ئىزدە     

نەنجىڭدىكى 21 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتە iPad «ئېلېكترونلۇق سومكا» قىلىنماقچى

ۋاقتى 2012-09-19 05:14 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

 ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىمىزنى ئەسكە ئالىدىغان بولساق، لىق ماتېرىيال بىلەن تولغان، ئېغىر سومكىمىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىدا ئاز بولغاندىمۇ 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئاللىقاچان ئېلېكترونلۇق دەرسلىكلەرنى كېڭەيتىشنى پىلانلاشقا باشلىغان بولۇپ، يېقىندا نەنجىڭدىكى 21 كىچىك باشلانغۇچ مەكتەپمۇ ئېلېكترونلۇق سومكىنى ئىشلىتىشنى سىناق قىلىشنى باشلىغان: يەنى ئوقۇغۇچىلار يېڭى iPadنى ئوقۇش قورالى سۈپىتىدە مەكتەپكە ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، كۆپ بولغاندا بىر دانە قەلەم ۋە بىر دەپتەرنى قوشۇۋالىدىكەن.
«ھازىرقى زامان تېز خەۋەرلىرى» دە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان، نەنجىڭدىكى جىنلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى ئامېرىكىچە دەرسلىك سىنىپىدىكى 30 نەپەر تولۇق 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئېغىر سومكىلىرى بىلەن خوشلاشقان. شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ھەققى ئىلگىرى تاپشۇرۇلغان ھەقلەرنىڭ ئوندىن بىرىنىلا ئىگەللەيدىكەن. مۇخبىرنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىدىن قارىغاندا، نەنجىڭدىكى 21 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى «ئېلېكترونلۇق سومكا» ئاستا- ئاستا كەك دائىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
ئىلگىرىكى ماتېرىيال سومكىسى:
ئېغىرلىقى: تەخمىنەن 10 جىڭ ئەتراپىدا؛ تاپشۇرۇلىدىغان راسخوت: بىر ئوقۇش يىلىدا ئاز دىگەندىمۇ ئىككى- ئۈچ مىڭ يۈەن؛ ئىشلىتىلىشى:1. ئوقۇتقۇچىنىڭ كونسىپىكىنى كۆپەيتىۋېلىپ داۋاملىق ئېلىپ يۈرىدۇ. 2. تورغا چىقماقچى بولسا، ئۆزى كومپيۇتېر تاپىدۇ.
ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان iPad
ئېغىرلىقى: 700 گرام؛ راسخوتى: 200 يۈەنگە يەتمەيدۇ؛ ئىشلىتىلىشى: 1. ئوقۇتقۇچىنىڭ كونسىپىكىنى قاچىلاشقا بولىدۇ. 2. چەتئەل تور بېكىتىگە چىقىپ، ئېنگىلىز يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدۇ.
  بارلىق ماتېرىياللارنى قاچىلاشقا بولىدۇ
جىنجۇڭ ئامېرىكىچە دەرسلىك سىنىپىدا ئىلگىرى ئىشلىتىلگىنى ئامېرىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىدىكى دەرسلىك ماتېرىيالى بولۇپ، ھەر بىر كىتاب ئىنتايىن قېلىن ئىدى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلۈپ بولغان دەرسلىكنى ئاز-ئازدىن يىرتىۋېلىپ تەكرار قىلاتتى، يەنە بەزىلىرى كىتاب ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالاتتى. ھەر بىر ئوقۇش يىلى كەلگەندە، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېرىيال ھەققى ئاز بولغاندىمۇ ئىككى – ئۈچمىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا توختايتى.
 
بۈگۈنگە كەلگەندە iPadنى ئىشلەتكەندە، ئامېرىكىچە دەرسلىك سىنىپىدىكى بارلىق ئەسلى نۇسخىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىلىقىنى چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولغان، بىر پارچە كىتابنىڭ باھاسى 10 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. ئوقۇش باشلانغاندىن بېرى، ئوقۇغۇچىلار ئېلېكترونلۇق نۇسخىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى چۈشۈرۈشتە، كىشى بېشىغا 200 يۈەندىنمۇ ئاز خىراجەت قىلغان. ئوقۇتقۇچىنىڭ كونسىپىكىمۇ ئېلېكترونلۇق نۇسخىدا بولۇپ، iPad
كە قاچىلىغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇ كونسىپىكنى كۆپەيتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
   ماتېرىيال قويىدىغان ئورۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغانلىقتىن، سىنىپتىكى كۆپ بوشلۇقمۇ تېجىلىپ قالغان، ئوقۇغۇچىلار يۇمىلاق جوزىدا كىچىك گۇرۇپپا يىغىنى شەكلىدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ھەر ئالتە ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ مۇنازىرە يۈرگۈزگەندە سىنىپ كەيپىياتى تېخىمۇ جانلىق كەيپىياتقا تولىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نەنجىڭدىكى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى 21 ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، «ئېلېكترونلۇق كىتاب» سىناق نۇقتىسى قىلىنىش پىلانلانغان، ئەمما ھازىر بۇ پىلان تېخى تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن.
جىنلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپ iPad ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا نورمىدىن سىرت پۇل خەجلەتمىگەن. جۇڭگو- ئامېرىكا تۈرى، تولۇق 3- يىللىق راسخوتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت يەنە ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان دەرسلىك ماتېرىيال ھەققىنىڭ بىر قىسمىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
خۇڭگۇاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە iPad ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان راسخوتنى مەكتەپ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز ئىكەن. بۇ مەكتەپمۇ نەنجىڭدىكى «ئېلېكترونلۇق سومكا» سىناق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.
نەنجىڭ «ئېلېكترونلۇق سومكا» سىناق نۇقتىسى قىلىنغان مەكتەپلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئېلېكترونلۇق سومكا» ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان خاتىرە كومپيۇتېر ياكى تەكشى تاختاي كومپيۇتېرلىرى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار پۇل چىقارمايدىكەن.
ئامېرىكا، كورىيە، ياپونىيە، مالايسىيا، سىنگاپور، تايلاند قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلار ئاللىقاچان ئېلېكترونلۇق دەرسلىكنى كېڭەيتىش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىغان. ئۇنداقتا ئېلېكترونلۇق سومكىنىڭ پۇلىنى كىم چىقىرىدۇ؟ چەتئەللەردىكى مەكتەپلەردە بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىلغان. ئامېرىكا نيۇيوركتىكى سىناق نۇقتىلىرىدا iPad نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 200 دانە iPad سېتىۋېلىشقا ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن 1 مىلىيون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىلغان.

قوللاش دىمەك_تەرەققىيات دىمەكتۇر

كولۇبىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن ئاز-تولا نەپ ئالغان بولسىڭىزئاستىدىكى  ئېلانلارنى  بىر قۇر چىكىپ قويۇڭ!تەكلىپ-پىكىر ۋە ياكى مۇشۇ مەزمۇنغا قارىتا كۆز قارىشڭىزۋە ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ 

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى