كۆرۇپ كۇلمەي تۇرالمايسىز
1 . نىكاھدىن ئاجرىشىش
سوتچى بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش ھۆكۈمىنى چىقىرىىپ بولغاندىن كىيىن . بەش ياشلىق ئوغلىدىن سورھپتۇ :
_ سەن قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى خالايسەن ؟
_ كومپڭئوتېر بىلەن تېلۋوزورنى كايسى تەرەپكە بۇيرۇپ بەرگەن بولسىڭىز ،شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى خالايمەن -دەپتۇ ئوغلى.
2 . كۆپ بالىلىق ئائىلە
بىر ئايال ئالتە بالىسىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپتۇ ،بالىلار بولسا شوخلۇق قىلىپ ئەتراپتىكى يولۇچىلارغا زادى ئاراملىق بەرمەپتۇ.ئۇلارنىڭ قىيا-چىياسىغا بەرداشلىق برەلمىگەن بىر يولۇچى مۇنداق دەپتۇ :
_يولغا چىققاندا ھىچ بولمىغاندا بالىلارنىڭ يېرىمىنى ئۆيگە قويۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ !_ دەپ ئاغرىنىپتۇ .
_بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز ، ئەپەندىم مەن باشقىلارغا دەخلىسى بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ، بالىللىرىمنىڭ يېرىمىنى دادىسى بىلەن بىللە ئۆيدە قويۇپ قويغان ئىدىم ،_دەپتۇ ئايال تەئەججۈپلەنگەن ھالدا .
3 . تىنىچلىنىش
يولدا ئككى ماشىنا سوقۇشۇپ كىتىپ ،شوپۇرلار قاتناش ساقچىسىنىڭ كىلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.. ئارىدىن بىرىسى بىر ساندۇق پىۋىنى يانا نبىر شوپۇرغا سۇنۇپ :
_ كەل بۇنى ئىچىپ تىنىچلىنىۋالغىن،_ دەپتۇ
_ سەن ئىچمەمسەن ؟- دەپتۇ يەنە بىرسى بىر يۇتۇپ ئىچەندىن كىيىن .
_ مدن ساقچى كىلىپ ، قېنىمنى تەكشۈرەپ بولغاندىن كىيىن ئىچەي ،_ دەپتۇ شوپۇر ئۇستام .
4 . جەرىمانە
قاتناش ساقچىسى ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىۋاتقان پوپنى توسۇپ مۇنداق دەپتۇ :
_كەچۈرۈڭ ، ئەپەندىم ،ۋېلىسپىتىڭىزنىڭ چىرىغى ۋە تورمۇزى يوق بولغانلىقدىن 10 يۇئەن جەرىمانە قويىمەن دەپتۇ .
بالام ، پەرۋەردىگار مىنى ئۆز پانايىدا ساقلايدۇ ،_ دەپتۇ پوپ .
_ئادەم ئېلىپ ۋېلىسپىت مىنسىڭىز يەنە 10 يۇئەن جەرىمانە تۆلەيسىز ، _دەپتۇ قاتناش ساقچىسى .
5 . ئېغىر ئېلىش
ناھايتى بەك سەمرىپ كەتكەن ئايال ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپمۇ ، ھىچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرەلمەپتۇ .يېقىندىن بىرى ئۇ تېىخىمۇ سەمرىپ كىتىپ ،كىيىملىرى پاتمايلا قاپتۇ .بىر كۈنى ئۇ ئىرىگە ئاغرىنىپ مۇنداق دەپتۇ :
نەۋرىلىك بولۇپ قانچە سەمرىسەممۇ ، ھىچكىم ئېغىر ئالمىسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى _ ھە؟
_ئۇ چاغدىمى ئېغىر ئالىدىغانلار چىقىدۇ ؟_ دەپتۇ ئىرى .
_ كىم چىقىدۇ ؟
_ نەۋرەڭنىڭ بوۋېسى دەپتۇ ، _ ئىرى
6 . پۇل ئەۋەتىش
قىزغىن مۇھاببەتلىشىۋاتقان ئوغلى بېخىل دادىسىدىن پۇل سوراپ مۇنداق دەپ خەت يېزىپتۇ .
قەدىرلىك داد :ئەگەر مىنى ياخشى كۆرسەڭ .ماڭا 20 يۇئەن ئەۋەتىپ بەر .مەن ئۇ پۇلغا بولغۇسى خۇتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز تويلۇق سۆرەتكە چۈشۈپ ، ئەۋەتەي دىگەن ئىدىم ،_ دەپتۇ .
بۇ خەتنى كۆرگەن دادىسى مۇنداق جاۋاپ خەت يېزىپتۇ :
بالام : سەن ئاشۇ بولغۇسى خوتۇنۇڭنىڭ سۆرىتىنىلا ئەۋەتكىن ،سىنىڭ ئەپتىڭ ماڭا بەش قولدەك ئايان ،سۆرىتىڭنى ئەۋەتمىسەڭمۇ بولىدۇ ،: دەپتۇ دادىسى .
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان 10 سىر
- ئۆسمۈرلەرنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كورىيەلىك «ئاختا» قىلىنماقچى
- 77 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىل جازا ھۈكۈمىنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدى
- ئەيدىز بىمارىنىڭ90كۈندىكى ھالىتى
- توردىكى مۇنداق ئالدامچىلىق
- دۆلىتىمىزگە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن 10 چىمپىيون نازىنىن
- يېتىلىۋاتقان ياش پۇتبول چولپىنى قىز دوستىنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن
- مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنى بىلەمسىز؟
- نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى ئېغىز تەگكەن پىرامىدا ساڭزا
- دۇنيادىكى ۋەھشىي زەھەر كاتتىۋېشى ئامېرىكىدا سوتلاندى