ئىزدە     

«ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى»پايتەختىنى ھەيران قالدۇردى

ۋاقتى 2012-07-04 14:10 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

ئەپەندىم رولىدا مۇھەممەدجان روزى سايىت

3-ئىيۇل كەچتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشقان مۇزىكىلىق سېرك درامىسى «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى» ئاسما كۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا ئۆز قىياپىتىنى نامايان قىلدى، ئىدىيىۋىلىك، بەدىئىيلىك ۋە ھۇزۇرلىنىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئويۇن، بېيجىڭدىكى تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى ۋە خۇشال قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە بىر قىسىم پېنسىيىگە چىققان يولداشلار ئويۇن كۆردى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جاپپار ھەبىبۇللا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەمرا بولۇپ ئويۇن كۆردى.
«ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى» 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆۋرۈكىدىكى بىردىنبىر سېرك تۈرىدىكى نومۇر. پۈتۈن درامىدا كەڭ خەلق ئاممىسى بىلىدىغان شىنجاڭ خەلق ئارىسى رىۋايەتلىرىدىكى شەخس نەسىردىن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئېشىكىنىڭ ھېكايىسى ئاساسى لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ سىرىكى، مۇزىكىسى، ئۇسۇلى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، يېڭى ۋە ئالاھىدە بولغان سەنئەت ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە ئېسىل ھېكايە مەزمۇنى ھەقىقىي گۈزەللىك ئاساسى تېمىسىنى نامايان قىلغان. 2009-يىلدىن ھازىرغا قەدەر بۇ مۇزىكىلىق سېرك دراما دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 300 مەيداندىن ئارتۇق ئوينالغان. بۇ قېتىم شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆۋرۈكىگە قاتنىشىپ پايتەختتىكى تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پۇقراسى ۋاڭ جېڭرۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «سېرىك، سېھرىگەرلىك ۋە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ، ھەقىقەتەن يېڭىلىق بار ئىكەن، ئارتىسلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئويۇن بولدى». شۇ كۈنى ئاخشىمى نۇرغۇن تاماشىبىنلار بۇ ئىككەيلەنگە ئوخشاش نۇرغۇن مەدھىيە سۆزلىرىنى قىلدى.
4-ئىيۇل كەچتە، «ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندى» ئاسما كۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا يەنە بىر مەيدان ئوينىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆۋرۈكىدە قويىدىغان ئويۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى