ئىزدە     

ئامېرىكىدا دوختۇر بولماق قىيىن

يوللانغان ۋاقتى 2012-07-10 13:36 كۆرۈلۈشى:276 قېتىم

ئامېرىكىنىڭ تېببىي پەن مائارىپى دۆلىتىمىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ . دۆلىتىمىزدە تېببىي پەن مائارىپى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىدىن باشلىنىدۇ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئالىي مەكتەپنىڭ تېببىي پەن كەسپىگە ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ ، ئوقۇش مۇددىتى ئادەتتە بەش يىل بولۇپ ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ، تېببىي پەن بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ ؛ يەتتە يىللىق ئوقۇش تۈزۈمدىكىلىرىمۇ بار بولۇپ ، ‹‹باكلاۋۇرلۇق بىلەن ماگىستىرلىقنى ئۇلاپ ئوقۇش ›› دەپ ئاتىلىدۇ ؛ يەنە سەككىز يىللىق ئوقۇش تۈزۈمدىكىلىرىمۇ بار بولۇپ ، ‹‹باكلاۋۇرلۇق ، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ›› نى ئۇلاپ ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ ، سەككىز يىللىق ئوقۇش مۇددىتى توشۇپ ، مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسى لاياقەتلىك بولغانلار تېببىي پەن بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ.

   ئامېرىكىنىڭ تېببىي ئىنىستىتوتلىرى تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ ، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزۈگەنلەر ياكى مۇناسىۋەتلىك ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلارلا تېببىي ئىنىستىتوتتا ئوقۇيالايدۇ . ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرسىدا تېببىي پەن كەسپى بولمايدۇ ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكىلەر دەرھال كەسىپ تاللىمىسىمۇ بولىدۇ ، ئىستودېنتلار قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە ئوخشىمىغان دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇسا بولىدۇ . ئەگەر ئىستودېنتلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن تېببىي ئىنىستىتوتقا كىرىپ ئوقۇماقچى بولسا ، ئۇنىۋېرىسىتېتتىكى تۆت يىل جەريانىدا تېببىي پەنگە دائىر بىر قانچە كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇشى كېرەك ، بۇ كەسىپلەر ئاساسلىقى خىمىيە ، فىزىكا قاتارلىق ساھەگە يىغىنچاقلانغان بولىدۇ . ئەگەر بۇ كەسىپلەرنى ئوقۇمىغان بولسا ، ئۇلارنىڭ تېببىي ئىنىستىتوتلارغا قوبۇل قىلىنىشى قىيىن. تېببىي پەن تەييارلىق سىنىپى كەسىپ ئەمەس ، بەلكى كەلگۈسىدە تېببىي ئىنىستىتوتقا كىرىش ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق. يېڭى ئىستودېنتلار بەلگىلەنگەن تېببىي تەييارلىق پەنلىرىنى ئوقۇغان بولسىلا، مەيلى قايسى كەسىپتە، مەسىلەن، ئەدەبىيات ، تارىخ ، ئاۋىياتسىيە ، ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان بولسۇن ، تېببىي ئىنىستىتوتقا قوبۇل قىلىنالايدۇ .

   ئامېرىكا تېببىي ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى ئىنتايىن قاتتىق ، رىقابەت كەسكىن . تېببىي ئىنىستىتوتقا ئوقۇشقا كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار تېببىي تەييارلىق سىنىپىنىڭ دەرسلىكلىرىنى مەجبۇرىي ئوقۇغان ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن سىرت، دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان تېببىي ئىنىستىتوتقا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېببىي ئىنىستىتوتقا كىرىشىنىڭ بىرقانچە خىل تەلەپلىرى بار. مەسىلەن، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماسى ۋە مەكتەپتىكى چېغىدا قاتناشقان جامائەت مۇلازىمىتى، ئۇيۇشما پائالىيەتلىرى خاتىرىسى قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك.

   ئوقۇغۇچىلار تېببىي ئىنىستىتوتقا كىرگەندىن كېيىن تۆت يىل ئوقۇيدۇ. ئىستودېنتلار مەكتەپ پۈتكۈزۈپ دوختۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن دەرھال دوختۇر بولالمايدۇ ، ئاۋۋال كېسەلخانا دوختۇرى (بىر يىل پراكتىكانت دوختۇر) بولۇپ ئىشلەيدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن (ئۈچ يىلدىن يەتتە يىلغىچە)، ئۇلار تېببىي پەن گۇۋاھنامىسى ئېلىش باسقۇچلۇق ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغاندىلا رەسمىي دوختۇرلۇققا تەكلىپ قىلىنىدۇ ياكى ئۆز ئالدىغا دوختۇر بولسا بولىدۇ.

   ئامېرىكىدا دوختۇر بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن سىرت ، تېببىي ئىنىستىتوتنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە كېلىنىتكا دوختۇرىلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئامېرىكىدا دوختۇر بولۇشقا ئالدى–كەينى بولۇپ 10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ . بۇلار تېخى ئادەتتىكى دوختۇرلارغا قارىتىلغان ، مەخسۇس كېسەللەر دوختۇرى ياكى تاشقى كېسەللەر دوختۇرىنىڭ پراكتىكا مۇددىتى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ .مۇشۇنداق ئۇزاق مەزگىللىك ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق ، 30 ياش ئەتراپىدا ئاندىن دوختۇر بولغىلى بولىدۇ .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: قىززىق نۇقتا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى