ئىزدە     

ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا(SSD )سېتىۋالامسىز

يوللانغان ۋاقتى 2012-07-04 06:01 كۆرۈلۈشى:288 قېتىم

كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ  ئۆزەكلىك  قاتتىق دىسكا(SSD ) ساھەسىگە قەدەم قويىشى بىلەن قاتتىق دىسكا بازىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ پۈت تىرەپ تۇرۇش ئەندىزىسىدىمۇ ئۆزگۈرۈش چوڭ بولىۋاتىدۇ،كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ،بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ئاستا-ئاستا ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا شەك شۈبىھىسزكى كىيىنكى ئەۋلاد ماتېرىيال ساقلاش ۋاستىلىرى ئىچىدە ئاۋانگارتلىق ئورۇنغا چىقىدۇ، ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ئىستېمالچىلارنىڭ قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتى،مۇقۇملىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېھتىياجلىرىنى تامامەن قامداپ كېتەلەيدۇ.ھەم بۇجەھەتتىكى تەرەققى قىلىش بوشلۇقى ئىتايىن چوڭ.ھەرقايسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنى ھەربىر ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى بولسا ، ئالدى بىلەن كىچىك سىغىمدىكى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تەڭشەپ،ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش،بۇ ئارقىلىق كىيىنكى قەدەمدە چوڭ سىغىمدىكى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈرۈش قىلىش بولۇپ،ھازىر مۇشۇ ئەندىزە بويىچە باھاسى 1000يۈئەندىن تۆۋەن بولغان كۆپلىگەن ئۆزەكلىك قاتتىق دېسكىلار مەيدانغا كەلدى،مەن تۆۋەندە بازاردا سېتىلىشى ياخشى بولىۋاتقان بىرقانچە خىل ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا سېتىۋىلىش ئويى بارلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
1.سەنشىڭ شىركىتىنىڭ SSD 830 تىپىدىكى128GB سىغىملىق ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىسى .

بۇخىل تىپتىكى  ئۆزەكلىك  قاتتىق دېسكنى پۈتۈنلەي سەنشىڭ شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ بازارغا سالغان،ئۆزىنىڭ مۇستەققىل بولغان ARM بىرتەرەپ قىلغۇچ تېخنىكىسى قوللىنىلغان.بۇخىل ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ جىڭ دۇڭ سودا شەھەرچىسىدىكى باھاسى 799 يۈئەن.بۇخىل ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭ يوللاش ئېغىزى SATA3.0 ئۆلچەمدە،يەتكۈزۈش سۈرئىتى SATA 6Gbps ،ھەمدە SATA2.5/2.0/1.0 تىپتىكى ئېغىزلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
2. ۋېيگاڭ S501 تىپلىق 128GB سىغىملىق ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا

نۆۋەتتىكى باھاسى 749يۈئەن،ۋېيگاڭ شىركىتى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئاكتىپ كارخانىلارنىڭ بىرى،مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تىز. بۇ ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا ئەسلىدىنلا SATA3.0 6Gb/s سۇپىسىنى قوللايدىغان بولۇپ،سۆرەت جەھەتتىكى تىزلىكىنى تولۇق نامايان قىلغان.ئوقۇش سۈرئىتى ھەر سىكۇنتتا 550MB ،يېزىش سۈرئىتى بولسا 510MB ، ئۈچ يىللىق سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
3.مېيگۇاڭ M4 تىپىدىكى 128GB سىغىملىق ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا

 

 

بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان شىركەت Crucial بولسا سۈپەت ۋە ئىشەنچنى ئاساس قىلىپ قاتتىق دىسكا ئىشلەش ساھەسىدە شۇغۇللىنىۋاتقىلى 15يىلدىن ئاشتى،ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ناھايىتى يوقۇرى،بۇ قاتتىق دېسكىغىمۇ SATA3.0 6Gb/s سۇپىسى قوللىنىلغان، ئوخشاشلا SATA2.5/2.0/1.0 تىپتىكى ئېغىزلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ.روشەن ئالاھىدىلىكى بولسا قوزغىلىش سۈرئىتى باشقا ھەرقانداق بىر ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىنىڭكىدىن يوقۇرى،شاۋقۇن تۆۋەن،قىزىمايدۇ.
4.خەيداۋ چۈئەن 海盗船) Force )تىپتىكى 128GB سىغىمدىكى ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكا

 

بۇخىل ئۆزەكلىك   قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى 799 يۈئەنSATA II ئۇلاش ئېغىزى قوللىنىلغان،ئوقۇش سۈرئىتى ھەر سىكۇنتتا 550MB ،يېزىش سۈرئىتى بولسا 510MB ،تەخمىنەن ئۆمىرى 2مىلىيۇن سائەت بولىشى مۇمكىن.ئەسكەرتىش:يوقۇرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىلارنىڭ باھاسى بىردەك جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى (http://www.360buy.com/) دىن ئېلىندى.

 

 

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: كومپىيوتېر تور بىلىملىرى | ئىنكاس سانى: 1 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى