ئىزدە     

شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسى ناھىيە ئىسمىنى «دولان ناھىيەسى» گە ئۆزگەرتمەكچى

يوللانغان ۋاقتى 2012-07-09 11:23 كۆرۈلۈشى:240 قېتىم

يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى تۇنجى قېتىم مۇخبىرلارغا مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئىسمىنى دولان ناھىيەسىگە ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ناھىيە نامىنى دولانغا ئۆزگەرتىشنىڭ بۇ جاينىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا ياردىمى بولامدۇ؟ ئۆزگەرتىش بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىغا يەنە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
شىنجاڭدا « قەشقەرگە كەلمىسەڭ، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايسەن، مەكىتكە بارمىساڭ، قەشقەرگە بارغاندەك بولمايسەن» دەيدىغان بىر گەپ بار.

نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسى داڭقى چىققان «دولان مەدەنىيەت يۇرتى»، دولان ئۇسۇلى، دولان مەشرىپى، دولان مۇقامى، دولان دېھقانلىرىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى، دولان قويىنىڭ داڭقى ھەممە يەرگە تارقالغان. دولان «جەم بولۇش، توپلىشىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2006-يىلى 5-ئايدا، «جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى» ب د ت تەرىپىدىن دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ تىزىمغا ئېلىنغان ، مەكىت ناھىيەسىمۇ «دولان مۇقامى»غا ئەگىشىپ، تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن«دولان مەدەنىيىتى»نىڭ نامى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تارالغان، ئەمما ئۇنىڭ مەنبەسىنىڭ «مەكىت ناھىيەسى» ئىكەنلىكىنى خېلى كۆپ كىشىلەر بىلمەيدۇ، بۇ مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئىسىمنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: قىززىق نۇقتا | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

     

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | پىكىر بېرىڭ | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى