كالانپاي يىگىتنىڭ جاۋابى
مەلۇم كەنتتە يېشى 40 تىن ھالقىغان بىر يىگىت بار ئىكەن. كەنتتىكىلەر ئۇنى ‹‹كالانپاي يىگىت›› دەپ ئاتايدىكەن. بۇ يىگىتنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى ئاتىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن غەم يەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئاتىسى بىر كۈنى يىگىتكە بىر لايىق تېپىپ قويغانلىقىنى، قىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە:
ـــ ئوغلۇم، قېيىنئاناڭ ناۋادا سەندىن: ‹‹ئۆيۈڭلاردا نېمىشقا سۆگەت يوق؟›› دەپ سورىسا، سەن: ‹‹ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا سېتىۋەتتىم››، دەپ جاۋاب بەر. ‹‹ئۆيۈڭلاردىكى بۇنچە كۆپ ئاشلىق نەدىن كەلگەن؟›› دەپ سورىسا، سەن: ‹‹بۇلار ئاتا-ئانامنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن كەلگەن›› دەپ جاۋاب بەر. مۇبادا: ‹‹ئائىلەڭلاردىن سىزدەك تالانت ئىگىلىرى قانچىلىك ۋاقىتتا بىر چىقىدۇ›› دەپ سورىسا، ‹‹ئائىلىمىزدە مەندەكلەر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد چىقىپ تۇرىدۇ›› دەپ جاۋاب بەر، ـــ دەپتۇ.
ئاتا ئوغلىدىن يۇقىرىقى سوئاللارنى سوراپ سىنىغانىكەن، دەرۋەقە سىناقتىنمۇ ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى خاتىرجەم ھالدا سەپەرگە كېتىپتۇ. ئەتىسى كالانپاي يىگىتنىڭ بولغۇسى قېيىنئانىسى كەپتۇ. ئايال يىگىتتىن:
ـــ ئاتىڭىز قېنى؟ ـــ دەپ سوراپتىكەن، يىگىت بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن:
ـــ ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا سېتىۋەتتىم، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئايال يىگىتنى چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ھويلىغا كىرىپتۇ. ئۇ ھويلىدا بىر دۆۋە كالا تېزىكىنى كۆرۈپ، يىگىتتىن: ـــ نېمانچە كۆپ كالا تېزىكى بۇ، سۈپۈرۈۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟ ـــ دەپتىكەن، كالانپاي يىگىت مەغرۇرلانغان ھالدا:
ـــ بۇلار ئاتا-ئانامنىڭ ئەجرىدىن كەلگەن، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقلانغان ھالدا يىگىتكە:
ـــ سىز نېمانچە دۆت؟ ـــ دەپتىكەن، يىگىت:
ـــ ئائىلىمىزدە مەندەكلەر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد چىقىپ تۇرىدۇ، ـــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپ بىلەن ئايالنىڭ نېرۋىسى قىرىق گەز ئۆرلەپ، ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي چىقىپ كېتىپتۇ.
بىزنى قوللىسڭىز ئاسىتىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ!تەكلىپ-پىكىر ۋە ياكى مۇشۇ مەزمۇنغا قارىتا كۆز قارىشڭىزۋە ياكى تەكلىپ-پىكىر بولسا ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ
تۈۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل!
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىم مەدەنىيىتى
- بىرازىلىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى يىڭى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
- 6نەپەر شەرقىي تۈركىستان تىرورچىسى ئېلان قىلىندى
- پىكىر بېرىڭ
- دادا پاھىشە چاقىرسا ئۆز قىزى كەلدى
- ھورۇنلۇقتىن كەشپىيات چىقىدۇ!
- بېشى يوغان بولسا ئەقىللىق بولامدۇ
- QQدا يېڭچە ھەقسزQ币قاچىلاش ئۇسۇلى بار!
- يۈرەكنىڭ سەككىز يۈز مېليون قېتىم سوقۇشى
- NBA بىرلەشمىسى:راكېتا ئۇدا ئۈچ يىل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن قالدى! ئوت 97 : 88 راكېتا
راسلا كالانپاي ئىكەنغۇ…ھا ھا…………