مېسسىنىڭ دۇنيا رىكورتىنى بۇزىدىغانغا يەنە ئىككى توپلا قالدى ! !

بارېسلونا ئەزالىرى مېسسىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى،يەنى مېسسىغا توپ ئۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ مېسسىنى « ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرۈش !
يەنە بىر مەيدان مېسسىغا مەنسۇپ بولغان مۇسابىقە ! ئىككى توپ ئۇرۇش،ئىككى پاس چىقىرىش،ئىككى ۋاستىلىق پاس بېرىش،پۈتۈن دۇنيا خانلىق مادىردتىنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرغان پەيتتە ،بۈگۈن سەھەردە بارېسلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا ۋالىكانو كوماندىسغا 7 توپ ئۇرۇپ خانلىق مادىردتىنىڭ مۇددەتىن ئۈچ ئايلانما بۇرۇن چىمپىيۇن بۇلۇش چۈشىنى ۋاقىتلىق بەربات قىلىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ پەسىل مېھمان مەيداندا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇشتەك نەتىجىنى ياراتتى.مۇشۇ كىرگەن 7 توپنىڭ 6سى مېسسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكار يەنىلا شۇ مېسسى،

ياۋرۇپا ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچتا شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن،ھازىر بارسلونا كوماندا ئەزالىرىنىڭ پەقەت ئىككى نىشانى بار،يەنى بىرسى بولسا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسدا چىمپىيۇن بۇلۇش ،يەنە بىرسى ئۆز قەھىرمانى مېسسىغا توختىماي پاس چىقىرىپ مېسسىگە توپ ئۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقلىق مېسسىنى « ئالتۇن كەش» مۇكاپاتى شەرىپىگە ئېرىشتۈرۈش.بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتقا قەدەم قويغاندا، چىمپىيۇنلۇقتىن خوشلاشقان بارېسلونا ئەزالىرى ئەمدى مېسسىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى..مېسسىنىڭ كىرىستىيان رونالدودىن ئېشىپ چۈشۈپ « ئالتۇن كەش» مۇكاپاتنى ئېلىشى ئەلۋەتتە بۇلارنىڭمۇ ئەڭ چوڭ خوشاللىغى ,,,

بۇ مەيدان مۇسابىقدىن كېيىن ئىسپانىيە بىرلەشمە مەرگەنلەر رەت-تەرتىۋىدە مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ھەر ئىككىلىسى 43 توپ بىلەن ئوخشاشلا بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىۋتىدۇ.مېسسى يەنە 16 پاس بېرىپ خانلىق مادىرد كوماندىسىدىكى مەسۇت ئۆزىل بىلەن بىرگە بۈ تۈردىمۇ بىرىنچى ئۇرۇنغا ئۆتتى.ئۇنىڭدىن باشقا مېسسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ھەر قايسى مۇسابىقە تۈرىدە كىرگۈزگەن ئۇمۇمى توپ سانى 65 گە يەتتى.1972-1973-يىلدىكى گېرمانىيەلىك بومباردىمانچى موللېرنىڭ  بىر پەسىلدە  67  توپ ئۇرۇش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانغا پەقەت ئىككى توپلا قالدى.ھازىر مېسسى ئوينايدىغان يەنە ئۈچ ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە بىر مەيدان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسى قالدى.بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىنى تېخى ئۆز مەيدانىدا ئوينايدۇ.40 يىللىق بۇ رىكورت ئۈچۈن مېسسىغا يەنە ئىككى مەيدان ،يەنى 180 مىنۇت بولسىلا كۇپايە ,,,مېسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەرىپى يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ,,,پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىقىتى يەنە مېسسىغا مەركەزلەشتى,,,



يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ!!.



باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif