ئىزدە     

ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تاپشۇرۇقلىرى

يوللانغان ۋاقتى 2012-08-09 04:44 كۆرۈلۈشى:147 قېتىم

ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرى ئاز بولۇپلا قالماي، ئىنتايىن قىزىقارلىق. تاپشۇرۇق تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ:

1. ئۆرنەكلەرنى بوياش ۋە رەسىم سىزىش. تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى تاپشۇرۇقتىن ھۇزۇر ئالىدۇ، يەنى ئۇلارغا چىشنى چوتكىلىغاندىن كېيىن ئۆرنەكلەرنى تولدۇرۇش (بوياش) تاپشۇرۇقلىرى بېرىلىدۇ. بالىلار ئەتىگەن ۋە كەچتە چىشىنى چوتكىلىغاندىن كېيىن، ئۆرنەكنى تولدۇرۇش ئارقىلىق ئاڭلىق چىش چوتكىلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رەسىم ئارقىلىق خاتىرىلەش تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ؛

 

2. كىتاب ئوقۇش تەسىراتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. يازلىق، قىشلىق تەتىلدە چوقۇم كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى يېزىش تاپشۇرۇقى بېرىلىدۇ؛

 

3. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا توردىن ئۆزى تۇرىۋاتقان رايوندا قانچە كىتابخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى بارلىقىنى تېپىش ياكى ياخشى كۆرىدىغان دوكتۇرلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تاپشۇرۇقلارنى بېرىدۇ؛

 

4. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىدا «ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش خاتىرىسى» دېگەن مەزمۇن بولۇپ، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدە بايقىغان ھەم ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرىگە يېزىپ، چوڭلارنىڭ پىكىر يېزىشىغا بېرىدۇ.

 

ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خەت يازىدىغان تاپشۇرۇقلىرى ئاز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇق بەرسە، «ۋاقتىڭلار بولسا ئىشلەڭلار، بولمىسا ئىشلىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتىدۇ، چۈنكى ياپونىيە مائارىپچىلىرى ئۇنىۋېرسال ساپانى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: پەن-مائارىپ | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى