ئىسىملىك بىر كىچىك ئۆسمۈر 110 غا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
بۇ كىچىك بالا ھەقىقەتەن ئەقىللىق بولۇپ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ساقچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى بىلگەن، لېكىن ساقچىلار بۇ كىچىك دوستنىڭ زادى قانداق ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمەي جىددىي ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان، ئۇلار بارغاندىن كېيىن بۇ كىچىك دوستنىڭ «ماڭا ياردەم قىلىپ تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بېرەمسىلەر» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغىنىدىن تۇرۇپلا قالغان. بۇ ئىشقا ساقچىلار قانداقمۇ ياردەم قىلالىسۇن دەيسىز؟ ساقچىلار ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن تاپشۇرۇقنى ئۆزىنىڭ ئىشلىشى كېرەكلىكى شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى بىلىم ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. توڭ توڭ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساقچىلارغا قاراپ سىلەر قېيىنچىلىق بولسا بىزنى ئىزدەڭلار دېگەن ئىدىڭلارغۇ؟ مۇشۇنداق كىچىك ئىشقىمۇ ياردەم قىلالمامسىلەر؟ دېگەن، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساقچىلار يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان.
بۇ ئىش ھەقىقەتەن تۇلىمۇ قىزىقارلىق بىر ئىش بولغان، توڭ توڭ قىيىنچىلىق بولسا ساقچىنى ئىزدىگەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ توغرا، تەپەككۇر قىلىشىمۇ توغرا بولغان، لېكىن قىيىنچىلىق بولسىلا ساقچىنى ئىزدەش توغرا ئەمەستە، ساقچىلارمۇ ھەممىگە قادىر ئەمەستە، لېكىن بۇ 10 ياشلىق كىچىك بالىنىڭ بۇ قىلىقىغا نېمىمۇ دېگىلى بولسۇن؟ لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىساق توڭ توڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالماي ساقچىغا تېلېفون قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتىمۇ چوڭقۇر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساپا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى دېيىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتتە زادى قانچىلىك يېنىكلىتىلدى؟ تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنى ئارام ئېلىشقا قۇيۇپ بەردۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلار ئارام ئېلىش تۈگۈل بېسىم ئاستىدا تەتىللىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ئىبارەت، توڭ توڭنىڭ 110 غا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغانلىقى بىر كۈلكىلىك ئىش بولسىمۇ لېكىن بۇ ئىشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ھازىرقى مائارىپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىپ كەلگەن روھىي بېسىمى ناھايىتىمۇ ئېغىر بولغان.
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- چەكلەنگەن دورىلارنى ئىستىمال قىلماڭ
- كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قايتا تىرىلىش ھادىسىلىرى
- توردا پۇل تېپىشنىڭ ئىشەنچىلىك يولىلىرى
- رومان، پوۋېست ۋە ھېكايە
- چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر
- مىڭە خاككېرلىرى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟
- ئەر يولدا كېتىۋاتقان ئايالنى بىرگە بولۇشقا قىستاپ ئايال قارشىلىق قىلغاندىن كېيىن28پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن
- توردا «ساختا قورساق» نىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ كەتتى
- سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا
- ئۇيغۇر بادام دوپپا تارىخى
minig mu bir moram egiz , nimix ka disang la egir som kinig dar di , bu ni bilgan bolsam man mu sah qiga til fun kilip somkam ni kotar gili salat tikan man
رۇزى ھىيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
ۋاي توۋا ما بالىنىڭ قىلغان ئىشىنى كۈرۈڭ
ئەلگەنەپ بىلوگىڭلىغا رەسىملەرنى خېلە ككپ قۇيۇۋاپسىلە شۇ رەسىمنلەرنىڭ بىرەرسىنى ماڭا بەرمەپسىلىغا