ئىزدە     

پولونىڭ مەخپىي سىرىنى بىلەمسىز؟

يوللانغان ۋاقتى 2012-10-05 20:11 كۆرۈلۈشى:357 قېتىم

بىزنىڭ ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئىجاد قىلغان،نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىستىمال قىلىنىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس،بەلكى تەمىنى تېتىپلا باققان ھەرقانداق مىللەت -تائىپىنىڭ ئىشتىيىنى ئىچىپ،بارغانسىرى

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: مەدەنىيەت ۋە تارىخ | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

«كۆمەچ» ھەققىدە خوتەندە تارقالغان ئاجايىپ رىۋايەت

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-30 11:33 كۆرۈلۈشى:119 قېتىم


رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كۆپ زامان ئىلگىرى خوتەن دىيارىنىڭ چەت ياقىسىدا بىر بەگلىك ئۆتكەن ئىكەن. بۇ بەگلىكنىڭ

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: مەدەنىيەت ۋە تارىخ | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇرلارنىڭ باققالچىلىق مەدەنيىتى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-04 09:29 كۆرۈلۈشى:102 قېتىم

شىنجاڭ مېۋە-چېۋە ماكانى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مېۋە-چېۋە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى باققال دەپ ئاتايدۇ . باققاللىق كەسپى ھۆل مېۋىچىلىك ، قۇرۇق مېۋىچىلىكتىن دەپ ئىككى خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ھۆل مېۋە باققاللىرى، ئۆرۈك، شاپتۇل، توغاچ، ئەنجۈر، ئالما، ئانار، ئامۇت،نەشپۈت، بېھى، ئالىگرات، ئالۇچا، ئەينۇلا، ئۈزۈم، ئۈجمە، گىلاس قاتارلىق كۆپ خىللىق مېۋە، قوغۇن – تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئېلىپ ساتىدۇ. بۇ خىل مېۋىلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، 5 -ئايدىن 12-ئايغىچە، بەزىلىرى يىل بويى سېتىلىدۇ. باققاللار كۈندىلىك توپ سېتىۋېلىش ياكى باغ كۆتۈرە ئېلىشتەك ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن توپ ئېلىپ پارچە ساتىدۇ.

 باققاللارنىڭ ھۆل مېۋە-چېۋىلەرنى سېتىشىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك مەۋجۇت. ھەر قانداق باققال ۋە مېۋە ساتقاندا، توۋلاپ خېرىدار چاقىرىپ مېۋىنى سۈپەتلەيدىغان ئىدىيوملۇق سۆزلەر بىلەن ساتىدۇ، شۇنداقلا مېۋە دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە پۇل ئالمايمەن، بىر تال يەپ باقسىلا دەپ يېگۈزۈپ تەمىنى تېتىتىپ ساتىدۇ.

قۇرۇق مېۋە باققاللىرى قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى توپ ئېلىپ پارچە ياكى توپ ساتىدۇ. بۇ مېۋىلەر قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، جىگدە، ياڭاق، پىستە، بادام، قاق، چىلان، قارىئۆرۈك قاتارلىق خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇلار يەنە قوشۇمچە قەنت، ناۋات، پاتازا قاتارلىقلارنىمۇ ساتىدۇ.

قۇرۇق يېمىش ساتىدىغان باققاللار، مېۋىنىڭ سۈپىتىگە ۋە تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش باققاللارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ، باققاللار كەڭ قورساق بولۇپ خېرىدارلار بىلەن بىھۇدە باھا تالاشمايدۇ. ھۆل مېۋە ساتىدىغان باققاللاردا جىڭلاپ سېتىش ئادىتى بولمىغان. بازار ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مېۋە سودىسىدا جىڭ ئىشلىتىشتەك ئۆلچەملىك سودا ئادىتى ئومۇملاشماقتا.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: مەدەنىيەت ۋە تارىخ | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-02 12:00 كۆرۈلۈشى:217 قېتىم

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان.
XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلاد 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان. ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئۇمۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان.
XIX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.
ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ① زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە «ئىسلامى مەدرسى»- مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.
ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى «ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇرۇن» قىلىپ بىكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ- كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى.
ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي- مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكىسكۇرىسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى.
قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە.

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى.

ھېيتگاھ جامەسى، شىنجاڭ بويىچە، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ھەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم- مەرىپەت، ھۈنەر- سەنئەت ماكانى بۇلۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى- 140 مېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 120 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر مەيدانى، 25.22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە : دەرۋازا، ھويلا، مەسچىت، مەدرىس، ھۇجرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار، دەرۋازا، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ.
جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4.30 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېھراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تامغا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېھراب، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار.
دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز، ھەيۋەتلىك، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنارلار شەھەرگە كۆركەم، ھەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ. بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بۇلۇپ، مەزۇن، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستلىك ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان. ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېھراب شەكىللىك ئىشىكى بار.
گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.5 مېتىر، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 17.5 مېتىر كېلىدۇ.بۇ گۈمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ.دەرۋازىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە يۆلەپ سېلىنغان 46 ئېغىزلىق دۇكان بۇلۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى مەسچىت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى- شەھەرنىڭ ئەڭ قۇيۇق ئېلىم- سېتىم، سودا بولىدىغان بازىرىدۇر.بۇ جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئېگىز ھەم ئازادە بىر پەشتاق ياسالغان، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت كۈنلىرىدە پەشتاقتا ناغرا، سۇناي ئاۋازى ياڭراپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا توپلانغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بايرام خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇن- ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى قۇتلۇقلايدىغان مەيدانى بولغاچ ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت سەينا (ھويلا) سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق، ئىككى كۆل بار. بۇ جامەدە ھەر كۈنى 3- 4 مىڭ كىشى، جۈمە كۈنلىرى 5-10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. ھېيت كۈنلىرىدە 40-50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. جامە ھويلىسى بىلەن كايۋاننى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر، كايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان.
مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا) تاشقىرىقى مەسچىت (پىشايۋان)، كايىۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر، كەڭلىكى 10.5 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.
جامەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېھرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت، كايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ھېسابلىغاندا 2660 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. كايۋان تۇرۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، جامە دەرۋازا، مۇنارلار، پەشتاقلار، گۈمبەز- رىشاتكىلار، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇردۇر.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: مەدەنىيەت ۋە تارىخ | ئىنكاس سانى: 2 | تولۇق ئوقۇش

مىسىرنىڭ قۇللۇقتىن چىققان ئۇيغۇر پادىشاھى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-01 15:25 كۆرۈلۈشى:392 قېتىم

ئەخمەد ئىبنى تولۇن (Ahmad ibn Tulun,835~884 ) __ مىسىر تولۇن ئوغۇللارى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مىلادى 835-يىلى 9-ئايدا باغدادتا تۇغۇلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا فەرغانەلىك تۈرك، ئاتىسى تولۇن ئەسلىدە بۇخارا ۋالىسى ساماننىڭ قۇلى بولۇپ 817-يىلى ئابباسىلار خەلىپىسى مامۇن ( al-Ma’mun ) غا ھەدىيە قىلىنغان. ئىبن تولۇن چوڭ بولغاندىن كېيىن مامۇننىڭ خىزمىتىدە بولغان ۋە كۆرىنەرلىك خىزمەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئامراقلىغىغا ئېرىشكەن، ئوردىدا دىنىي ۋە مەدىنىيەت تەربىيەسى كۆرگەن. خەلىپە مۇستائىن ھۆكۈمرانلىغى زامانىسىدا ئوردا نەۋكەرلىرىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىدە بولغان، تارسۇس شەھرىدە ۋەزىپىدە ئولتاغاندا مەخسۇس ئىسلام دىنىي كىتاپلىرىنى ئۈگەنگەن. ئۇ مىلادى868-يىلى مىسىرغا ، مىسىر ۋالىسى بايىكبېكنىڭ ياردەمچىلىگىگە ئەۋەتىلىپ، ۋالىلىق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ خەلىپە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن باج ئەمەلدارى قولىدىن پۈتۈن مىسىرنىڭ مالىيە- باج ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ، يىللىق باجنىڭ پەقەت ئازغىنە قىسمىنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن مىسىر مۇستەققىل بولىدۇ.

-ئۇ 100مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللىگەن، تۈرك قۇللىرى ۋە نېگىر قۇللاردىن تەشكىللەنگەن ئىنتايىن ئىنتىزامچان ئوردا قوغدىغۇچى نەۋكەرلەر قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، ھاكىمىيەتنىڭ تۈۋرۈگى قىلغان. ئۇ ئارمىيەگە ، يەرلىك ئەمەلدارلارغا ۋە پۇقرالارغا ئۆزىگە سادىق بولۇشقا قەسەم قىلىشنى بۇيرىغان، كېيىن خەلىپە مىسىردىكى كونتىروللىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ ، باجنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرىغان، لېكىن ئەخمەت ئىبنى تولۇن بۇ بۇيرۇققا بويسۇنمايدۇ، 877-يىلى سۇرىيە ۋالىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ۋە خەلىپىنىڭ بەسرەدىكى نېگىر قۇللار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا تۇتۇنغانلىق پۇرسىتىنى تۇتۇپ ، ئەسكەر چىقىرىپ سۇرىيەنى قوشىۋالىدۇ، ئۇ تەختتە 16يىل(868~884) ئولتۇرىدۇ، ھۆكۈمرانلىق داۋامىدا كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ؛ ئىقتىساتنى گۈللەندۈرىدۇ، نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ سۇ ئەسلىھەلىرىنى ياسىتىپ سۇغۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ؛ قول-سانائەت ئىگىلىگىنى ۋە سودا ئىگىلىگىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ مالىيەنى رەتكە سېلىپ باجنى يېنىكلىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ بىرقاتار ئىسلاھاتلار تۈرتكىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىر قەدەر تېز راۋاجلىنىپ دۆلەت خەزىنىسى بېيىيدۇ. دۆلەت مۇداپىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇ دېڭىز ئارمىيە قوشۇنى تەشكىللەپ قۇرۇپ چىقىدۇ شۇنىڭدەك پەلەستىننىڭ ئاقتا ۋە ئىسكەندىرىيە پورتىدا دېڭىز ئارمىيە ھەربىي بازىسى قۇرىدۇ. قاھىرە شەھرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىغا گېتايىر قەلئەسى قۇرۇپ مۇھىم ئىستراتېگىدىيەلىك مۇداپىيە سېستىمىسى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ يەنە قاھىرە كونا شەھرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ، ئوردا، سودا دۇكانلىرى، مېھمانساراي، يوللارنى ياسىتىپ كونا شەھەرنىڭ قىياپىتىنى يېپيېڭىلا قىلىۋېتىدۇ. ئۇ ئىسلام مائارىپى ۋە مەدىنىيىتى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل چىقىرىپ دىنىي مەدرىسلەر، مەسچىتلەر، دوختۇرخانا، كۇتۇپخانىلار ياساتتۇرۇپ قاھىرە ۋە دەمەشقتىكى ئىلىم-پەن ۋە مەدىنىيەتنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ قۇردۇرۇپ چىققان ئىبن تولۇن مەسچىدى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى نادىر قۇرۇلۇشلىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ.
مىلادى 884-يىلى تولۇننىڭ ئوغلى خۇماراۋى(Humareveyh (884–896)) ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئەسكەر چىقىرىپ دەمەشق ۋە شىمالى مېسوپوتامىيە ۋالىسى قوزغىغان توپىلاڭنى باستۇرىدۇ، 886-يىلى خەلىپە مۇرتادمىد خۇماراۋى پادىشد بىلەن سۈلھى تۈزەيدۇ، خۇماراۋىي خەلىپىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە خەلىپە غەزىنىسىگە مەلۇم مىقتاردا سېلىق تاپشۇرىدۇ. خەلىپە ئۇنى مىسىر ۋە سۇرىيەنىڭ ئەمىرى دىگەن نامنى بېرىدۇ. 904-يىلى كارمات مەزھىپى سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىدۇ، دەمەشق ئاھالىسى خەلىپە مۇقتەفىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، خەلىپە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇرىيەنى بېسىۋالىدۇ ۋە پەلەستىن ئارقىلىق مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي فلوت ئەۋەتىپ سىلىتسىيەدىن نىل دەريا دېلتىسىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ، 905-يىلى 1-ئايدا قاھىرە قولدىن كېتىدۇ، گېتايىر قەلئەسى تۈزلىۋېتىلىدۇ. ئىبن تولۇن ئوغۇللارى باغداتقا كېتىدۇ، تولۇن سۇلالىسى يىمىرىلىدۇ.
تولۇن ئوغۇللارى ئەمىراتلىغىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى:
● ئەخمەد ئىبن تولۇن (868–884 )
●خۇماراۋى (884–896)
● ئابۇ ئەل-ئاچىر (896)
●ھارۇن (896–904)
● شابان (904–905)
ئەخمەد ئىبن تولۇننىڭ مىللەت تەۋەلىگى:
ئەرەپ مەنبەلىرىدىن تارىخچى مەقرىزى (Maqrizi) مىسىر تولۇن خاندانلىغىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد بىن تولۇن (Ahmed bin Tulun ) نىڭ ئاتىسى توققۇز ئوغۇز بولۇپ ھىجىرىيەنىڭ 200-يىلى (مىلادىيە 815-816-يىللار) بۇخارا سانانىيلار ھۆكۈمدارى نوھ بىن ئەسەد ئۇنى سوۋغا سۈپىتىدە ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسى مەئمۇنغا سوۋغا قىلدى دەيدۇ. (مىنورسكىينىڭ 1948-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابىنىڭ 287-بېتىدىن ئېلىندى. شىت 1970-يىلى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان « ئەرەپ ئومىمى تارىخى» نىڭ 540-بېتىدە ئىبن ئال خەلدۇننىڭ « دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دىن نەقىل قىلىپ ئۇنى پەرغانىدىن كەلگەن تۈرك دەپ يازىدۇ.)

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: مەدەنىيەت ۋە تارىخ | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى