ئىزدە     

ئېشەك ئوغرىسى(ھېكايە)

ۋاقتى 2012-07-12 12:05 | كىلىش مەنبەسى:ئەلگە نەپ تور كولۇبى | ئوقۇلۇشى

   مەھەللىمىزدە توختى ‹‹ئېشەك›› دېگەن بىرسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ مەھەللىنىڭ مەسچىتى يېنىدىكى ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان كونا ئۆيىنى كىچىكىمدىن بىلەتتىم. ئۇنى يىراقتىن بىر قېتىملا كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن تۇرۇپ پاراڭلىشىش مەھەللىمىزدىكى مەن دېمەتلىك بالىلاردىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمىغانىدى. ئاتا – ئانىلىرىمىز ئۇنىڭ گېپى چىقسىلا ‹‹توختى ئېشەك تۈرمىدە نەچچە ئون قېتىم يېتىپ چىققان ئوغرى، ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ھەپتە ئۆتمەيلا يەنە تۈرمە دەرۋازىسىدا پەيدا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا يولۇققان كىشىدىن ئوغرىنىڭ شېرىكى دەپ خەق گۇمانلىنىدۇ›› دەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايتتى.

   شۇنداق قىلىپ، كىچىكىمىزدە توختى ئېشەكنىڭ قورقۇنچلۇق، ھەيران قالارلىق ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان تەڭ دېمەتلىكلەر چوپ – چوڭ ئادەم بولۇپ، تەرەپ – تەرەپكە تارقاپ، خىلمۇخىل كەسىپ بىلەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈردۇق. مەنمۇ ئوقۇپ، خىزمەتكە چىقىپ، شەھەردە ئىشلەپ يۈرۈپ، ھەش – پەش دېگۈچە بالامنىڭ ئالدى 20 ياشلارغا تاقاپ قالدى. بۇ قېتىمقى ‹‹ئالتۇن ھەپتە››لىكتە دادامنى، ئىنى – سىڭىللىرىمنى ۋە يۇرتتىكى قېرىنداشلارنى يوقلاش نىيىتىدە خوتۇن – بالىلىرىمنى ئېلىپ يۇرتقا كەلدىم.

   كېلىپلا كۆزۈمگە چېلىققان يېڭىلىق مەھەللە مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى توختى ‹‹ئېشەك››نىڭ خارابە ئۆيى ئورنىغا يېڭىدىن سېلىنغان پىششىق خىشلىق، چاققانغىنا ئۆي بولدى. بۇ يېڭىلىقنىڭ سىرىنى ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن دادام داستىخان ئۈستىدە يېشىپ بەردى. توختى ‹‹ئېشەك›› ئۈچ – تۆت ئاينىڭ ئالدىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، مەھەللىگە قايتىپ كەپتۇ. ھۆكۈمەت ئۇنىڭ توپا دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئۆيىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىپتۇ. توختى ‹‹ئېشەك›› ھازىر كۆپ تۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. ھۆكۈمەت تېخى ئۇنىڭغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى بېرىدىكەن. جامائەتمۇ ئۇنى ئارىغا ئاپتۇ. ئۇ ‹‹كىتاب يازىدىغان بىرەر ئادەم ئۇچرىسا، بېشىمدىن ئۆتكەننى سۆزلەپ بەرسەم، يېزىپ قويسا›› دەپ يۈرەرمىش.

   ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن قىزىقىشىم بويىچە توختى ‹‹ئېشەك›› نىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. سالام بىلەن ھويلىغا كىرىشىمگە سۆگەت بادىرىسىدا كەتمەن سېپى ياساۋاتقان، قارامتۇل، چاچ – ساقاللىرى ئاقارغان بىر بوۋاي تەستە ئورنىدىن تۇردى. بۇ كىشىنىڭ توختى ‹‹ئېشەك›› ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى. پاتىھەدىن كېيىن ئۇ كىشى داستىخان سالغاچ، باش – ئايىغىمغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشۇمنى كۈتمەيلا:

   سۇلايمانئاخۇننىڭ بالىسىغۇ سىز؟ چوڭ كادىر بولۇپ كەتتى دەپ ئاڭلىغان، سىز شۇغۇ؟ دەپ سورىدى مەندىن. نېرى – بېرى پاراڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى خاتىرىلەپ قويىدىغان ئادەم ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئۇ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئېغىر ئۇھ تارتىۋېتىپ ھېكايىسىنى باشلىدى.

   ئەقلىمگە كەلسەم، ئائىلىمىزدە دادام، ئاچام، مەن ۋە سىڭلىم تۆت نوپۇس باركەنمىز. مەن چوڭ بولۇپ، كەتمەننىڭ سېپىنى تۇتقۇدەك بولغاندا داداممۇ بىزنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. مەكتەپتىنمۇ يېنىپ چىقتىم. ئۇزاق ئۆتمەي ئاچام بۆلەك بىر كەنتكە ياتلىق بولۇپ كەتتى. سىڭلىمنى مەكىتتىكى دادامنىڭ سىڭلىسى بېقىۋالىدىغان بولۇپ ئېلىپ كەتتى. مەن تىكەندەك يالغۇز قالدىم. دادامدىن قالغان ئازغىنا تەئەللۇقاتمۇ كوپىراتسىيەگە قوشۇلۇپ تۈگىدى. ھېچنېمەم بولمىغان بىلەن كۈچۈم، ئەقلىم بار ئىدى. خەق بىلەن تەڭ، ھەتتا ئوشۇق ئىشلىسەممۇ ماڭا تېگىشلىك نومۇر باشقىلارنىڭ ھېسابىغا خەتلىنەتتى. شۇنداقتىمۇ ئاكتىپ ئىشلىدىم. لېكىن پايدىسى بولمىدى. ئاخىرى ئېچىپلا تۇرىدىغان رەھىمسىز قورساق مېنى شۇ چاغلاردا ئەڭ ئاسان جان باققىلى بولىدىغان ئوغرىلىق يولىغا باشلىدى. دەسلەپ قوغۇن – تاۋۇز، بىرەر توخۇ، بىرەر خالتا ئۇن ئوغرىلاپ جېنىمنى جان ئېتىپ يۈردۈم. كېيىن بارا – بارا يۈرىكىم يوغىناپ، قوي – ئۆچكە ئوغرىلاشقا باشلىدىم. لېكىن ئۇ چاغلاردا مەھەللىدە ئوغرىلىغۇدەك ئۇنچە كۆپ نەرسىمۇ بولمىغاچقا، ئاسانلا تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە سۇلاندىم. تۈرمىنىڭ شارائىتى ناچار بولسىمۇ قورساق تويغۇزۇشتىن غەم يېمەيتتىم. ئۇ چاغدا ھەممە كىشى ‹‹ئىنقىلاب›› بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، ئالتە ئايغىچە ھېچكىم مەندىن ‹‹سەن نېمە جىنايەت بىلەن كىرگەن؟›› دەپ سورىمىدى. قورساق غېمىدىن باشقا غېمىم بولمىغاچقا، بەخىرامان يېتىۋەردىم. تۈرلۈك قالپاق، يالا – تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە سولىنىدىغانلار كۆپىيىۋەرگەچكە، مەندەك ئوغرىلىق بىلەن تۇتۇلغانلارنى قويۇۋېتىپ، تۈرمىنى بىكارلاشقا توغرا كەلگەن چېغى، بىر كۈنى مەندەك ئوغرىدىن 20 – 30 نى تازا قورقۇتۇپ قويۇۋەتتى. ئەترەت باشلىقىنىڭ نازارىتى بىلەن مەھەللىگە قايتىپ كەلدىم. قىلىدىغان ئەمگىكىم بۇرۇنقىدىن ئېغىرلاشتى، يەيدىغىنىم يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىم كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا قالدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىر يەنە بىر قېتىم ئوغرىلىق قىلىپ، ئۈچ ۋاق تامىقى تەييار تۈرمىگە كېتىش قارارىغا كېلىپ، بىر كۈنى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئېغىلىغا يېرىم كېچىدە ئوغرىلىققا كىردىم. مەقسىتىم تۇتۇلۇش بولغاچقا، پاكار ھويلا تېمىدىن ‹‹پالاق – پۇلۇق›› ئاۋاز چىقىرىپ ھويلىغا سەكرەپ، ئېغىلنىڭ ئىشكىنى غىچىرلىتىپ ئېچىپ كىرىشىمگە، ئېغىلدىكى ئېشەك قاتتىق ھاڭرىۋەتتى. مەن دەماللىققا ھودۇقۇپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن دەرھاللا ئۆزۈمنى توختىتىۋېلىپ، ئارغامچىنى يېشىپ، خۇددى سۇغارغىلى ئېلىپ ماڭغاندەكلا ئېشەكنى سىرتقا يېتىلەپ ماڭدىم. بايىقى شەپە ۋە ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىدىن ئويغىنىپ، ئاللىقاچان ھويلىغا چىقىپ بولغان ئىمام ئاخۇنۇم مېنى كۆرۈپلا ‹‹ئوغرىنى تۇتۇڭلار!›› دەپ مەھەللىنى بېشىغا كىيدى. نەق مەيداندا زاڭ مال بىلەن تۇتۇلدۇم. ئەتىسى بىر كۈن ھېلىقى ئېشەكنىڭ جۇمبۇرى بوينۇمغا سېلىنىپ، ئارغامچىسىدا باغلىنىپ، يۈزۈمگە قارا سۈرتۈلۈپ ئېشەك بىلەن بىللە يېزا بازىرىدا سازايى قىلىنىپ تۈرمىگە سولاندىم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن توختى ‹‹ئېشەك›› دەپ نامىم چىقىپ كەتتى. زاماننىڭ قانداق ئۆزگىرىشى بىلەن كارىم يوق تۈرمىگە كىرىش – چىقىش بىلەن يۈرۈۋېرىپتىمەن. كېيىنكى تۇتۇلۇشۇمدا ‹‹تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن›› دەپ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم. مۇددىتىم توشۇپ چىقسام، يەرلەر ئائىلىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بوپتۇ. ‹‹يۇرتۇمدا نېمە ئىش بولغاندۇ؟›› دەپ مەھەللىگە كەلسەم، دادامدىن قالغان ئۆي قارىغۇسىز بولۇپ كېتپتۇ. خەقلەرنىڭ ماڭا قارارغا كۆزى يوق. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، يېزا بازىرىغا كەلدىم. يانچۇقۇمدا سېنت يوق، بىرەر كىشىگە ياردەملىشىپ ئىشلەپ قورساق باقاي دېسەم، توختى ‹‹ئېشەك›› دېگەن نامىم دەخلى قىلىپ ھېچكىم يېنىغا يولاتمىدى. ئاچ قورساق كۈننى كەچ قىلىپ، كەچكە يېقىن بىر دەڭنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتىمەن، كۆزۈم توقۇقلۇق بىر قارا ئېشەككە چۈشۈپ قالدى، چۇلۋۇرىنى يېشىپلا مىنىپ قاچتىم. كاساپەت ئاتتەكلا تېز چاپىدىغان ئېشەككەن، كېچىچە ھېچ توختىماي مېنى شەھەر تەۋەسىگە ئاپاردى. تاڭ سۈزۈلەرگە يېقىن قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئايىقىدىراق بىر چىملىقتا مۈگدەپ قاپتىمەن. بىرسى سىلكىپ ئويغاتتى، قارىسام مەن دېمەتلىك بىرىكەن، سالاملاشتۇق، مەن يالغاننى توقۇپ ئۇنى ئېشەكنى خوتۇنۇمنى داۋالىتىش ئۈچۈن ساتقىلى ئېلىپ ماڭغىنىمغا ئىشەندۈرۈپ، 450 كويغا ساتتىم. بۇ چاغلاردا يېشىم ئاللىقاچان 40 قا تاقاپ قالغان بولۇپ، يۈزلىرىمنى قورۇق، چاچلىرىمنى ئاق قاپلاپ كەتكەنىدى. شۇڭا ساقىلىمنى قويۇۋېتىپ، شۈمشىيىپ يۈرسەم ھېچكىم مېنى تونۇيالمايتتى ھەم ‹‹ئېشەك ئوغرىسى›› دەپ گۇمانمۇ قىلمايتتى. شۇنداق قىلىپ بىرنەچچە زامان ئاشۇنداق جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈردۈم. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەر كۈنى دەككە – دۈككىدە قېچىپ يۈرۈش، ئاچ – توق قېلىش ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر كۈنى كېچىسى رەھمەتلىك دادامنى چۈشەپ قاپتىمەن، ئويغىنىپ دادامنىڭ بېشىنى يوقلىمىغىنىمغا تالاي يىللار بولغىنىنى ئويلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم ۋە ھەرنېمە بولسا يەنە يۇرتقا بېرىپ دادامنىڭ تۇپرىقىنى يوقلاش قارارىغا كەلدىم. دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىپ تازا يىغلىدىم. دادام ماڭا ‹‹ئەمدى بولدى قىل ئوغلۇم، ساڭا ئەسقاتىدىغىنى يۇرت، يۇرتنىڭ پېشىنى چىڭ تۇت…›› دەۋاتقاندەك بىلىندى. مەھەللىگە كەلسەم يۇرتداشلىرىمنىڭ ھال – كۈنى ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ. مېنىمۇ چەتكە قاقمىدى. تەشكىل ماۋۇ ئۆينى سېلىپ بەرگەننىڭ تاشىيانىدا پۇلمۇ بېرىۋاتىدۇ. نېمىشقا كېيىنرەك تۇغۇلمىغاندىمەن دەپمۇ قالدىم. قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلسام ئورنىغا كەلمىدى. ئەمما پۇشايمان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغۇ؟! شۇڭا مېنى يېزىپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلسۇن، دەۋرنىڭ قەدرىگە يېتىشنى ئۆگەتسۇن دەپ يازغۇچى ئىزدىگەنىدىم. شۇنداق قىلالارسىزمۇ؟

   مەن ئۇنىڭغا بېشىمنى لىڭشىتىپ جاۋاب بەردىم. چۈنكى يازغۇچى بولمىساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەچۈرمىشىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش قولۇمدىن كېلەتتى.

 

 

ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئەلگە نەپ تور كولۇبى___便利民博客 نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


使用腾讯微博登陆


     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى