خەلق تورىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، شىركەت مەسئۇلى، داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور ئابلىز ئابدۇرېشىت يېقىندا تۈركىيە فانا فىلىم ئىشلەش شىركىتىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹كۇردلار ۋادىسى›› سۈرەتكە ئېلىنغان نەق مەيداننى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان.
ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى 2010-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ‹‹مىليون گۈل›› ناملىق يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەشنى باشلىغان. بۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرى سەرخىل بولۇپ، شىنجاڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىق چولپانلار رول ئالغان، شۇنداقلا، ئۇ ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقى ساھەسىدىكى تۇنجى قېتىم نەق مەيدان ئاۋازى ئىشلىتىلگەن، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ھەر ساھەدىكىلەر ئارىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. گەرچە سىنارېيەلەشتۈرۈش، ۋەقەلىك قاتارلىق جەھەتلەردە قىسمەن يېتەرسىزلىكلەر بولسىمۇ، ئەمما كۆرۈرمەنلەر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خېلىلا ئېتىراپ قىلدى.
ئابلىز ئابدۇرېشىتنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى، ئاساسلىقى، تۈركىيەنىڭ كىنو سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى چۈشىنىپ، ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى مەقسەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا، ئابلىز ئابدۇرېشىت فانا فىلىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، ‹‹كۇردلار ۋادىسى›› نىڭ باش رولچىسى نەجاتى شاشماز (shamis nicat) بىلەن كۆرۈشتى