بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار ! ‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ . ‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ . ‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ . ‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . ‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ . دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛ دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛ ‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن . ‹2› بالىن...
خەتكۈچلەر: ھېكمەتلەر | ئىنكاس: 0 | تەپسىلاتى
كۆز ئۇيقۇغا كەتكەندە، قوڭ بۇخاراغا كېتىپتۇ. ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى. ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن، قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ. ئادەمنىڭ يوقلۇقىدىن، ئۆچكىنىڭ ئىتىنى ئابدۇكېرىم قويۇپتۇ. چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق. ئانامنىڭ ئۆلۈشىنى بىلگەن بولسام، ئىششەك كېپەككە سېتىۋالار ئىدىم. چىققان كۆز ئورنىغا كەلمەس. ئۇيانغا تارتسا ئات ئۆلىدۇ، بۇيانغا تارتسا ھارۋا سۇنىدۇ. مەرتەم – مەرتەم ئۈچ مەرتەم. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمى...
خەتكۈچلەر: ماقال تەمسىللەر | ئىنكاس: 0 | تەپسىلاتى
تورخاندا ئولتۇرۇپ ئاچ قېلىپمۇ يۇرۇپسىز
قۇتلۇق بولسۇن ئەي دوستۇم.
كولۇبقا سىز كىرىپسىز،
تورخاندىن سىز چىقالماي.
ئاچ قېلىپمۇ يۇرۇپسىز،
ھايات دىگەن بىر كىلەر.
ئككىنچىلەپ كەلمەيدۇ،
ئاچقال سىڭىز تورخاندا.
ۋاڭگۇەن تاماق بەمەيدۇ،
تورخاندىن ئولتۇرۇپ .
گىمروي بولۇپ قالمايلى ،
قىزلارنى دەپ بىكادىن.
ساراڭ بولۇپ قالمايلى
خەتكۈچلەر: شېئرىيەت گۈلزارى | ئىنكاس: 0 | تەپسىلاتى
1 . نىكاھدىن ئاجرىشىش
سوتچى بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش ھۆكۈمىنى چىقىرىىپ بولغاندىن كىيىن . بەش ياشلىق ئوغلىدىن سورھپتۇ :
_ سەن قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى خالايسەن ؟
_ كومپڭئوتېر بىلەن تېلۋوزورنى كايسى تەرەپكە بۇيرۇپ بەرگەن بولسىڭىز ،شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى خالايمەن -دەپتۇ ئوغلى.
2 . كۆپ بالىلىق ئائىلە
بىر ئايال ئالتە بالىسىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپتۇ ،بالىلار بولسا شوخلۇق قىلىپ ئەتراپتىكى يولۇچىلارغا زادى ئاراملىق بەرمەپتۇ.ئۇلارنىڭ قىيا-چىياسىغا بەرداشلىق برەلمىگەن بى...
خەتكۈچلەر: يۇمۇر | ئىنكاس: 0 | تەپسىلاتى
جىن خوتۇن(ھېكايە)
ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلاشقان جۈمەر ئاخۇن بۈگۈنمۇ ئېتىزدىن قايتىپ كەلدى.جۈمەر ئاخۇن 50ياشلار چاممىسىدىكى، يۈزلىرىنى يول-يول قورۇقلار قاپلىغان، بىچارە، بويتاق دېھقان ئىدى. ھەممىدىن قورساق ئاچلىقى يامان دەپ، ئۆزىنىڭ چىرايى بىلەن ئوخشاش قارداپ كەتكەن مىس چۆگۈننى ئوچاققا ئېسىپ چاي قاينىتىشقا باشلىدى، چاينى قاينىتىپ بۇلۇپ، يىرتىلىپ تىتما-تىتما بۇلۇپ كەتكەن پوتىسىنى يىشىپ داستىخان قىلىپ سالدى. ئاندىن ساندۇقىنى ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ، شالدەك قېتىپ كەت...
خەتكۈچلەر: ھېكايە | ئىنكاس: 2 پارچە | تەپسىلاتى
ياخشىمۇسەن قەدىرلىكىم. بىز تۇنۇشقان ئاشۇ كۇن ئىسىڭدىمۇ؟ تاساددىبىلا تۇنۇشۇپ قالدۇق. گەرچە ئەتتىگەندە ئويدىن كۇڭلۇم ئىنتايىن غەش ھالدا چىققان بولساممۇ. سەن بىلەن بىرگە ئايلىنىپ.پاراڭلىشىپ يۇرۇپ روھىم خېلىلا كۇتۇرۇلۇپ
قالغانىدى. سەن ماڭا ناھايتى خۇشخۇيلۇق بىلەن. قىزغىن مۇئامىلىدە بولغانىدىڭ!
ئىككىمىز ئايلىنىپ يۇرۇپ ئاخىرى كىيىنچە ئىككىمىزنىڭ دائىم ئۇچرىشىدىغان كونا جايىمىز بوپقالغان ھېلقى ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرۇپ. ئىچ سىرىمىزنى. دەردىمىزنى بىر-بىرىمىزگە تۇكۇشكەن. ئوزىمىزن...
خەتكۈچلەر: | ئىنكاس: 1 پارچە | تەپسىلاتى
پۇل ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئەمەس. ئەمما، پۇل بولمىسىمۇ بولمايدۇ. ھازىر قۇرۇق گەپ بىلەن ھېچ ئىش ئاقمايدۇ. مەيلى نېمىلا ئىش قىلايلى، بەلگىلىك ئىقتىسادىي كاپالەت بولمىسا زادىلا بولمايدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش ئۈچۈنمۇ پۇل كېرەك. لېكىن، پۇل تېپىش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتنى يېڭىشكە، تىنماي مىدىرلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر قېتىم پۇل ھەققىدە ئويلانغىنىمدا، يازغۇچى مۇھەممەد سالىھ مەتروزىنىڭ «مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈن ياش...
خەتكۈچلەر: | ئىنكاس: 0 | تەپسىلاتى
ياخشىلىقنى قىلسام دەيتىم رازىلىقتىن،
بىر كىشىنى خۇش قىلىشنى ئارزۇ بىلىپ.
بۇ ساددىلىق سالدى باشقا ئىغىر كۈلپەت،
مەن ئىشەنگەن يېقىنلىرىم كەتتى تېنىپ.
بار ئويلايتىم يېقىنلىرىم ھەمرا ماڭا،
ئۇلار ماڭا مەن ئۇلارغا جانۇ پىدا.
باشقا چۈشكەن كۈنگە قاراپ دەيتتىم قاچماس،
بىرلا ئەمەس نەچچە قاچتى مەندىن ئۇدا.
سەنەۋەرمۇ دىسە كۆڭۈل ئېغىر ئالما،
تاشلاپ كىتەر يېقىنلىرىڭ سىنى ھامان.
بۇ ناخشىدۇر ئىشەنمىسەم قانداق بولار،
راستلىقىغا قوزغالماقتا مەندە گۇمان.
ئەمەل بولماس ئىكەن بىردەك ئو...
خەتكۈچلەر: | ئىنكاس: 0 | تەپسىلاتى
بۇ توغرىدىكى ئۇقۇم كاللامدا ئېنىق بولسىمۇ، يەنىلا نەشر قىلىنغان لۇغەتتىكى تەبىرنى ئالغىنىم ياخشىراقتەك تۇرىدۇ.
رومان (فىرانسۇزچە سۆز) سىغىمچانلىقى ئەڭ زور بولغان ئەدەبىي ژانىرنىڭ بىر خىلى، بايان خاراكتېرىدىكى ئەدەبىي بەدىىي ئەسەر.
رومان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئىجتىماىي تۇرمۇش كارتېناسى بىلەن زىددىيەت، توقۇ نۇشنى بايان قىلالايدۇ. بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش كارتېناسى ۋە زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ تولۇق ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، تالاي قاتناشقۇچىلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن روم...
خەتكۈچلەر: قۇتلۇق ئەپەندى | ئىنكاس: 0 | تەپسىلاتى